بالىڭىز باشلانغۇچ مەكتەپكەكىرگۈدەك بولدىمۇ ؟ سۇ ھەر يىلى 8 – ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان ۋاقىت . باشلانغۇچ مەكتەپكە كىردى دېگەنلىك بالىلار يېڭى ئۆگىنىش مۇھىتى ، يېڭى تۇرمۇش قانۇنىيەتلىرى ، بارغانسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئۆگىنىش ۋەزىپىسىگە يۈزلەندى دېگەنلىك . نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە قاچان قۇبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ . يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىدىغان كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ . بالىلىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغاندىن تارتىپ پۈتتۈرگىچە ئارىلىقتا مەكتەپتىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ئوقۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ، زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ . ئەمما بالىلىرى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگۈدەك ساپا ھازىرلىدىمۇ – يوق بۇنىڭ بىلەن ئەنچەھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ . باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ئالدىدا بالىڭىزنىڭ تەييارلىقى پۈتتىمۇ ؟ تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
ئەلۋەتتە ، بالىلارنىڭ تەييارلىقى بويىنىڭ ئۆسۈشى ، يېشىنىڭ يەتتىگە توشۇشى بىلەنلا ئۆزلۈكىدىن پۈتۈپ قالمايدۇ . بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئەخلاقىي ، ئەقلىي، جسمانىي ، گۈزەللىك ، جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىپ ، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىغۇدەك ، ئارزۇيىدىكىدەك ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن تەربىيىلەش زۆرۈر . بىزدە « نېمىنى تېرىساڭ ، شۇنى ئالىسەن » دېگەن ماقال بار . ئاتا – ئانىلار شۇنى ئېسىدە تۇتۇشى كېرەككى ، بالىلارنىڭ كۆپ قىسىم ئادەتلىرى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن يېتىلىشكە باشلايدۇ . مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىنكى ئادەتلىرى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئادەتلىرى ئاساسىدە تەرەققىي قىلىدۇ . ئۇنداقتا ، بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپلا مەكتەپ مۇھىتىغا ماسلىشىپ ، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈشى ، ياخشى بولغان ئۆگنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار قانداق تەييارلىق قىلىشى كېرەك ؟ 1 . بالىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە قىلىش ئېڭىنى تىكلەش كېرەك . بالىلار باغچىسىدىن ياكى ئائىلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش بالىلارنىڭ كىشىلىك ھايات يولىدىكى بىرىنچى چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . مەكتەپ ، مۇئەللىم ، ساۋاقداشلار كىچىك بالىلاردا قىزىقسىنىش ، ئۆزىدىن پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ، شۇنداقلا ئاسانلا تەشۋىشلىنىش ۋە ئەنسىرەش ۋە بىئارام بولۇش كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ۋاقتىغا بىر يىل قالغاندىن باشلاپ بالىنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك . بالىلارغا بۇيرۇق ياكى نەسىھەت تۈسىدىكى سۆزلەرنى قىلماستىن : « بالام ، مۇئەللىملەرنى كۆرگەندە مۇنداق سالام بېرىدۇ ، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇشمايدۇ ، تالاشمايدۇ ، ئىناق ئۆتىدۇ . بىللە ئوينايدۇ . ساۋاقداشلىرىغا ياردەم قىلىدۇ . قوڭغۇراق چېلىنغان ھامان سىنىپقا كىرىدۇ . دەرس ۋاقتىدا نان يىمەيدۇ . سىنىپ ، مەيدان تازىلىقىغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ . سىنىپقا قالايمىقان نەرسىلەرنى تاشلىمايدۇ ...» دېگەندەك كۆڭلىگە ياقىدىغان ، ئىلھام بىرىدىغان سۆزلەرنى قىلىش كېرەك . بۇ چاغدا ئەگەر ئاتا – ئانىلار ئاڭلىق ھالدا يېتەكلىسە بالىلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ . يېڭى كوللىكتىپقا ئاسانلا ئۆزلىشىپ ، ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ . ئاتا – ئانىلار چۆچەك مەسەللەرنى ئېيتىپ بىرىش ، رەسىملىك كىتابلارنى كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بالىلارغا ئاساسىي قائىدە – يوسۇنلارنى بىلدۈرۈپ قويۇشى ، مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق بالىلار بىلەن تونۇشۇش ، دوستلىشىش ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىپ قويۇشى كېرەك . مەسىلەن : ئۆزىنى قانداق تونۇشتۇرۇش ، ھەمراھلىرى بىلەن قانداق ئويناش ، ھەمراھلىرى ئارىسىدىكى ياكى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش دېگەندەك . ئۇنىڭدىن باشقا ئاتا – ئانىلار بالىلارنى سىرتقا چىقىپ مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىللە ئويناشقا رىغبەتلەندۈرۈش ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوستلىرىنى ، ساۋاقداشلىرىنى ئائىلىگە كىلىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىش قاتارلىقلارنى سەمىگە سېلىپ تۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش لازىم . بالىلارنىڭ دوستلىرى مىھمان بولۇپ كەلسە قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋېلىش ، بالىلارنىڭ ساۋاقداشلىرى ، دوستلىرى ئالدىدا كەمچىلىكلىرىنى سۆزلىمەسلىك ، ئەيىپىنى ئاچماسلىق ، بالىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىماسلىق كېرەك . 2 ) ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە كۈچەيتىش باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى ، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ئەقلى سەۋىيە جەھەتتىكى رىقابەت دېگەندىن كۆرە ، ئۆگىنىش ئادىتى جەھەتتىكى كۈچ سىنىشىش دېگەن تۈزۈك . شۇڭا بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى بولغان ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم . بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن قول سېلىش كېرەك . (1) ئۆگىنىش ھەۋىسىنى يېتىلدۈرۈش . بالا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشكە ئاز قالغاندا ئاتا – ئانىلار بالىنى مەكتەپكە قىزىقتۇرىدىغان سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىشى ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ كىتابلارنى تەمتىرىمەي ئوقۇيالىشى ، شىئىرلارنى دېكلىماتسىيە قىلالىشى ، رەسىملەرنى سىزالىشى ، گىماسستىكا ۋە ئۇسسۇل ئوينىيالىشى ، لەگلەك ، ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ مودىللىرىنى ياسىيالىشى قاتارلىقلارنى ئۈلگە قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە نىسبەتەن ھەۋىسىنى قوزغىشى كېرەك . « بالام چوڭ بولۇپ قالدى ، مەكتەپتە ئوقۇسا تېخىمۇ ئەقىللىق ، تېخىمۇ چىۋەر بولۇپ كېتىدۇ ، بويى ئۆسىدۇ ، بىلىدىغانلىرى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ . كومپىيۇتېر ئىشلىتەلەيدىغان ، رەسىم سىزالايدىغان ، پۇل خەجلىيەلەيدىغان ، ناخشا ئېيتالالايدىغان ، مۇزىكا چالالايدىغان ، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان ، كىتاب ئوقۇيالايدىغان ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ياسىيالايدىغان بولىدۇ . مەن شۇ چاغدا بالامغا نۇرغۇن كىتابلارنى ئېلىپ بېرىمەن »دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشى ، يەنە « باشلانغۇچ مەكتەپ كىرىپ ئوقۇغىنىڭدىن بىز ناھايتى خوشال بولدۇق ، سەن چوقۇم ئەڭ ياخشى ئوقۇيالايسەن... » دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ بالىنىڭ ئوقۇيالىشىغا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك . يەنە بالىلارغا باشقىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ، ھەمكارلىشىش ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بولۇش ، چىداملىق بولۇش مەزمۇنىدىكى قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ، مەسەللەرنى ئېيتىپ بىرىپ بالىنىڭ قايتا بايان قىلىشنى تەلەپ قىلىش ، قېرىنداشنى توغرا تۇتۇشقا ، خەت يېزىش ھالىتى رۇس بولۇشقا ئادەتلەندۈرۈش ، 1 ~ 100گىچە سانلارنى تەرتىپ بويىچە سانىيالايدىغان ، 1 ~ 10غىچە سانلار ئىچىدىكى قوشۇش ، ئېلىش ئەمەللىرىنى توغرا بېجىرەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزش كېرەك . بالىلارنىڭ سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك . تىل تەپەككۇرنىڭ ئاساسى . بالىلارنىڭ تىل ئاساسى قانچىكى پۇختا بولسا ، تىل ئىشلىتىشكە قانچە ماھىر بولسا ، تەپەككۇر قىلىشقا شۇنچە ماھىر بولىدۇ . شۇڭا كۆپرەك سۆزلىسىمۇ چەكلىمەسلىك ، تەرتىپ بويىچە سۆزلەشكە ، ئېنىق سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك . بالىلار ئويۇنلىرى بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىغان مۇھىم ۋاستە . (2) دىققەتنى داۋاملاشتۇرۇش مەشقى ئېلىپ بېرىش . بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن كۈنىگە تۆت – بەش سائەت دەرس ئوقۇيدۇ . ئىككى – ئۈچ سائەت ئۆگىنىش قىلىدۇ . ھەر بىر سائەتلىك دەرس 40 مىنۇت بولىدۇ . بالىلار مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن خالىغانچە يەپ ، ھاجەت قىلىپ ، ئويناپ ، ئۇخلاپ كۈنۈپ قالغانلىقتىن ، مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن بىر سائەتلىك دەرس ئاخىرلاشغۇچە دىققىتتنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئاسانغا توختىمايدۇ . شۇڭا ئاتا – ئانىلار مەقسەتلىك ھالدا دىققەتنى داۋاملاشتۇرۇش مەشقى ئېلىپ بېرىش كېرەك . مەسىلەن : يولدىن ئۆتكەن ماشىنىلارنى ساناش ، چۆچەك ئېيتىپ بىرىش ، تېلېۋىزور كۆرۈش ، رەسىملىك كىتابلارنى كۆرۈش ، دامكا قاتارلىق ئويۇنلارنى ئوينىشىپ بىرىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ دىققەتتنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە داۋاملاشتۇرۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش لازىم . بۇنىڭدا بالىلار ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنلارنى تاللاپ ئويناش ، ئوينىغاندا ئالدى بىلەن ئويۇننىڭ مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ، ئاخىرىدا مەقسەتكە يەتكەن – يەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش ، جەرياننى باھالاپ ، تەجرىبە – ساۋاقنى يەكۈنلەشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك . 3 ) بالىلارنىڭ ۋاقىت قارىشىنى تىكلەش . باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن بالىلارنىڭ قاتنىشىدىغان پائالىيەتلىرى ، قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپىيىدۇ . شۇڭا بالىلارنىڭ ۋاقىت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . مەسىلەن : بىر مىنۇت ئىچىدە قانچىلىك ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ ، ئون مىنىۇت ئىچىدە قانچىلىك ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ . يېرىم سائەتتە قانچىلىك ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ بۇ ھەقتە ئەمەلىي مىساللارنى كۆرسىتىپ ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك . ئىشنىڭ مۇھىملىقىغا ، جىددىيلىكىگە ئاساسەن ئىلگىرى – كىيىنلىك تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك . بىر قانچە ئىشنىڭ ئىچىدە قايسى ئىشنى ئاۋال ، قايسى ئىشنى كىيىن قىلىشنى قارار قىلالايدىغان ، بىر ۋاقىتتا زىھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلا ئىشنى تاماملاشقا تىرىشىدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . 4 ) بالىلارنى مەكتەپ تۇرمۇشىغا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك (1 ) ئوقۇش قوراللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى رەتلىك قويىدىغان ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . بالىلارغا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ سومكىسىنىڭ ئىچىنى قانداق رەتلەشنى كۆرسىتىپ قويۇش ۋە پارتىسىنىڭ ئىچىنى قانداق رەتلەش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش كېرەك . بالىلار ئوقۇش قوراللىرىنى قالايمىقان قويسا لازىم بولغاندا تاپالمايدۇ . ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى تاپالمىغانلىقى – ئۇدۇل كەلگەن يەرگە قويىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . بۇ بالىلار ئۈچۈن زىيانلىق ئادەت . بالىلار بىرەر نەرسىسىنى تاپالمىغانلىقىنى بايقىغان ھامان ئۇنى ئەيىپلىمەستىن ، ھەر قانداق نەرسىنى قويغاندا تۈرگە ئايرىپ ، ئېنىق ۋە مۇقىم جايغا قويۇشنى سەمىگە سېلىش ۋە دەل جايىغا قويغان – قويمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش لازىم . ئۇنىڭغا نەرسە – كېرەكلىرىنى ئۆزى يىغىشتۇرۇشقا پۇرسەت بىرىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىنچىكە ، تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم . ئاتا – ئانىلار بالىلارغا كىيىمىنى ئۆزى كىيىش ، تاماقنى ئۆزى يىيىش ، ھاجەتخانىغا بېرىش ، قولىنى يۇيۇش ، پىچاق ياكى ئۇچلىغۇچنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلارغا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك . (2) بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . بالىلار مەكتەپكە قەدەم قويغاندىن كىيىن مەكتەپتە ئۇستازلىرىنىڭ يېتەكلىشى ، باشقۇرۇشىدا بولىدۇ . لېكىن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ بولالمايدۇ ھەم ئۇنداق قىلىشىنىڭمۇ زۈرۈرىيىتى يوق . بالىلارغا گەپ قىلغاندا « بۇنى مۇنداق تۇت ، ئۇنى مۇنداق ياز » دېگەن شەكىلدە ئەمەس ، « بالام بۇنى مۇنداق تۇتالايدۇ ، ئۇنى مۇنداق يازالايدۇ ، بالامنىڭ قولى بەك ئەپلىك ... » دېگەن شەكىلنى قوللىنىش مۇۋاپىق . بىزدە « قانداق بولسا تەدبىرىڭ ، شۇنداق بولار تەقدىرىڭ » دېگەن ماقال بار . باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيە ئاتا – ئانىلاردىن سەۋرچانلىقنى ، تەلەپچانلىقنى ، مېھرىبانلىقنى ، تۇيغۇنلۇقنى، مەسىئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ . ئاتا – ئانىلار يۇقىرىدىكى كۆرسەتمىلەرگە دىققەت قىلسا ، ئىشىنىمىزكى ، بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا كەڭ يول ھازىرلىيالايدۇ .
|