پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۇيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئ

يوللانغان ۋاقتى: 2011-04-09 20:57 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: يارپ كۆرۈلۈشى: قېتىم
پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان 62 جۈملە بالىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان 6 جۈملە 1.سە

پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان 62 جۈملە

بالىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان 6 جۈملە

1.سەن كەلگۈسىدە قالتىس ئادەم بولىسەن—بۇ خىل ئىلھاملاندۇرۇش بالىدا ئاجايىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
2.قورقما، سەن چوقۇم قىلالايسەن—بۇ خىل ئىلھاملاندۇرۇش بالىنىڭ ئەڭ زور روھى تۈۋرۈكى بولالايدۇ.
3. بۈگۈن تۈنۈگۈندىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ غەيرەت قىل—ھەربىر ماختاش ھەربىر ئىلگىرىلەشنى ئېلىپ كېلىدۇ.
4.قىزى بولسا نېمىدېگەن ياخشى—ئاتا كۆپرەك قىزىنى ئىتراپ قىلشى ۋە ئىلتىپات كۆرسىتىپ تۇرۇشى كېرەك
5.سەن بىر ئەقىللىق بالا ،چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشەلەيسەن— نەتىجىسى ناچار بالىڭىزنىڭ ئىرادە تىكلىشىگە ئىلھام بېرىڭ.
6.سەن چوقۇم كىشىلىك ھاياتتا كۈچلۈكلەردىن بولۇپ قالىسەن— بالىڭىزنىڭ مەردانىلىق بىلەن قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنىشىگە ئىلھام بېرىڭ.

بالىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچىگە ئېگە قىلىدىغان 7جۈملە

1.بالام ،سەن ئاۋۋالقىدەكلا ناھايىتى قالتىس —بۇ بالىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
2.بالام ،سەن ئازراقمۇ دۆت ئەمەس—ھۆرمەت ۋە ئىشىنىش بالىنى ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
3.قېنى ،مەن چوقۇم قىلالايمەن دېگىن—توغرا بولغان يېتەكلەش بالىنىڭ ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
4.سېنىڭ پالانى جەھەتتىكى ئېقتىدارىڭدىن بەكلا پەخىرلىنىمەن—ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بالىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.
5.سېنىڭ ئۆگىنىش ئىشەنچىڭنى قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن- بالىڭىزنىڭ قايتىدىن ئۆگىنىش ئىشەنچىسىنى تىكلىشىگە ياردەم قىلىڭ.
6.سەن كەلگۈسىدە ئۇلۇغلاردىن بولۇپ قالىسەن،داۋاملىق تېرىشقىن— بېشارەتلىك سۆزلەر بىلەن بالىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىنى يېتىلدۈرۈڭ.
7.بالام ،بىز مۇ سىناپ باقمامدۇق؟

بالىنى ئاكتىپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەيدىغان 7جۈملە

1.نېمىلا ئىش قىل چوقۇم پىلانىڭ بولسۇن، ئۈگىنىشمۇ ئوخشاش— بالىڭىز غا ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈشنى ئۆگىتىش.
2.ۋاقىتنى قەدىرلە، بۇ ھاياتنى قەدىرلىگەنلىك— بالىڭىزنىڭ ھەربىر مىنۇتنىمۇ قەدىرلەشنى ئۆگىتىڭ.
3.سەن يەنە ياخشىراق ئويلاپ باق— بالىڭىزنىڭ ئويلىنىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگىتىڭ.
4.سەن بىر سوئال ئوتتۇرىغا قوي،ئاندىن مەن سېنى مۇكاپاتلايمەن— بالىڭىزنى يۈرەكلىك ھالدا سوئال قويالايدىغان، سوئال قويۇشقا ماھىر بولۇشقا يېتەكلەڭ.
5.ئۆزەڭنىڭ ئويلىغىنى بويىچە ئىش قىل— بالىڭىز ئەركىنلىكنى ئۆگەنسۇن.
6.تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولۇپ ئاندىن ئوينا،بولمىسا خاتىرجەم ئوينىيالمايسەن—ئويۇنقېپى بالىڭىزنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىشكە يېتەكلەڭ.
7.پەقەت تېرىشساڭلا ،كېلەر قېتىم چوقۇم ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلەيسەن—نەتىجىسى ياخشى بولمىغان بالىڭىزغا توغرا مۇئامىلە قىلىڭ.

بالىنىڭ ئالىيجاناب ئەخلاقىنى يېتىلدۈرىدىغان 8 جۈملە

1.گۈزەل ئەخلاق ئىمتىھاندا ياخشى نومۇ ر ئېلىشتىنمۇ مۇھىم—بالىڭىزغا ئادىمىيلىك ئەخلاقنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈڭ.
2.سەمىمىيلىك ئادەمنىڭ بىرىنچى گۈزەل ئەخلاقى—بالىڭىزدا يۈكسەك ئەخلاق پەزىلەت يېتىلدۈرۈڭ.
3.رېقابەتتىكى ئادىللىق ئەڭ قىممەتلىك—بالىڭىزنى ئادىل شەخسىيەتسىز خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەڭ.
4.مەيلى نېمىلا ئىش قىل،ئاۋۋال ۋىجدانىڭدىن سوراپ باق—بالىڭىزغا ۋىجدان بىلەن ئىش قىلىشنى ئۆگىتىڭ.
5.رەھمەت دېيىشنىڭ ئۆگىنىۋال قوزام—بالىڭىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگىتىڭ.
6.سەن ئاتا-ئاناڭغا كۆيۈنۈشنى بىلىسەن، مەن بۇنىڭدىن بەكلا خوش— بالىڭىزنىڭ ئاتا ئانىسىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىنى قوزغاڭ.
7.سېنىڭ باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى بىلىدىغانلىقىڭدىن بەكلا خۇشالمەن—بالىڭىزغا باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆگىتىڭ.
8.سېنىڭ بىر ئەدەپلىك بالا بولۇشۇڭنى ئارزۇ قىلىمەن—بالىڭىزغا باشقىلارغائەدەپلىك مۇئاملە قىلىشنى ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ.

بالىنىڭ مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولىدىغان خارەكتېرىنى يېتىلدۈرۈدىغان 11جۈملە

1.قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى ئۆزەڭ قارار قىل—بالىڭىزغا ئۆزلۈك تەربىيىسى بېرىڭ.
2.ئۆزەڭ قىل،باشقىلارغا تايانما—بالىڭىزنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈڭ.
3.ئۆزۈڭنى مۇشۇنداق چىنىقتۇرساڭ بولىدۇ—بالىڭىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى ئېگە بولۇشىغا ئىلھام بېرىڭ.
4.قانداق قىلىشنى ئۆزۈڭ تاللىشىڭ ھەم ئۆزۈڭگە مەسئۇل بولۇشۇڭ كېرەك—بالىڭىزغا ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىتىڭ.
5.يۈرەكلىك بىلەن ئۆزۈڭنى چېنىقتۇرغىنىڭنىڭ ياخشى ئەمەسمۇ —ئاكتىپلىق بىلەن بالىڭىزدا قۇرقۇمسىزلىقنى يېتىلدۈرۈڭ.
6.ئەركەكلەرچە مەردانىلىك بىلەن بۆسۈپ ئۆت — ئاڭلىق ھالدا بالىڭىزنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلىشىغا ياردەم قىلىڭ.
7.بۇ مەسىلىنى ئۆزەڭ ھەل قىل — بالىڭىزنى پېشكەلچىلىكلەرگە ۋە قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىشكە يېتەكلەڭ.
8.ئۆزۈڭنى كونترول قىلىشنى بىلىش كەلگۈسىدىكى مۇۋاپىقىيىتىڭنىڭ كاپالىتى— بالىڭىزغا ئۆز-ئۆزىنى يېڭىشنى ئۆگىتىڭ.
9.يىقىلساڭ ئۆزۈڭ تۇرۇشۇڭ كېرەك— ھەممىلا ئىشتا بالىڭىزغا يۆلەنچۈك بولۇۋالماڭ.
10.مەكتەپكە ئۆزۈڭ بېرىشىڭ كېرەك— بالىڭىزنى ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلاپ كەتمەڭ.
11.سەن بېرىپ پۇل تۆلە ،بولامدۇ؟— سودا-سېتىق جەريانىدا بالىڭىزنىڭ مۇستەقىللىقنى چېنىقتۇرۇڭ.

بالىڭىزنىڭ ئەمگەكنى سۆيىدىغان بالا بولۇشىغا ياردەم بېرىدىغان 5 جۈملە

1.ئەمگەك سېنى تېخىمۇ شادلىققا ئېرىشتۈرەلەيدۇ— بالىڭىزغا ئەمگەكنىڭ خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇرۇڭ.
2.سەن بىر نەچچە قېتىم ئارتۇق قىلساڭلا بولىدۇ— بالىڭىزنىڭ ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم قىلىڭ.
3.تۇنجى قېتىمدا ھەممىلا ئادەم ياخشى قىلالمايدۇ—بالىڭىزنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى ياقتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.
4.سەنمۇ خوجايىن بولۇشنىڭ ھۆزۈرۈنى سۈرۈپ باق—بالىڭىزنىڭ ئائىلىگە خوجا بولۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى قوزغاڭ.
5.ياخشى بالام، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلالايدۇ—بالىڭىزنىڭ ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆزى يىغىشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋىلشىغا ئىلھام بېرىڭ.

بالىنىڭ باشقىلار بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشغا ياردەم بېرىدىغان 6جۈملە

1. بالام، قەلبى ساپ ئادەم بول،باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىل—بالىڭىزغا باشقىلارغا سەمىمي بولۇشنى ئۆگىتىڭ.
2.سەن كوللېكتىپ ئىچىدە تۇرۇشنى ئۆگېنىۋىلىشىڭ كېرەك—بالىڭىزغا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگېتىڭ.
3.سەمىمىيلىكىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلەيسەن— بالىڭىزنىڭ قارشى ئېلىنمىغان ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم قىلىڭ.
4.باشقىلاردىن خالىغانچە گۇمانلانما— بالىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكى شۈبھىنى چىقىرىپ تاشلىشىغا ياردەم قىلىڭ.
5.دوستلار ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە چۈشىنىشى كېرەك— بالىڭىزنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان زىدىيەتلىرىنى توغرا ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلىڭ.
6.ساۋاقداشلىرىڭغا كۆيۈنىشىڭ ۋە ئاسرىشىڭ كېرەك— بالىڭىزنىڭ باشقىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قىلىشىنىىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىز كېرەك.

بالىنىڭ يۈرەكلىك بىلەن خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە ئىلھام بېرىدىغان 12 جۈملە

1.ھەرقانداق ۋاقىتتا يالغان سۆزلەشكە بولمايدۇ— بالىڭىزنڭ يالغان سۆزلەيدىغان ئادىتىنى تاشلىشىغا ياردەم قىلىڭ.
2.ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ— بالىڭىزدا تەكەببۇرلۇق ئىلمنېتىلىرىنڭ يېتىلىشىنى توسۇڭ.
3.ئۆز-ئۆزىنى يېڭىش ئۆزىگە مەسئۇل بولغانلىق.— بالىڭىزنىڭ بوشاڭلىق يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم قىلىڭ.
4.ئادەم تىللاش بىر خىل نومۇسسىزلىق— بالىڭىزنىڭ سەت گەپلەرنى قىلىدىغان يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىشگە ياردەم قىلىڭ.
5. سەن چوقۇم ئاچچىقىڭنى بېسىۋىلىشنى ئۆگېنىۋىلىشىڭ كېرەك— بالىڭىزنىڭ ئاسان ئاچچىقلايدىغان يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ئىلھام بېرىڭ.
6.سەن غەرەز ئۇقىدىغان بالا— بالىڭىزنىڭ بەڭباشلىقىنى تۈزىتىڭ.
7.سەۋىرچان بولساڭلا ھەرقانداق ئىشنى ياخشى قىلالايسەن— بالىڭىزنىڭ سەۋىرچانلىقنى يېتىلدرۈرۈشىگە ئىلھام بېرىڭ.
8. بىز ئەستايىدىللىقنى چېنىقتۇرىدىغان بىرەر ئىش تېپىپ قىلايلى—بالىڭىزنىڭ بېپەرۋالىقىنى ئۆزگەرتىشكە ئەمىلى ياردەم بېرىڭ.
9. ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزۈڭنى بېسىۋال،ئالدىراقسانلىق قىلما— بالىڭىزنىڭ جىددىي كەيپىياتىنى كونترول قېلىشنى ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىڭ.
10.ئوينىساڭ بولىدۇ،بىراق خۇدۇڭنى يوقىتىپ قويما— بالىڭىزنڭ تور ئويۇنلىرىغا مەستانە بولۇپ قىلىشىنى توسۇڭ.
11.يۈرەكلىك بول،يەنىمۇ يۈرەكلىك بول — بالىڭىزنىڭ قورقۇنچاقلىقنى تاشلىۋىتىشىگە ئىلھام بېرىڭ.
12. تاماق تاللاش سېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىڭگە پايدىسىز— بالىڭىزنىڭ تاماق تاللاش يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىڭ.

مەنبە:ۋەتەن تور خاتىرسى

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر