يېڭى قىزىق نۇقتا :
ئۈچ ياشقا توشمىغان ب
بالىلار ساغلاملىقىن
بالىلارغا ياتقۇزۇپ د
بالىلار قىشتا كۆپ يۇ
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چۈشەندۈرشىگە ئاساسلانغاندا، ۋاكسىنا ئەملەش نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىقتىسادچىل، ئەڭ ئۈنۈملۈك ساغلاملىق تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى تەخمىنەن 2 – 3 مىليون كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئەنگلىيەدە بەزى تاراتقۇلاردا ئىلمىي بولمىغان ئۇچۇرلار تارقالغاچقا، ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىغا قىزىل ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى رەت قىلغانلىقتىن، مىليونلىغان بالىغا قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەنمىگەن. نەتىجىدە، ئەنگلىيەدە قىزىل پارتلاش خاراكتېرلىك تارقالغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا كىشىلەر ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن ۋاكسىنىغا مۇناسىۋەتلىك خاتا قاراشقا قارىتا تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچە بەرگەن:
1 – خاتا قاراش: شەخسىي تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلىسا، كېسەلدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ، ۋاكسىنا ئەملەش ھاجەتسىز.
ئەمەلىيەتتە، پىلانلىق ۋاكسىنا ئەملەش توختىتىلسا، ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق ئالدى ئېلىنىۋاتقان كېسەللەر قايتا يامرايدۇ. گەرچە شەخسىي تازىلىقنى ۋە مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاپ، ۋاقتى – ۋاقتىدا قول يۇيۇپ، پاكىز سۇ ئىشلىتىپ ئادەتتىكى كېسەللەردىن خالىي بولغىلى بولسىمۇ، يۇقۇملۇق كېسەللەردىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولمايدۇ. ناۋادا پىلانلىق ھالدا ۋاكسىنا ئەملەنمىسە، ئاللىبۇرۇن ئالدى ئېلىنىپ بولغان بەزى يۇقۇملۇق كېسەللەر، مەسىلەن، بالىلار پارالىچ كېسىلى، قىزىل قاتارلىقلار ناھايىتى تېزلا قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.
2 – خاتا قاراش: ۋاكسىنىنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان ئەكس تەسىرى بار، ۋاكسىنا ئەملىسە، ھەتتا كىشىلەر ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە ۋاكسىنا ئىنتايىن بىخەتەر، ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىنكى بەزى ۋاقىتلىق تەسىرلەر، مەسىلەن، بىلەك ئاغرىش، يېنىك قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. كىشىلەر نەزەرگە ئېلىۋاتقان ۋاكسىنىنىڭ خەتىرىنى ۋاكسىنا ئالدىنى ئېلىۋاتقان كېسەلنىڭ خەتىرىگە سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. مەسىلەن، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى بالىلاردىكى پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قىزىل مېڭە ياللۇغى ئەمالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، غالجىرلىق كېسىلى شەرتسىز ھالدا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەنسە، بۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
3 – خاتا قاراش: بوغما، قاتما ۋە كۆكيۆتەل ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىسى ۋە يۇلۇنسۈر ماددا ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى بوۋاقلارنىڭ توساتتىن ئۆلۈپ كېتىش يىغىندى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن بوۋاقلارنىڭ توساتتىن ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەب – نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى يوق. ئەمما ۋاكسىنا ئەملىگەن ۋاقىت دەل بوۋاقلارنىڭ باشقا كېسەل بىلەن ئاغرىغان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. يەنى بۇنداق بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىمىگەن تەقدىردىمۇ شۇ كېسەل بىلەن شۇ ۋاقىتتا ئاغرىشى مۇمكىن. ئەمما ئېنىق ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، بوغما، قاتما، كۆكيۆتەل قاتارلىق كېسەللەرمۇ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملىمىگەندە، بالىلارغا بولغان خەتىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئېغىر پالەچلىك ۋە ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4 – خاتا قاراش: ۋاكسىنا ئارقىلىق ئالدى ئېلىنىۋاتقان كېسەللەر دۆلىتىمىزدە ئاساسەن يوقىدى، شۇڭا، داۋاملىق ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ھاجىتى يوق.
كىشىلەر ئېيتقاندەك ۋاكسىنا ئارقىلىق ئالدى ئېلىنىۋاتقان كۆپ كېسەللەر نۇرغۇن دۆلەتتە ھەقىقەتەن كۆپ كۆرۈلمەيدىغان بولدى، ئەمما بۇ كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك مەنبەسى دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا يەنىلا مەۋجۇت، تارقىلىش ئېھتىماللىقى يوق ئەمەس. بۇ مىكروبلار رايون ئاتلاپ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز كىشىلەر توپىنى يەنىلا يۇقۇملاندۇرىدۇ. مەسىلەن، غەربىي ياۋروپادا 2005 – يىلىدىن بۇيان قىزىل كېسىلى پارتلاش خاراكتېرلىك كۆرۈلۈپ، ئاۋستىرىيە، بىلگىيە، دانىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈلگەن. ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئىككى مۇھىم ئەھمىيىتى بولۇپ، بىرى ئۆزىمىزنى قوغداش، يەنە بىرى ئەتراپتىكىلەرنى قوغداش.
5 – خاتا قاراش: ۋاكسىنا بىلەن ئالدى ئېلىنىۋاتقان يۇقۇملۇق كېسەللەر كىشىلەر ھاياتىدا ساقلىنىش تەس بولغان كېسەللەر بولغاچقا، ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەمەلىيەتتە قىزىل، گۈرەنبەز ياللۇغى، سوغان قاتارلىق كېسەللەر بىلەن يۇقۇملانسا، زىيىنى ئېغىر، ئەگەشمە كېسىلى كۆپ، يەنى ئۆپكە ياللۇغى، مېڭە ياللۇغى، ئەمالىق، ئىچى سۈرۈش، قۇلاق ياللۇغى، تۇغما سوغان يىغىندا كېسىلى ۋە ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ كېسەللەرنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى يەنىلا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن بۇرۇن ئالدىن مۇناسىپ ۋاكسىنا ئەملىتىش. ۋاكسىنا ئەملىمىگەندە، بۇ كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايلا قالماستىن، بالىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىيىتىگە ئازاب ۋە تولۇقلىغىلى بولمايدىغان زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
6 – خاتا قاراش: بالىلارغا بىر قېتىمدا بىردىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملىگەندە، ئەكس تەسىر پەيدا قىلىش خەتىرىنى كۆپەيتىپ، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.
ئىلمىي ئىسپاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە خىل ۋاكسىنىنى ئەملىگەندە، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ئەكس تەسىر كەلتۈرمەيدۇ. بالىلار ھەر كۈنى نۇرغۇن ماددا بىلەن ئۇچرىشىدۇ، بۇ ماددىلارمۇ بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت تەسىرىنى قوزغىتىشى مۇمكىن. يېمەكلىك ياكى مېۋە – چېۋە يېيىشنى مىسالغا ئالساق، بۇ ماددىلارنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم تەركىبلەر بالىلارنىڭ بەدىنىگە كىرىدۇ، يەنە كېلىپ بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا ۋە بۇرۇن بوشلۇقىدىمۇ نۇرغۇن مىكروبلار ياشايدۇ. بىر بوۋاقنىڭ زۇكام بولۇش سەۋەبىدىن ئۇچراشقان مىكروب ۋە ۋىرۇسلارنىڭ سانى ۋاكسىنا ئۇرغاندا ئۇچراشقان ئانتېگىننىڭ سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
7 – خاتا قاراش: يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئاۋارىچىلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، زۇكام ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرمەكمۇ تەس.
يۇقۇملۇق زۇكام بىر خىل ئېغىر كېسەل، ھەر يىلى دۇنيا بويىچە 300 مىڭدىن 500 مىڭغىچە كىشى زۇكام بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار، بالىلار، تەن ساغلاملىقى ياخشى بولمىغان ياشانغانلار، زىققا، كاناي ياللۇغى، يۈرەك كېسىلى بارلار زۇكام بولسا، شۇ كېسەلنىڭ ئەگىشىپ قوزغىلىش ئېھتىماللىقى زور بولىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارغا زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ يەنە بىر پايدىسى ھامىلىنى قوغداپ قېلىشتىن ئىبارەت. (ئالتە ئايلىقتىن تۆۋەن بالىلارغا زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ). زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ پەسىل ئالماشقان ۋاقىتتا زۇكام بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەگەشمە كېسەللەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كېسەل ئازابىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
8 – خاتا قاراش: كېسەل ئارقىلىق ئىممۇنىتېتقا ئېرىشىش ۋاكسىنا ئەملەپ ئىممۇنىتېتقا ئېرىشىشتىن ياخشى.
ئەمەلىيەتتە ۋاكسىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى غىدىقلاپ پەيدا قىلغان ئىممۇنىتېت كۈچى بىلەن كىشىلەرنىڭ كېسەل بولۇپ ئېرىشكەن ئىممۇنىتېت كۈچى ئوخشاپ قالىدۇ، بىراق، ۋاكسىنا كېسەل پەيدا قىلمايدۇ، ئەملەتكۈچىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئاغرىپ قېلىپ يۇقۇملىنىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىممۇنىتېتقا نىسبەتەن ئادەم كۆپ بەدەل تۆلەيدۇ. مەسىلەن، بەدەن كېسەل ئازابى تارتىدۇ، كېسەل ئاسارەتلىرى قالىدۇ، ھەتتا بەزى كېسەلنى تەلتۆكۈس ساقايتىش مۇمكىن بولمايدۇ، داۋالىنىش چىقىمى يۇقىرى بولىدۇ. بۇلار ئارقىلىق ئىممۇنىتېتقا ئېرىشكەندىن كۆرە، مۇناسىپ ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق ئىممۇنىتېتقا ئېرىشكەن ياخشى.
9 – خاتا قاراش: ۋاكسىنا تەركىبىدە سىماب بار بولغاچقا، كىشىلەرگە خەتىرى زور.
ئەمەلىيەتتە تىئومېروسال (汞柳硫 ) بىر تۈرلۈك سىمابلىق ئورگانىك بىرىكمە، ئۇ پەقەتلا چىرىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىگە تېخىچە ئىسپات يوق.