يېڭى قىزىق نۇقتا :
ئۈچ ياشقا توشمىغان ب
بالىلار ساغلاملىقىن
بالىلارغا ياتقۇزۇپ د
بالىلار قىشتا كۆپ يۇ
بازاردا بالىلار ئىشلىتىدىغان چىش پاستىسى ناھايىتى كۆپ. مۇشۇنداق شارائىتتا بالىلارنىڭ قانچە ياشتىن باشلاپ چىش چوتكىلىسا بولىدىغانلىقى ناھايىتى مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى.
ئەمەلىيەتتە، ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلارغا چىشىنى چوتكىلاشنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى چىشنى قۇرۇت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چىش پاستىسىغا فتورېدلار قۇشۇلىدۇ، بىراق ئېغىز بوشلۇقىدا پىتورېد يۇقى قالسا بولمايدۇ، ئۇنى يۇتۇۋېتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، ئۇنداق بولغاندا سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ. ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولغاچقا، ئېغىزىنى سۇ بىلەن چايقاپ تەلتۆكۈس پاكىزلىيالمىغانلىقتىن، چىش پاستىسى ئاسانلا چىش يوچۇقىدا ساقلىنىپ قالىدۇ ھەم ئېغىزنى چايقىغان سۇ ياكى چىش پاستىسىنى يۇتۇۋالىدۇ. شۇڭا ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ چىشىنى چوتكىلاشقا توغرا كەلسە، چىش پاستىسىنى ئىلمان قايناقسۇغا مىلەپ چوتكىلاش ياكى سۇس تۇز سۈيى قوشۇلغان چىش پاستىسى بىلەن چوتكىلاش كېرەك. ئۈچ ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن بالىلاردا ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىقتىدار يېتىلىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا چىش چوتكىلاشنى باشلىسا بولىدۇ. بىراق بالىلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان چىش پاستىسىنى تاللاپ ئىشلەتكەندە چىش پاستىسىنىڭ مىقدارى سېرىق پۇرچاق چوڭلۇقىدا بولسا كۇپايە.
بالىلار ئىشلىتىدىغان چىش پاستىسىنى تاللاشتا، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە پۇراقسىز چىش پاستىسىنى تاللاش كېرەك. بازارغا سېلىنغا نۇرغۇن چىش پاستىسىدىكى مېۋە تەمى بالىلارنىڭ چىش پاستىسىنى يۇتۇۋېلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا بالىلارغا چوڭلار ئىشلىتىدىغان چىش پاستىسى ياكى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن دورا تەركىبى بار چىش پاستىسىنى ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ.