ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۈچ ياشقا توشمىغان ب بالىلار ساغلاملىقىن بالىلارغا ياتقۇزۇپ د بالىلار قىشتا كۆپ يۇ

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 0-6ياشقىچە > خاتا نۇقتا > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارغا ياتقۇزۇپ دورا ئىچۈرمەڭ

ۋاقىت : 2014-07-25 17:38 | مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم


بالىلارغا ياتقۇزۇپ دورا ئىچۈرمەڭ
 
بالىلارغا ياتقۇزۇپ دورا ئىچۈرمەڭ

    بالا ئاغرىپ قالغاندا، بەزى ئاتا-ئانىلار دورىنى بالىغا ياتقۇزۇپ ئىچۈرىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇنىڭ بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بالىغا دورىنى ياتقۇزۇپ ئىچۈرگەندە، دورا بالىنىڭ قىزىلئۆڭگىچىدە ئوڭايلا توختاپ قېلىپ، قىزىلئۆڭگەچ دىۋارىنى غىدىقلايدۇ ھەمدە زەخىملەندۈرىدۇ؛ بەزىدە دورىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى كېچىكتۈرۈپ، داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنداقتا، بالىلارغا دورا ئىچۈرگەندە قايسى خىل ھالەتتە تۇرغۇزۇپ ئىچۈرسە بولىدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى بالىلارغا دورىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ ياكى ئولتۇرغۇزۇپ ئىچۈرۈش لازىم. بالىغا دورا ئىچۈرگەندە مەلۇم مىقداردا قايناق سۇ ئىچۈرۈش كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ كېسىلى ئېغىر ياكى ئوپېراتىسيە قىلىنغان بولسا، دورىنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ تەڭشەپ ئىچۈرۈش لازىم. 

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار