ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۈچ ياشقا توشمىغان ب بالىلار ساغلاملىقىن بالىلارغا ياتقۇزۇپ د بالىلار قىشتا كۆپ يۇ

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 0-6ياشقىچە > خاتا نۇقتا > تولۇق مەزمۇنى

ئۆسمۈرلەرنىڭ يانفوندىن زەھەرلىنىش نىسبىتى يۇقىرىلىماقتا

ۋاقىت : 2013-11-29 21:08 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئۆسمۈرلەرنىڭ يانفوندىن زەھەرلىنىش نىسبىتى يۇقىرىلىماقتا

ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا باش ئاغرىقى تېپىپ بەرمەكتە. كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 17- ئىيۇن كورىيە ياشلار، ئۆسمۈرلەر سىياسەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ بىر تۈرلۈك دوكلاتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيەدە ئۈچ ئۈلۈشتىن كۆپرەك ياشلار، ئۆسمۈرلەر يانفوندىن زەھەرلىنىدىغان كىشىلەر توپىغا تەۋە ئىكەن، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ زەھەرلىنىش دەرىجىسى ئوغۇللاردىن خېلىلا كۆپ بولىدىكەن.

مەزكۇر تەكشۈرۈش 4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 23- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، كورىيەدىكى يانفون ئىشلىتىدىغان 3000 نەپەر تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %35.2 ئوقۇغۇچى زەھەرلەنگەن كىشىلەر توپىغا، %27.6 ئوقۇغۇچى خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇنغان كىشىلەر توپىغا، %7.6 ئوقۇغۇچى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشىنى قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر توپىغا تەۋە بولغان. كورىيە ياشلار، ئۆسمۈرلەر سىياسەت تەتقىقات يۇرتىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە يەكۈنلەنگەن سانلىق قىممەت نىسبىتى ئىلگىرىكىدىن خېلىلا كۆپ چىققان. كورىيە ئۇچۇرلاشتۇرۇلغان گۈللەندۈرۈش يۇرتىنىڭ 2011- يىلىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، شۇ چاغدا %11.4 ئوقۇغۇچى يانفوندىن زەھەرلەنگەنىكەن، 2012- يىلى بۇ نىسبەت %18.4 بولغان. يەنە بىر جەھەتتىن، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يەنە كۆرسىتىلىشچە، %42.6 قىز ئوقۇغۇچى يانفوندىن زەھەرلەنگەن بولۇپ، ئوغۇللارنىڭ نىسبىتى (%28.6) دىن خېلىلا يۇقىرى بولغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يانفوندىن زەھەرلىنىش نىسبىتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئازراق يۇقىرى بولغان. تەكشۈرۈلگەنلەرنىڭ %43.8 تىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يانفون ئويناش تۈپەيلىدىن ئۆگىنىش ۋە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كۆڭۈل قويۇشى تەسلىشىپ كەتكەن. يانفوننى زىيادە ئويناش تۈپەيلىدىن ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار %31.4 نى ئىگىلىگەن.


 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار