ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

پەرزەنتىڭىزنى تالانت ئىگىسى قىلماقچى بولسىڭىز، ئوينىغىلى قويۇڭ

ۋاقىت : 2014-07-17 16:32 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
پەرزەنتىڭىزنى تالانت ئىگىسى قىلماقچى بولسىڭىز، ئوينىغىلى قويۇڭ

پەرزەنتىڭىزنى تالانت ئىگىسى قىلماقچى بولسىڭىز، ئوينىغىلى قويۇڭ

ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى پىروفېسسورلىرى يېقىندا ئامېرىكا رادىيو -تېلىۋىزىيە تورىدا « بالىلارنىڭ ئوينىشىغا قارشى تۇرغانلىق، ئۇلارنىڭ دۇنيانى چۈشىنىش ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىقتۇر » دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار، بىزنىڭ مۇلاھىزە قىلىۋاتقىنىمىز ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار بولماستىن، بەلكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان، تەربىيەلىنىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قانداق ئۆگىنىشنى بىلىدۇ، لېكىن ئارىسىدىكى بىر قىسمى قانداق ئويناشنى بىلمەيدۇ. پىداگوكلار، پىسخولوگلار، نېرۋا كېسەل مۇتەخەسسىسى ۋە سىياسىيونلار بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا يېتىشتىن ئىلگىرى ئالىدىغان تەربىيەنى ئويناش تىپىدىكى تەربىيە ياكى ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش تىپىدىكى تەربىيەدىن ئىبارەت ئىككى تىپقا بۆلگەن. بالىڭىزدا ئىقتىدار يېتىلدۈرەي دېسىڭىز، ئويناش تىپىدىكى تەربىيەنى تاللاڭ. دېمەكچىمىزكى، بالىڭىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئۇلارنى ئوينىغىلى قويۇڭ. ئويناش بالىلارنىڭ  ئۆسۈپ -يېتىلىش جەريانىدىكى ئەقلىي -ئىقتىدارىنى ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرىدىغان بىردىن -بىر ئۇسسۇل. ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. 
  قىزىقارلىق ئۆتۈلگەن دەرستىن كىچىك بالىمۇ باشقىلارنىڭ كەيپىياتى ۋە تەجرىبىلىرىنى كۆزىتەلەيدۇ ۋە ئۆگىنەلەيدۇ. ئىقتىدار يېتىشتۈرۈش تىپىدىكى دەرستە بەزى ئوقۇغۇچىلار ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇراي دېسە، باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بالىلارنىڭ بىرەر نەرسە ئۆگىنەلىشى ناتايىن. ئويناش ئارىلاش ئۆتۈلگەن دەرستە ئوقۇغۇچىلار تەڭ دېمەتلىكلىرى بىلەن ئۆز -ئارا پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈمى دىققەتنى نوقۇل ھالدا دەرسكە قارىتىشتىن ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
 بىر تەجرىبىدە تۆت -بەش ياشلىق بالىلار چوڭلار بىلەن رول ئېلىش ئويۇنى ئوينىغان، نەتىجىدە بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە قانائەت قىلىش ئىقتىدارى بايقالغان. باشقا نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىمۇ بۇنداق قىزىقارلىق ئويۇنلار بىلەن ئۆزىنى تېزگىنلەش ئارىسىدىكى باغلىنىش ئىسپاتلانغان. بالىلار ئويۇن ئويناش ئارقىلىق تەرتىپكە رىئايە قىلىشنى، قانائەت قىلىش، زىددىيەتنى پەسەيتىشنى، مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىشنى، نىشانىدىن باشقىلار بىلەن تەڭ ھۇزۇرلىنىشنى، چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇشنى ۋە ئۈمىدسىزلىككە بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنەلەيدۇ. بالىلارغا باشقىلارنىڭ ئايىغىنى كىيىپ ماڭغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلدۇرساق، بالىلاردا ھېسداشلىق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرەلەيمىز، ھېسداشلىق ئەقىل ۋە ئىجتىمائىي ھېسسىيات جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى. نۇرغۇن داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى خادىملار دائىم يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى نەتىجىسى ئەلا ئىختىساسلىقلار دېيىشىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇشى ئىستۇدېنتلاردىن « تەييار تۇرۇش »نى، كىتاب -دەپتەردىكى بىلىملەردىن ھالقىش، كىشىلەر بىلەن ئاكتىپ ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەش ياشلىق بالىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق تونۇشلار ئويناشنى ئالاھىدىلىك قىلغان ئاساستا ئىجاد قىلىش، سوئال سوراش، دوراش، ئارزۇ ۋە بەھرىمەن بولۇشتىن باشلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ئوينىشىنى چەكلىگەنلىكىمىز، ئۇلارنىڭ دۇنيانى چۈشىنىش ھوقۇقىنى چەكلىگەنلىكىمىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ  ئوينىشىغا يول قويايلى، چۈنكى ئويناش بالىلارنىڭ  يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك يوللارنىڭ بىرىدۇر.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار