ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

پەرزەنتلەر بىلەن سىردىشىپ تۇرغان ياخشى

ۋاقىت : 2014-03-17 23:33 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
پەرزەنتلەر بىلەن سىردىشىپ تۇرغان ياخشى
پەرزەنتلەر بىلەن سىردىشىپ تۇرغان ياخشى

بىر قېتىملىق ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا قىزىمنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ئاتا-ئانىلاردىن مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ قالدى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئاراڭلاردا زادى قانچىلىك ئاتا-ئانا بالىلىرىڭلار بىلەن سىردىشىپ تۇرىسىلەر؟». بۇ سوئال دەماللىققا ئاتا-ئانىلارنى تەمتىرىتىپ قويدى. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئارىمىزدىن ئىككىلا ئاتا-ئانا قولىنى كۆتۈردى. قالغانلىرىمىز ئۇلارغا قاراشتۇق. شۇ چاغدا سىنىپ مەسئۇلى ئۇ ئىككىيلەنگە ھۆرمەت بىلەن قاراپ «سىلەرگە رەھمەت! سىلەردىن يەنە سوراپ باقسام، بالىلار بىلەن قانداق چاغدا سىردىشىسىلەر؟ ئۇلار بىلەن سىردىشىش ئۇسۇلۇڭلارنى سۆزلەپ باقساڭلار؟» دەپ ئۇلارنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.
شۇ چاغدا بىر ئانا تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى:« مېنىڭ خىزمىتىم بەكمۇ ئالدىراش، دادىسىنىڭمۇ شۇنداق. شۇڭا، مەن كۆپىنچە قىزىم بىلەن ئۇخلاش ئالدىدا پاراڭلىشىمەن، قىزىممۇ ماڭا مەكتەپتە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشكە ئامراق، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ مەندىن سورايدىغان سوئاللىرىمۇ جىقلاپ كېتىدۇ. مەن سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلايمەن ھەم سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىمەن. بۇ ئىش بالا يەسلىگە كىرگەندىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن. پەرزەنت بىلەن سىردىشىپ تۇرۇشنىڭ ئاتا-ئانىنىڭ يىلدىن-يىلغا چوڭ بولۇۋاتقان پەرزەنتىنى چۈشىنىشىگە تېخىمۇ ياردىمى بولىدۇ» دەپ ئويلايمەن. بۇ ئانىنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەن قىزغىن چاۋاك چېلىندى.
مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىر نەچچە ئاتا - ئانا ۋە بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىم. ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا: «بالام ھېچقانداق گېپىنى ماڭا ئېيتمايدۇ، گەپ  قىلسام  ھەتتا  گېپىمنى  ئىلىكمۇ  ئالمايدۇ» دەپ قاقشىغانلارمۇ، بالىلار ئارىسىدا «ئاتا-ئانام ئۆزىنىڭ گېپىنىلا قىلىدۇ، مېنىڭ نېمە ئويلايدىغىنىم بىلەن كارى يوق، مەن  دېگەننى  قىلساڭلا   بولدى، دەپ مېنى ئۆزىنىڭ خىيالى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ» دەپ ئاغرىنغانلارمۇ بولدى. دېمەك، ئاتا-ئانىلار   بىلەن  بالىلار  ئوتتۇرىسىدا  يۇقىرىقىدەك ئارىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەرگىزمۇ تۇيۇقسىزلا يۈز بەرگەن ئىش ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنى كىچىك كۆرۈپ بالىلىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە سەل قاراپ، بالىنىڭ گېپىنى گەپ قاتارىدا كۆرمەي، كۆپىنچە ھاللاردا «سېنىڭ  قۇرۇق  گېپىڭنى  ئاڭلايدىغان چولام يوق» دەپ قارىغانلىقتىن، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا بارا-بارا «پاسىل تام» ھاسىل بولۇپ قالغان.
ھەر قانداق بىر بالىنىڭ  ئۆزىگە تۇشلۇق ئېڭى، ئويلىغانلىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياش ئاتا-ئانىلار بالىلىرىمىزنى ھەقىقىي ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيەلەيمىز دەيدىكەنمىز، كىچىك ئىشلاردىمۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى زەن قويۇپ، دىققەت بىلەن ئاڭلىشىمىز، دەل ۋاقتىدا ئىنكاس بىلدۈرۈشىمىز، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن دائىم سىردىشىپ، بالا بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم. ياش ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن سىردىشىشنى كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرالىساقلا، بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تەدرىجىي ئېنىق چۈشىنەلەيمىز -دە، ئائىلىمىزدە ھەر ۋاقىت شاد-خورام ۋە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتنى شەكىللەندۈرەلەيمىز.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار