يېڭى قىزىق نۇقتا :
ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا –
ئائىلە مۇھىتى بالىل
كەيپىياتىڭىزىدىن با
بالىلىرىمىزغا توغرا
ئاتا – ئانىلار يىغىنىدىن چىقىپ مەكتەپ ھويلىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئىنچىكە كۆزەتتىم، فورما كىيىپ سومكا ئېسىۋالغان ئوقۇغۇچىلار توپ – توپ يۈرۈشەتتى، بەزى ئوقۇغۇچىلاردىكى ‹‹غەلىتىلىك›› مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. مەيلى قىزلار بولسۇن ياكى ئوغۇللار بولسۇن ئوقۇغۇچىلار فورمىسى ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى چىڭ سىقىپ تۇرىدىغان قىلىپ مەخسۇس تىككۈزۈپ تارلاشتۇرۇۋالغانىدى. ئۆزلىرىنىڭ بۇ‹‹مودا›› غا ئاتا – ئانىسىنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلەر ئىلغا بىلەن ئېلىپ تارلاشتۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۆيلىرىگە ئازا قالغاندا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇشىدىكەن.
بۇنداق غەلىتە ئەھۋاللارغا مەكتەپ ئىزچىل قارشى تۇرسىمۇ، ئەكسىچە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭدا ئاتا – ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئەھۋال بۇرۇن ئائىلىمىزدىمۇ كۆرۈلگەن. تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان قىزىم بىر كۈنى يېڭىلا سېتىۋالغان ئوقۇغۇچىلار فورمىسىنى تارلاشتۇرۇپ كىيىپ ئۆيگە كەلدى. مەن بۇ ئىشتىن قاتتىق خاپا بولدۇم ھەم مەخسۇس تىككۈزۈپ تارلاشتۇرغان ئورۇننى سۆكۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قىزىمغا بۇ ئىشنى ئىككىنچى سادىر قىلماسلىقنى جىكىلىدىم. قىزىممۇ بۇ ئىشنى قايتا سادىر قىلمىدى.
بەزى ئاتا – ئانىلار: ‹‹ھازىرقى بالىلارغا گەپ ئاڭلاتماق تەس، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىشىغا ئارتۇقچە ئارىلاشمىغان ياخشى دېيىشسە يەنە بەزىلىرى بالىلار زاماننىڭ كەينىدە قالسا مەكتەپتە ئىناۋىتى بولمايدۇ››دەپ قارايدۇ. كۆپ ساندىكى ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىدە كۆرۈلگەن غەلىتە ئەھۋاللارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ – يۇ، نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىزدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەدەنىيەت ‹‹نامرات››لىقى كۆرۈلمەكتە. ئۆزىمىزنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىنى ئۆزلىرىمىز چەتكە قاقىدىغان ئىللەتلەر باش كۆتۈردى. شۇڭا پەرزەتلىرىمىزگە كىيىم – كېچەك جەھەتتىكى خاسىلىقىمىز جەھەتتە چوڭقۇر تەربىيە بەرمىسەك، ئۇلار گاڭگىراش ئىچىدە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ.
قىسقىسى، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ كىيىنىش جەھەتتىكى نورمالسىز ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇلارنىڭ جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلسا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت جەھەتتە لاياقەتلىك بولۇشقا كۈچ چىقارغان بۇلاتتى.