ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

كىتاپ ئالغاندا بالىنىڭ قىزىقىشىنى ئويلىشىش كېرەكمۇ ياكى بالىلار ئوقۇيدىغان كىتابن

ۋاقىت : 2013-09-29 11:09 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
كىتاپ ئالغاندا بالىنىڭ قىزىقىشىنى ئويلىشىش كېرەكمۇ ياكى بالىلار ئوقۇيدىغان كىتابنى ئاتا- ئانىلار تاللاپ بېرىش كېرەكمۇ؟
كىتاپ ئالغاندا بالىنىڭ قىزىقىشىنى ئويلىشىش كېرەكمۇ ياكى بالىلار ئوقۇيدىغان كىتابنى ئاتا- ئانىلار تاللاپ بېرىش كېرەكمۇ؟

كىتاپ ئالغاندا بالىنىڭ قىزىقىشىنى ئويلىشىش كېرەكمۇ ياكى بالىلار ئوقۇيدىغان كىتابنى ئاتا- ئانىلار تاللاپ بېرىش كېرەكمۇ؟« ئائىلە ۋە  پەرزەنت » سەھىپىمىزنىڭ   ئاخىرىدا   بۇ    ھەقتە   سۆزلەپ  بېرىمىز.
ئاتا- ئانىلار ، ئالدى بىلەن بالىلارغا مۇنداق بىر  پرىنسىپنى، يەنى ئۆيدە يوق كىتابلارنى تاللاپ سېتىۋېلىشنى بىلدۈرۈشى كېرەك؛ ئۇنىڭدىن قالسا بالىلاردا كىتابقا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بالىلار، ئادەتتە، كىتابنىڭ تىل گۈزەللىكىگە دىققەت  قىلمايدۇ، شۇڭا ئاتا- ئانىلار بالىلارغا كىتابتىن بىر ئابزاس ئوقۇپ بېرىپ،بالىغا تىل ئۇسلۇبىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. .
بالىلارغا كىتاب سېتىۋالغاندا ئەسكەرتمىدىن توغرا پايدىلىنىش كېرەك. چۈنكى بىر  كىتابنى ئوخشاشمىغان ياشتىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش  بولمايدۇ. بەزى چوڭ ياشتىكى بالىلارغا  مۇۋاپىق كېلىدىغان كىتابلار، ھەتتا چوڭلار كىتابلىرى بولسۇن، تىلى پاساھەتلىك، راۋان، مەزمونلۇق بولسىلا، بالىلارغا ئوقۇپ بەرسە بولىدۇ.
ھازىر ئاتا- ئانىلار بالىلارغا كىتاب سېتىۋالغاندا بۇ كىتابنىڭ بالىلارغا  قانچىلىك  نەپ  يەتكۈزۈدىغانلىقىغا  دىققەت  قىلىدىغان بولدى. بالىلارغا كىتاب سېتىۋالغاندا، بالىلارغا كىتاب ئوقۇشنى ئۈگىتىش كېرەك، ئالدى بىلەن، بالىلارنىڭ كىتابقا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش، ئاندىن كىتابتا بايان قىلىنغان مەزمونلارنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق، ھېسسىيات ئالماستۇرۇش كېرەك.
چوڭ كىتابنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، رەسىملىك كىتاب ياخشى كىتاب ھېساپلىنىدۇ. بالىلار بەزىدە رەسىمگە قارايدۇ، بۇ ئارقىلىق تېكىست بولمىسىمۇ كىتاب ئوقۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، بالىلار رەسىمدىن نۇرغۇن نەرسىنى بىلىۋالالايدۇ. بالىلار  رەسىملىك كىتابنى قولغا ئالغاندا، رەسىمدىكى تەپسىلاتلارغا بەكرەك دىققەت قىلىدۇ، بالىلار  رەسىم   كۆرۈش  جەريانىدا  نۇرغۇن  نەرسىنى  ھېس قىلالايدۇ، بۇنىڭغا يۇشۇرۇنغان نەرسىلەرنى  بەزىدە  ھەتتا  يازغۇچى ئۆزىمۇ ئويلاپ يەتمىگەن بولۇشى مۈمكىن.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار