ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

ئاتا –ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى

ۋاقىت : 2013-07-25 18:46 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەمگەك | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئاتا –ئانا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى

 

(ئىبراھىم ئالىپ تىكىن)
 
-      ياراتقۇچىنىڭ چىرىغى بارمۇ ؟
-      ئاتا .
-      تۇپراقنى يىلتىزى بارمۇ ؟
-      ئاتا .
-      ئالەمنىڭ تۈۋرىكى بارمۇ ؟
-      ئاتا .
-      قۇياشنىڭ يۈرىكى بارمۇ ؟
-      ئاتا .
مۇزلىغان چاغلىرىڭدا ئۇ بىر باھار . ئىسسىغان چاغلىرىڭدا ئۇ سەلكىن شامالغا ئايلىنىپ ، سىنى سىپايدۇ . ئۇ خۇددى دىڭىز دولقۇنلىرىدەك تىنىپ تاپماي سىنى سۆيۈپ تۇرىدۇ .
بالىلارنىڭ – سۈرەنلىرىنى ئاتىنىڭ مەۋجۈتلىقى ئىچىدە كۆرەلەيسىز . ئانىنىڭ بەختىنى ئاتا بىرىدۇ ، بالىنىڭ بەختى ھەر ئىككىسىنىڭ قولىدا بولىدۇ ؛ دادامنىڭ كىچىك سوۋغىتى ئىللىق تەبەسسۇم ، بىز ئۇنىڭدىن چەكسىز ھوزۇر ئالىمىز .دادامنىڭ چوڭ سوۋغىتى – بۈيۈك سۆيگۇ ، ئۇ ئۇنى پۈتكۈل ئاۋامغا بىرىدۇ . ناۋادا ئۇلۇغ ئاتىنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالىدىغان بولسا ، ئائىلە ھەممە نەرسىدىن قۇرۇق قالىدۇ .
ئوغۇزخاننىڭ قولىدىكى زۇلپىقارنى تۆمۈرچى سوققان ، نوھنىڭ كىمىسىنى ياغاچچى ياسىغان ، چىڭگىزخاننىڭ ئوقياسىنىمۇ ھۈنەرۋەن تەييارلىغان . ئۇلار دۇنياغا ئاتامان بولۇپ شانۇ – شەۋكەتلىك ئالتۇن تەخىتكە ئولتۇرغاندا ، تۇنجى بولۇپ ئەسلىگىنى – ئاتا .
پەيلاسوپلار ‹‹ ساڭا يامانلىق قىلغان ئادەمنى سۆيۈپ قوي ›› دەيدۇ ؛ دادام ‹‹ زەھەرلىك يىلاننى تۇتۇپ سۆيگىلى بولمايدۇ ›› دەيدۇ جاھاندا تىرىشساڭ ھەممىنى قىلالىشىڭ ياكى ھەممە بولالىشىڭ مۈمكىن ، تازا ئويلىساڭ ، ھەقىقى بىر ئۇلۇغ ئاتا بولماق نەقەدەر تەس – ھە ؟ بىلەمسەن ئاتىنىڭ قەلبى ئازاپلانسا ، زىمىن كۆزىدىن قان ئاقىدۇ ، ئانا ياش تۆكسە ، ئاسمان ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدۇ .
دۇنيانىڭ ئۇ چىتىدىن بۇ چىتىگە يىپنىڭ بىر ئۇچى ئاتىنىڭ قولىدا ، يەنە بىر ئۇچى ئانىنىڭ قولىدا بولىدۇ . يىپنىڭ ئۈزۈلىشى ‹‹ قىيامەت ›› نىڭ باشلانغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ .
ئۇ ئاتىنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمى بۆشىكىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىنىڭ چىھرىدە نامايەن بولدى ؛ ئۇ ئاتىنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشى قىش قۇچىقىدا خىرامان ئۇخلاۋاتقان بالىنى ئويغاتتى .
زىمىن ئەڭ مۇلايىم ئاتا .ئۇ تەبىئەت ، ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئىغىر ئازاپ لىرى ۋە سىلكىشلىرىگە جىمجىت بەرداشلىق بىرەلەيدۇ .
ئاتا قەلبىدە يۈكسەك ئىتىقات بولسا ، بالىلار ھەقىقى يىتىلىدۇ . چاڭ – توزاڭ بىسىپ كەتكەن يۈرىكىڭنى پاكىز لىمىساڭ ، بالىلارنىڭ لەنىتىگە قالىسەن ، بالىلار پاك يۈرەكنى سۆيىدۇ ، چۈنكى ئۇلار دۇنياغا ئەڭ پاك ، بىغۇبار تۆرەلگەن .....بىپايان دىڭىزنىڭ شاۋقۇن – سۈرەنلىرى بالىلارنىڭ كۈلكە – چاخچاقلىرىدەك ەۈزەل ھەم يىقىملىق ئەمەس .
بەخىت توغرىسىدا سۆزلىگەنلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمەن . بىراق ئۇلار بەخىتكە تۇتىشىدىغان يولنى كۆرسىتىپ بىرەلىگىنى يوق ئەگەر ئۇلار كۆرسىتىپ بىرەلىگەندە ، يۇمران بالىلار بىھۇدە يىتىم بولماس ئىدى . كوچىدا بۇردا نانغا زار بولغان تەلەيسىز بالىنىڭ گۆھەر كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياش سىرغىماس ئىدى .
كۆكرىگىگە ئوق تەككەن تۇپراقنىڭ ئۈنسىز قايغۇسىنى دىڭىز دولقۇنلىرى سۆزلديدۇ ، يارلانغان قۇشنىڭ كۆز يىشى دەرەخ يۇپۇرماق لىرىدا جىلۋە قىلىدۇ . ، ناۋادا بىر قۇش دەرىخىڭگە قونۇپ ناۋا قىلىپ بەرسە ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشا ؛ سەمىمى بىر ئادەم ئىىشىكىڭ ئالدىدا سالام قىلىپ ئۆتسە ، ئۇنىڭغا ئىززەت – ئىكرامىڭنى بەر . بىلگىنكى ،ياخشى زىمىننىڭ مول بايلىقى .
ناۋادا مەن زىمىستان قىش قار – مۇزنىڭ ئىچىدە زۇلمەت كىچە قاباھەتلىك چۈش قوينىدا تۇرۇپ قالساممۇ ، يەنىلا ھايات تۇرالايمەن ، چۈنكى مەندە بۈيۈك ئىتىقات ، ئىشەنچ ۋە ھاياتقا بولغان چەكسىز سۆيگۈ – مۇھەببەت بار بەزىدە شات - خوراملىققا قارىغاندا قىيىنچىلىق ۋە ئازاپلىنىش كىشىنى كۆپرەك ئەقىل - پاراسەتكە ئىرىشتۈرۈپ قويىدۇ ئۆزۈڭگە ئىشەن ، ئولۇم دادا بايقىيالمىغان نەرسىلەرنى بالا بايقىيالايدۇ .
 قورام تاشنىڭ يۈرىكىدىن بۇلدۇقلاپ چىققان زۇمرەت سۇ دىھقاننىڭ ئىتىزىنى سۆيۈپ ئارمىنىغا يىتىدۇ ، يادىن ئىتىلغان ئوقنىڭمۇ نىشانى بار . بىر سۆزۈم بار : ئەي ئوغۇل خاتىرجەم ياشاي دىسەڭ ئاتا روھىغا دۇغ تەككۈزمە . بىلەمسەن ؟ يۈرەككە قورۇق چۈشمەيدۇ ، ۋاھالەنكى يۈرەككە دەز كەتسە يەملىگىلى بولمايدۇ . ھايات مۇساپىسىدە ئۆزۈڭنى ئەڭ لىللا چۈشىنىدىغان ، ئۆزۈڭنى ئەڭ پاكىز سۆيىدىغىنى يەنىلا ئۆزۈڭدۇر ؛ ئاتا سەن ئۈچۈن مەدەتكار ، پەقەت ئۆزۈڭگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچ ، ساناقسىز تىرىشچانلىقلا سىنى ھەممىگە ئىرىشتۈرىدۇ شۇندىلا سەن سامادىكى قۇشلاردەك ئەركىن پەرۋاز قىلىشقا مۇيەسسەر بولالايسەن .
سەن ئۆز چىرىغىڭنى قوغدا ، قاراڭغۇلۇقتا قالمايسەن . ئاتا - بىر ۋەتەن ئۇنى سۆي ، ئۇ سىنى قوغدايدۇ ؛ ئاتا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى ، ئۆچمەس مەشئەل ،ئۇ سىنىڭ يولۇقغا مەڭگۈلۈك نۇر بىرىدۇ .
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار