ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

بالىسى بار ئەرلەر بالىسى يوق ئەرلەرگە قارىغاندا كىرىمى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ

ۋاقىت : 2013-07-12 22:14 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالىسى بار ئەرلەر بالىسى يوق ئەرلەرگە قارىغاندا كىرىمى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ

بالىسى بار ئەرلەر بالىسى يوق ئەرلەرگە قارىغاندا كىرىمى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ

ئەنگىلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 40 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بالىسى بار ئەرلەر بالىسى يوق ئەرلەرگە قارىغاندا كىرىمى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
«يەكشەنبىلىك پوچتا گېزىتى» دە مۇنداق دېيىلدى: يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئەرلەر دادا بولغاندىن كېيىن كىرىمى ئاشقان، بالدۇر بوشانغان ئاياللارنىڭ كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتكەن. تەتقىقاتچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1958-يىلى ۋە 1970-يىلى تۇغۇلغان ئەرلەر ۋە ئاياللارنى تاللاپ كىرىمىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن 1958-يىلى تۇغۇلغان دادىلارنىڭ بالىسى يوق ئەرلەرگە قارىغاندا كىرىمىنىڭ 16 پىرسەنت يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، 1970-يىلى تۇغۇلغان دادىلارنىڭ بالىسى يوق ئەرلەرگە قارىغاندا كىرىمىنىڭ 19 پىرسەنت يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، 1970-يىلى تۇغۇلغان ئانىلار 24 ياشقا كىرگەن چاغدىكى كىرىمى بالىسى يوق ئاياللارنىڭ كىرىمىگە سېلىشتۇرغاندا 20 پىرسەنت تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

بالا بىلەن ئەرلەرنىڭ كىرىمى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئېھتىمال ئىككى ئامىلغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بالىسى بار دادىلارنىڭ بېسىمى ئېغىر بولغانلىقتىن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ كۆپ پۇل تېپىشى مۇمكىن، يەنە بىرى ئەرلەر سالاپەتلىك بولغان ۋاقتىدا بالىلىق بولۇشنى تاللايدۇ. ئاممىۋى سىياسىي تەتقىقات يۇرتى ئەزاسى دالىيا مۇنداق دېدى: ئاياللار كىرىمى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بالا تۇغۇش ئاياللارنىڭ كىرىمى ۋە كەسپىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئازراق ياخشىلىنىش پەيدا قىلىدۇ. كۆپ قىسىم 1958-تۇغۇلغان ئانىلار بوشانغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ئارام ئالىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ كىرىمى ۋە كەسپى ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇلار بوشانغاندىن كېيىن ئېھتىمال تېزدىن خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەسپى ئورنى ۋە كىرىمىنى ساقلاپ قالىدۇ.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار