ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

تەربىيلەش ئۇسۇلىڭىز پەرزەنتىڭىزنىڭ كېلەچىكىگە توسالغۇ بولمىسۇن

ۋاقىت : 2013-06-01 16:25 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

تەربىيلەش ئۇسۇلىڭىز پەرزەنتىڭىزنىڭ كېلەچىكىگە توسالغۇ بولمىسۇن
تەربىيلەش ئۇسۇلىڭىز پەرزەنتىڭىزنىڭ كېلەچىكىگە توسالغۇ بولمىسۇن


ھازىر ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا پات- پات «قىزىمنى يالغۇز قىز دەپ ئەركىلىتىپ نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىپ، ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئۆگىنىشىنى قىلسۇن، خىزمەتكە چىققاندا چارچاپ كەتتى، ئارام ئالسۇن دەپ ئائىلە ئىشلىرىغا پەقەت سالماپتىكەنمەن، مانا ئەمدى ياتلىق بولغاندا تۇرمۇشتا قىينىلىپ، تولا ۋايسايدىغان بولۇپ قالدى. بەزىدە مېنى مۇشۇنداق قىلىپ قويغان سىز، دەپ مەندىن ئاغرىنىپمۇ قويىدۇ»دېگەنگە ئوخشاش بەس- مۇنازىرىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز
▲شۇنداق. ئادەتتە كۆپلىگەن ئانىلار قىزلىرىنى ئائىلە ئىشلىرىغا كۆندۈرۈپ، پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا ياخشى ئاساس سالىدۇ. بىراق، يەنە بىر قىسىم ئانىلار قىزىنى:«قىزىم جاپا تارتمىسۇن، بىر ئۆي بېشىغا كىيىلگەندە مەجبۇرىي قىلىدىغۇ»دېگەنگە ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن قىزلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلاپ، بارچە جاپانى ئۆزى تارتىپ، قىزلىرىنى ئائىلىنىڭ ئېغىر- يېنىك ئىشلىرىغا سالمايدۇ. نەتىجىدە بۇ خىل زىيادە ئاسراش ئۆز نۆۋىتىدە پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەمگەك ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىدۇ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي  قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا تەسىر كۆرسىتىپ، شەخسلەرنىڭ تىرىكچىلىك قىلىش  ۋە  جەمئىيەتكە  تۆھپە  قوشۇش   ئاساسىنى پۇختىلايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى   ئەمگەك  تەربىيەسىگە   ئىگە قىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى    تەرەققىي    قىلدۇرۇشتا   مۇھىم   رول  ئوينايدۇ.
▲ئۇلۇغ ئەدىب گوركىي مۇنداق دېگەن:«تالانت- ئەمگەك  دېمەكتۇر. ئادەمنىڭ تالانتى خۇددى گۈلخانغا ئوخشاش بىردەم يالقۇنلايدۇ، بىردەم ئۆچىدۇ. ئۇنى كۈچلۈك يالقۇنجىتىشنىڭ  بىردىنبىر   ئۇسۇلى-- ئەمگەك  قىلىش، يەنە ئەمگەك قىلىشدۇر. نەزەر  تاشلايدىغان  بولساق، بىر  تەرەپتىن پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ۋە كۆپ تەرەپلىمە تەربىيەلىنىشىگە ئايانماي مەبلەغ سېلىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئائىلە ئىشلىرىدا چوقۇم ئاتا- ئانىغا ياردەملىشىش دېگەن ئاڭنى سىڭدۈرۈپ، قىز، ئوغۇل دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي تەڭ ئۆي ئىشلىرىغا كۆندۈرۈپ ھەر تەرەپلىمە تەربىيلەۋاتقان ئاتا- ئانىلارمۇ بار. بۇنداق قىلغاندا، پەرزەنتلەردە  مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىقنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەيدىغان ئېسىل ئەخلاق- پەزىلەتكە ئىگە كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلىگىلى بولىدۇ.
▲ئەلۋەتتە، ئۆز پەرزەنتىگە كۆيۈنمەيدىغان، ئۇلار ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىمايدىغان ئاتا- ئانا بولمىسا كېرەك. لېكىن، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ياشلارنىڭ ئىرادىلىك، جاپاغا چىدايدىغان بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. قىيىنچىلىقنىڭ ئۆزىگە يارىشا ھۇزۇرى، جەزبىدارلىقى، بولۇپمۇ ئەڭ كېرەكلىك تەجرىبە ۋە ساۋىقى بولىدۇ دېگەن تەربىيەۋى سۆزلەرنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى تولىمۇ زۆرۈر.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار