ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى يالغۇز قالدۇرسا جەرىمانە قويۇلىدىكەن

ۋاقىت : 2013-04-02 11:04 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
يېڭى زېلاندىيەدە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۆيدە يالغۇز قالدۇرسا جەرىمانە قويۇلىدىكەن

ئاتا-ئانىلار كىچىك بالىلىرىنى ئاپتوموبىلدا يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولىدىغان پاجىئە دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. شياڭگاڭدا چىقىدىغان «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ تۈنۆگۈن خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى زېلاندىيەدە بىر ئانا مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىققاندا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بالىسىنى ئاپتوموبىلغا يالغۇز سولاپ قويغان، ھەتتا بالىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ تېلىفون نومۇرى يېزىلغان بىر باغاقچىنى قويۇپ قويغان، باغاقچىغا يەنە: «ئاپام نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى كەتتى، ئەگەر ماڭا بىرەر نەرسە لازىم بولسا، ئاپامغا تېلىفون بېرەرسىلەر» دەپ يېزىلغان.
   بىر جۈپ ئاقكۆڭۈل ئەر-ئايال بۇ بوۋاقنى بايقىغان، گەرچە بوۋاق ساق-سالامەت بولسىمۇ ئەمما ئۇلار يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، بوۋاقنىڭ يېنىدا تۇرۇپ خېلى ساقلىغان بولسىمۇ، بالىنىڭ ئانىسى كەلمىگەن. كېيىن يەنە ئىككى يولۇچى ئۇلارغا قوشۇلۇپ بوۋاققا ھەمراھ بولغان، ئاخىرى بىرەيلەن باغاقچىدىكى نومۇرغا تېلىفون بەرگەندىن كېيىن، بوۋاقنىڭ ئانىسى ئاندىن يېتىپ كەلگەن.
يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېچكىم ساقچىغا مەلۇم قىلمىغان، بالىنىڭ ئانىسىنىڭ سالاھىيىتىمۇ نامەلۇم بولغاچقا، ھازىرچە ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمايدىكەن، بىرەيلەن ئەرز قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئايال ئەيىبلەنمەيدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، يېڭى زېلاندىيەدە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۆيدە يالغۇز قالدۇرسا جەرىمانە قويۇلىدىكەن. لېكىن ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، نۇرغۇن ئاتا-ئانا پەقەت قىسقىغىنە نەچچە مىنۇتلا ئايرىلىدىغان بولغاچقا، ئاساسەن ئەيىبلەنمەيدىكەن. ئەمما ساقچى تەرەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنداق قىلىشنىڭ يەنىلا خەتەرلىك ئىكەنلىكى، ئاتا-ئانىلار ئىشى چىقىپ قالغاندا بالىلارغا قاراپ بېرىدىغان ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار