ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

بالا تەربىيەسىدە ساقلىنىدىغان ئىشلار

ۋاقىت : 2013-04-01 01:24 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
بالا تەربىيەسىدە ساقلىنىدىغان ئىشلار

بالا تەربىيەسىدە ساقلىنىدىغان ئىشلار


ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىش.

بالىنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئويلاشماي، بالىنى خەت تونۇتۇش، ھېساب ئىشلەشكە مەجبۇرلاش. بۇ بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە بالىغا نىسبەتەن بېسىم، زېرىكىش تۇيغۇسى بېرىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا، بالىدا ئۆگىنىشكە نىسبەتەن قورقۇش، بىزار بولۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ ھەمدە روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ.

كۆپ سۆزلەشتىن ساقلىنىش.

ئوخشاش مەزمۇندىكى سۆزلەرنى دائىم تەكرار ئېيتقاندا، بالا زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ، ھەتتا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ.

تاماق ۋاقتىدا تەنبىھ بېرىشتىن ساقلىنىش.

بالا تاماق يەۋاتقاندا ئەگەر باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، يېگەن تامىقى مەززىسىز، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر قاتتىق تەنقىدلەشكە ئۇچرىسا، ئۇ ھالدا يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش، قان بېسىمى ئۆرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىشتىھاسىنى قايتۇرۇۋېتىدۇ ياكى ئازلىتىدۇ.

زورلاشتىن ساقلىنىش.

ھەددىدىن زىيادە يادقا يېزىش بالىدا روھىي جىددىيلىك، ھاياجانلىنىش، يۈرەك سېلىشى تېزلىشىش، يۈز قىسمى تېرىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش، كېڭىيىش مەزگىلىدىكى قان بېسىم(تۆۋەن بېسىم) ئۆرلەش، قول تىترەش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يادقا يېزىش ۋاقتى ئۇزارسا، ئۆگىنىش نەتىجىسى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تولىمۇ پايدىسىز.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار