ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

جۇڭگودىكى ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىگە يالغان سۆزلەشكە ئامراق

ۋاقىت : 2013-03-03 19:52 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

جۇڭگودىكى ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىگە يالغان سۆزلەشكە ئامراق

جۇڭگودىكى ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىگە يالغان سۆزلەشكە ئامراق

ئامېرىكا «فوربېس» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ تور پونكىتىدا 17- فېۋرال ئېلان قىلىنغان «جۇڭگودىكى ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىگە يالغان سۆزلەشكە ئامراق» دېگەن ماقالىدە بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى بىز ئەزەلدىن ئويلىشىپ بولالمىغان بىر ھەقىقەت، يەنى جۇڭگولۇق ئاتا- ئانىلارنىڭ يالغان گەپ قىلىشقا ئامراق ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

بىز بۇ يەردە ياخشى كۆڭۈل بىلەن ئېيتىلغان يالغان گەپلەرنى كۆزدە تۇتمىدۇق. مەسىلەن، بالىلار ئېھتىياتسىزلىقتىن تەخسىنى چېقىۋەتسە، ئاتا- ئانىلار «تەخسىنىڭ چېقىلغىنى سېنىڭ سەۋەنلىكىڭ ئەمەس، بەلكى ئۇ بەك كونىراپ كېتىپتۇ» دەپ قويىدۇ. بىزنىڭ كۆزدە تۇتقىنىمىز ئادەم بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايدىغان يالغان گەپلەر. مەسىلەن، «تاماقنى يەپ بولمىساڭ بويۇڭ ئۆسمەيدۇ»، «ماڭا يېقىن ماڭمىساڭ، ئادەم بېدىكلىرى سېنى ئالداپ كېتىدۇ»، «قائىدىگە ئەمەل قىلمىساڭ، ساقچى چاقىرىمەن» دېگەندەك.

«خەلقئارا پسىخولوگىيە ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ %98 تى بالىلارغا يۇقىرىقىدەك يالغان گەپلەرنى قىلىپ باققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇلار مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن، ئۆزى توقۇپ چىققان يالغان گەپلەر ئارقىلىق بالىلارنى گەپكە كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. جۇڭگولۇق بىر دادا (ياكى ئانا) يالغان گەپكە باھانە ئىزدەپ: «بالىغا تەربىيە بەرگەندە، بىر قىسىم ياخشى نىيەتلىك يالغان گەپلەرنى قىلىشقا بولىدۇ. بۇلار بالىلارنىڭ ياخشى نىشانغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يامان يولغا مېڭىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ» دېگەن.

دەرۋەقە، ئامېرىكىلىق ئاتا- ئانىلارمۇ يالغان گەپ قىلىدۇ، ئەمما جۇڭگولۇق ئاتا- ئانىلارغا ئەسلا يېتەلمەيدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگولۇق ئاتا- ئانىلارنىڭ %68 تى «بالام ئالدىنىپ كېتىسەن» دېگەندەك يالغان گەپلەرنى قىلىپ باققان، بۇنداق يالغان گەپنى ئامېرىكىلىق ئاتا- ئانىلارنىڭ ئاران %18 تى قىلغان. «تاماقنى يەپ بولمىساڭ بويۇڭ ئۆسمەيدۇ» بولسا جۇڭگولۇق ئاتا- ئانىلار ئىشلىتىشكە ئەڭ ئامراق سۆزلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىشلىتىلىش مىقدارى ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كۆپ ئىكەن (جۇڭگولۇق ئاتا- ئانىلار %61، ئامېرىكىلىق ئاتا- ئانىلار %10)

مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى جۇڭگو كارخانىچىلىرى بىلەن بولغان كۈندىلىك سودا ئالاقىسىدە قانداق ئىپادىلىنىدۇ بۇنى بىلمەك تەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاتا- ئانا. ئەمما بىر نۇقتا ئېنىقكى، جۇڭگولۇقلار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ يۈزىنى قىلىش يۈزىسىدىن قىلىنغان يالغان گەپ يالغان گەپ ھېسابلانمايدۇ.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار