ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

تەنقىد–تەربىيە لايىقىدا بولغىنى تۈزۈك

ۋاقىت : 2012-12-18 23:33 | مەنبەسى : شىنجاڭ گىزىتى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

تەنقىد–تەربىيە لايىقىدا بولغىنى تۈزۈك

ئەكرەمجان مەترۇسۇل ئۈمىدى

    ياراملىق دەرەخ پەرۋىشكە مۇھتاج بولغىنىدەك، ياراملىق بالا سەمىمىي تەربىيەگە مۇھتاج بولىدۇ. شۇڭا ئاتا– ئانىلار بالىلارغا بولغان تەنقىد–تەربىيەنىڭ لايىقىدا، ئىجابىي بولۇشىغا، تەنقىد ۋە تەقدىرلەشنى مۇۋاپىق، جايىدا قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

    بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنىڭ تىرىشچانلىغىنى كۆرمەيدۇ، ئىلھام بەرمەيدۇ، پەقەت ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر، تۈرلۈك پائالىيەتلەردە بىرىنچىلىكنى ئالسىلا مۇكاپاتلايدۇ. ئاتا–ئانىلار بالىلار مەيلى مۇۋەپپەقىيەت قازانسۇن ياكى مەغلۇپ بولسۇن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا ئېلھام بېرىشى، رىغبەتلەندۈرۈشى، تەقدىرلىشى كېرەك. چۈنكى ئېسىل ئەخلاق–پەزىلەت كۈندۈلۈك تىرىشچانلىقتىن، بوشاشماي ئالغا بېسىشتىن كېلىدۇ. دوستانە سۆھبەتلىشىشمۇ بالىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، كەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ. بالىلارنى تەنقىدلەشتە قوپاللىقتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. بالىلار سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە، ھېسسىياتنى ئەقىل بىلەن يېڭىپ، مەسىلىنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، بالىنىڭ سەۋەنلىكىنى چىن كۆڭلىدىن تۈزىتىدىغان تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇنداق بولغاندا بالىدا خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمايدىغان قەيسەر روھنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. تەنقىدلەش ئۇسۇلى قوپال بولۇپ قالسىلا، بالىلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش، قارشىلىشىش ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ئادەتتىكى خاتالىقلىرىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا تەنقىد قىلىۋەرمەي، بەلكى ئۇلارغا ئىلھام بولىدىغان بەزى ئۇسۇللار بىلەن خاتالىقىنى تونۇتۇش، ئاندىن خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە يول قويۇش، يېتەكلەش كېرەك، ھە دېسىلا بالىلارنى قوپال سۆزلەر بىلەن ئەيىپلەۋەرسەك، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە، بالىنى ياراملىق تەربىيەلەشمۇ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

    بالىلارنى ئەتراپلىق چۈشىنىش، ئۇلار بىلەن دائىم سىردىشىپ تۇرۇش، ئۇلارنىڭ غورۇرى ۋە ئىززەت – ھۆرمىتىنى ساقلاش، ئۇلارنى زىيانلىق قىلمىشلاردىن ساقلاپ، توغرا يولغا قايتۇرۇپ ياراملىق ئادەم قىلىش ئۈچۈندۇر. شۇڭا، تەنقىد سەمىمىي، بالىلار قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.


ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار