يېڭى قىزىق نۇقتا :
ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا –
ئائىلە مۇھىتى بالىل
كەيپىياتىڭىزىدىن با
بالىلىرىمىزغا توغرا
ئامىنە مۇھەممەت
كىتاب ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي بايلىقلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك مىراس قېلىشىنى زور دەرىجىدە ئالغا سىلجىتتى. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت مۇساپىسىنى يورۇتقۇچى جاھاننامە، ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي جەۋھەرلىرىنى يورۇتقۇچى مەشئەلدۇر.
پەرزەنتلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب دۇنياسىغا بەنت قىلىش، ئۇلاردا كىتابقا مۇھەببەت تۇيغۇسى ئورنىتىش پەرزەنت تەربىيەسىدە كەم بولسا بولمايدۇ. بالىلار كىتاب ئارقىلىق ئادەملەرنى، جەمئىيەتنى، دۇنيانى چۈشىنىدۇ. ياشاشنى ۋە يېڭى بىلىملەرنى مەيدانغا چىقىرىشنى، ئىجاد قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. كىتاب بالىلارغا مەكتەپ تەربىيەسىمۇ بىرەلمەيدىغان بىلىملەرنى بېرىدۇ.
قىسسە ۋە ھېكايىلەر بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىراق، بۈگۈنكى كۈندە چۆچەك بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدىن يىراقلاپ كەتتى، ئاتا – ئانىلارمۇ ‹‹چۆچەك بىلمەيدىغان››بولۇپ قالدى. ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا كىتاب ئېلىپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، بۇلاردىن سۆيۈنسەكمۇ، ئەمما بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەشتە، ئاتا–ئانىلارنىڭ رولى چوڭ.
ئاتا – ئانا ئاۋۋال ئۆزىڭىز كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. ئاتا–ئانا كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقمۇ بالىنى قانداق تەربىيلەش، بالىغا قانداق كىتابلارنى تاللاپ بېرىشنى بىلەلەيدۇ.
بالىڭىزنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كىتاب تاللاڭ. ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. بالا ھامىلە ۋاقتىدا ئۇنىڭغا يېقىملىق كۈيلەرنى ئاڭلىتىش، قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بېرىش. ھازىر بالىنىڭ دەسلەپكى تەربىيەسىدىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ قارالماقتا. ئىسپاتلىنىشىچە، بالا ھامىلە ۋاقتىدىلا سىرىتقى دۇنيانى ھېس قىلالايدىكەن. نۆل ياشتىن بىر ياشقىچە بولغان ئارلىقتا بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش، ئوقۇغاندا قىزىقارلىق، ئىنتۇناتسىيەلىك ئوقۇش، بالىنىڭ چىراي ئىپادىسىگە نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سېزىمى تەرەققىي قىلىۋاتقان ھالەتتە بولىدۇ. بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارغا شەيئىلەرنى تونۇش ۋە ۋەقەلىكنى ئاساس قىلغان ئاددىي، قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ھەرىكەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇپ بېرىش ۋە ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ بايان قىلىش ، بالىلارغا قايتا بايان قىلدۇرۇش بالىنىڭ ئاكتىپ پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي، دەسلەپكى بىلىملەرنى ئىگىلىۋىلىشىغا پايدىلىق. ئۈچ ياشتىن بەش ياشقىچە بالىلارغا ئەقلىنى سىناش، زېھىنىنى ئېچىش تېپىدىكى، شۇنداقلا ھايۋاناتلار باش پىرسۇناژ قىلىنغان چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بېرىش ئۇلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرىدۇ.
بەش ياشتىن يەتتە ياشقىچە بالىنىڭ ئۆزىنى كىتاب ئوقۇش جەريانىغا قاتناشتۇرۇش زۆرۈر. يەنى بالىلارنى رەسىملەرگە قاراپ ئۆزى ھىكايە توقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، بالىسىنىڭ ھىكايىسىنى سەۋرىچانلىق بىلەن ئاڭلاش ۋە ئۇنىڭغا ياخشى باھالارنى بېرىش كېرەك.
بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى مۇستەقىل كىتاب ئوقۇشقا يىتەكلەش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار تۆۋەن يىللىقلاردا چۆچەكلەرنى، يۇقىرى يىللىققا چىققانسېرى مەشھۇر كىشىلەر، ئۆز مىللىتى، ۋەتىنىگە ئائىت ۋەقە، قىسسەلەر مەزمۇن قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇشقا يېتەكلەش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەننىي كىتابلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يەنە بىر نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە توغرا كىلىدۇكى، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا كىتاب سېتىۋالغاندا كىتابنىڭ مەزمۇنىغا ۋە لايىھەلىنىش، ئىستىتىك گۈزەللىكى، سالامەتلىككە بولغان تەسىرى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئويلىشىشى كېرەك. بەزى كىتابلار بالىنىڭ يېشى ۋە تەربىيە ئىھتىياجىغا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى زۆرۈر كىتابلارنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.