ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

ۋاقىت : 2012-11-05 23:57 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

 

 

گۈلجەننەت ئىمىن

ئائىلە تەربىيەسى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۈملىدىن، مەكتەپ تەربىيەسى ۋە ئىجتىمائىي تەربىيەنىڭ رولىمۇ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا، تەلىم-تەربىيە نىشانىنى ئومۇميۈلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ياش ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:

ئائىلە تەربىيەسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

1. ياش ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئۆزلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى بالىلارنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت قائىدىلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ياش ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئۆزلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى ياخشى ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك.

2. ياش ئاتا-ئانىلار چوقۇم مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ نىشانى ۋە تەلىپىنى چۈشىنىشى، ئائىلە تەربىيەسىدە بالىلارغا بۇ نىشان ۋە تەلەپلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئەتراپلىق تەربىيە بېرىشى، مەلۇم بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

مەكتەپ تەربىيەسى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجىنى ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك مائارىپ سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزىم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرگە سوتسىيالىستىك ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيەسى، زامانىۋى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى تەربىيەسى، پىسخىك تەربىيە ۋە ئەمگەك تەربىيەسى قاتارلىقلارنى سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، پىسخىكا ۋە ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار چوقۇم مەكتەپلەرنىڭ تەلىم-تەربىيە نىشانلىرىغا ئۇيغۇنلىشىپ، بالىلارغا ئەتراپلىق تەربىيە بېرىپ، بالىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، مەلۇم جەھەتتىكى تەربىيەگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، باشقا تەرەپتىكى تەربىيەلەرگە سەل قارىماسلىقى كېرەك.

3. تەربىيەنىڭ ئىزچىللىقى، بىردەكلىكى ۋە ئىلمىيلىقىغا دىققەت قىلىش، تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىشى، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، تەدرىجىي سىڭدۈرۈش كېرەك. ياش ئاتا-ئانىلار خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا نۇرغۇن بېسىملارغا دۇچ كېلىدىغان بولۇپ، بالىلار بىلەن داۋاملىق بىللە بولالماسلىقى ياكى بالىلارغا سىستېمىلىق، مۇنتىزم ئائىلە تەربىيەسى بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئائىلە تەربىيەسىدە ئېنىق نىشان بولۇشى، تۈرلۈك يوللار، شەكىللەر ئارقىلىق بۇ نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن، ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپنىڭ تەربىيەسى ئۆز-ئارا بىردەكلىككە ئىگە بولۇشى، ئۆز ئارا تولۇقلاپ، ئۆز ئارا بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ تەربىيەسى ھەرگىز قارىمۇ-قارشى بولۇپ قىلماسلىقى، بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ تەربىيەسىنى كەلسە-كەلمەس ئىنكار قىلماسلىقى، بولۇپمۇ بالىنىڭ ئالدىدىلا يەنە بىر تەرەپنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ تەربىيەسىنى يوققا چىقارماسلىقى كېرەك. بولمىسا بۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئائىلە تەربىيەسىنىڭ رولىنىمۇ يوققا چىقىرىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلار ئىلمىي، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، بالىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە مۇۋاپىق نىشان بەلگىلەپ، ئۇلارنىڭ پائال ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

4. ئىلمىي، دېموكراتىك، مەدەنىي ئائىلە كەيپىياتى ۋە باراۋەر ئائىلە مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ بارەۋەرلىك ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ئىززەت- ئابرۇيىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، پىكىر-تەلەپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، ئۇلارنى ئائىلىنىڭ ئىشلىرىدىن مۇۋاپىق خەۋەردار قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتۇرۇش، ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىر قىىسىم ئىشلارنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىشىغا قويۇپ بېرىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭى، بارەۋەرلىك ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتكىلى، مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، ھەل قىلىش ۋە قول سېلىپ ئىشلەش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، كىشىلىك غۇرۇرى ۋە ئىنسانىي پەزىلىتىنى يېتلىدۈرۈپ، ئادىمىيلىك خارەكتېرىنى تاۋلىغىلى بولىدۇ.

 

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار