ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

ئاتا-ئانامنى يەنە قانچە قېتىم كۆرەلەيمەن؟

ۋاقىت : 2012-02-28 16:06 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئاتا-ئانامنى يەنە قانچە قېتىم كۆرەلەيمەن؟

 

 

 

ئاتا-ئانامنى يەنە قانچە قېتىم كۆرەلەيمەن؟

 

بۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ماتېماتىكىلىق ھېساب:

ئانام 22 يېشىدا مېنى تۇغۇپتىكەن. ئىلگىرىكى 19 يىلدا ئانام ھەر كۈنى مېنى كۆرەلەيتتى. ھازىر 19 ياشقا كىردىم، ئۆيگە قايتىپ باقمىغىنىمغا يېرىم يىل بولدى. ئانام بولسا 41 ياشقا كىردى. ئانامنى 100 ياشقىچە ياشىيالايدۇ دېسەم، ئۇنداقتا ئانام يەنە 59 يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ. مەن يەنە مۇشۇنداق يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئۆيگە قايتىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسەم، ئۇنداقتا مەن بۇ ھاياتىمدا ئانام بىلەن 118 قېتىملا كۆرۈشەلەيدىكەنمەن.

مەن بۇ ھېسابنىڭ نەتىجىسىنى ئانامغا ھەرگىزمۇ ئېيتىپ بەرمەيمەن. چۈنكى ئانام بۇنىڭ نەتىجىسىنى بىلسە، كۆڭلى بەكلا يېرىم بولۇپ كېتىدۇ! ھەر قېتىم ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا ئىمتىھان سوئالىدىكى ھېسابلارنى خاتا ھېسابلاپ قويماي دەپ شۇنچە ئېھتىيات قىلاتتىم، بىراق مۇشۇ ماتېماتىكىلىق ھېسابنى خاتا ھېسابلاپ قويغان بولسامچۇ دەپ بەكمۇ ئۈمىد قىلدىم، ئەمما نەتىجە يەنىلا شۇ 118 قېتىم بولۇپ چىقتى.

بۇنى ھېسابلاب باققانلارمۇ ماڭا ئوخشاشلا بۇ ھېسابلاش نەتىجىسىنى قورقۇنچلۇق ئىكەن، دېيىشى مۇمكىن. بىراق بەزى ياشلار مۇشۇنداق ماتېماتىكىلىق سوئالنى ھېسابلاپ باقسىلا ئاندىن ئۆز-ئۆزىمىزگە ئۆيگە قايتىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارغا مۇڭداش بولۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرالايدىكەنمىز.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار