ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

ئائىلە ۋە مۇھەببەتتىكى كرىزىس

ۋاقىت : 2012-02-21 19:26 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئائىلە ۋە مۇھەببەتتىكى كرىزىس

 

ئائىلە ۋە مۇھەببەتتىكى كرىزىس
 

 

بۈگۈنكى ئىجتىمائىيىتىمىزدە شاخلاۋاتقان ئائىلە ۋە مۇھەببەت كىرىزىسى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا تەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە قۇرۇلمىسى، ئائىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مۇقەددەسلىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. دۇنياۋى خاراكتېرلىك تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە قىممەت قاراشلىرىنىڭ قاراقويۇق سىڭىپ كىرىشى كۆپىنچىلىرىمىزنىڭ ئېڭى ۋە روھىغا باشقىچە تەسىر كۆرسەتتى. نەتىجىدە نۇرغۇن كىشى ئائىلىدىن قانمىغان قەلب تەشنالىقى، ئېھتىياج ۋە تەلەپلىرىنى سىرتتىن ئىزدەيدىغان بولدى.

بۇنداق چىركىن مۇھىت ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋە ئىناقلىقنى خورىتىدۇ. بۇ ئاقىۋەتكە يۈزلەنگەن ئائىلە بىقۇۋۇل ۋە بىنورمال ئائىلىگە ئايلىنىدۇ. بۇنداق ئائىلىدىن بەرىكەت ۋە بەخت كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئورنىنى بالايىئاپەت ۋە جىنايەت ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئائىلىلەردە مۇھەببەت گۈلىنىڭ سولىشىپ كېتىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چەكلەش ئائىلە مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى چىن دىلىدىن خالايدىغان ھەر بىر ئەر - ئايالنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.
ئائىلە ھاياتى ئىنسان ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. ئائىلە پەيدا بولغاندىن باشلاپ، ئائىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىمىز ئۆزگىرىش ۋە راۋاجلىنىش، تەرەققىي قىلىش جەريانىدا مۇكەممەللىشىپ، مۇقەددەسلىشىپ بۈگۈنگە كەلدى. ئائىلە ئىنساننىڭ تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كامال تاپقۇزىدۇ. شۇڭا، ئائىلە مۇكەممەللىكى ۋە كامالىتى ئىنساننىڭ ھاياتىغا يار بولغاندا، ئىنسان ئائىلە مېھرى ۋە ئائىلە قۇدرىتىدىن بەھر ئېلىپ، ئۆز ھاياتىنىڭ شېرىن ھۇزۇرىنى سۈرەلەيدۇ. بۇ مۇددىئاغا يېتىشتە ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ھەقىقىي مەنىسىدە چۈشىنىش زۆرۈر بولىدۇ.
 

مۇھەببەت - ئىنساندىكى تەبىئىي سەزگۈ. ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىدا تەبىئىي ۋە ساپ بولىدۇ. بىراق، ئىنساننىڭ بۇ تەبىئىي ۋە ساپ مۇھەببەتنى ھېس قىلىپ يېتەلىشى ۋە ئۇنى ئىزچىل پەرۋىشلەپ تۇرالىشى قىيىن. مۇھەببەت ھەر ۋاقىت پەرۋىشكە موھتاج. ئۇ پەرۋىش قىلىنمىسا ئاسانلا نابۇت بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئائىلىنىڭ ئۇلى ئاجىزلاپ، ئائىلىدىن ھېس قىلىدىغان ۋە ھۇزۇرلىنىدىغان تەركىبلەر يوقىلىدۇ. دەرۋەقە، «مۇھەببەت قېرىمايدۇ» دېيىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ مۇھەببەتنىڭ پەرۋىش قىلىنىشىغا قارىتىلغان.

ئۇنداقتا ئائىلە مۇھەببىتى دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق بارلىققا كېلىدۇ ۋە شەكىللىنىدۇ؟ شەكسىزكى، ئائىلە مۇھەببىتى ئائىلىدىكى ئەر - خوتۇننىڭ ئۆزئارا كۆيۈنۈشى، ئىشىنىشى، ھۆرمەت قىلىشى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىمكاندىن تۇغۇلغان پەخىرلىنەرلىك مۇناسىۋەتتۇر. ئائىلە مۇھەببىتى ئەر - خوتۇننىڭ بىر - بىرىگە كۆيۈنۈشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ، كۈچىيىدۇ. بۇنىڭغا «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 6 - سانىدا ئېلان قىلىنغان مۇنۇ مەزمۇنلار ئاساس بولالايدۇ:

مەلۇم ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەر تەۋەسىدىكى ئەڭ مۇھەببەتلىك ئەر - خوتۇننى تاللىماقچى بولۇپتۇ. ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش، ئاھالىلەرنىڭ رايىنى سىناش، سايلاش ئارقىلىق ئۈچ جۈپ ئەر - خوتۇن نامزاتلىققا تاللىنىپتۇ. باھالىغۇچىلار ئاۋۋال بىرىنچى جۈپ ئەر - خوتۇننى چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سوراپتۇ.

ئايال ھاياجانلانغان ھالدا «مەن بىر قانچە يىل ئىلگىرى پالەچ بولۇپ يېتىپ قالغان، ئەمما، ئېرىم مېنى ئىزچىل ئۈمىد بىلەن ياشاشقا، ھەتتا ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېڭىشقا دەۋەت قىلىپ تۇردى ھەم مېنى داۋالىتىشنى بىر مىنۇتمۇ بۇشاشتۇرمىدى. ئېرىمنىڭ چەكسىز غەمخورلۇقى بىلەن ئاخىرى ئاياققا تۇردۇم» دەپتۇ. باھالىغۇچىلار ئۇنىڭ ھېكايىسىدىن بەكمۇ تەسىرلىنىپتۇ.

ئىككىنچى جۈپ ئەر - خوتۇن ئۆزلىرىنىڭ توي قىلغان ئون يىلدىن بۇيان زادىلا قىزىرىشىپ، سوقۇشۇپ قالمىغانلىقىنى، ھەتتا تاكاللىشىپمۇ باقمىغانلىقىنى، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئىجىل - ئىناق ئۆتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. باھالىغۇچىلار ئىختىيارسىز باشلىرىنى لىڭشىتىپتۇ.

نۆۋەت ئۈچىنچى جۈپ ئەر-خوتۇنغا كەلگەندە، باھالىغۇچىلار ئۇلارنى خېلى ساقلىسىمۇ كىرمەپتۇ. ئەسلىدە ئەر بېشىنى خوتۇنىنىڭ ئوڭ مۈرىسىگە قويۇپ ئۇخلاپ قالغانىكەن. باھالىغۇچىلاردىن بىرى چىقىپ ئەرنى ئويغاتماقچى بوپتىكەن، ئايال سومكىسىدىن قەغەز - قەلەم ئېلىپ سول قولىدا ئېھتىيات بىلەن «ئويغاتماڭ، ئېرىم ئاخشام ياخشى ئۇخلىيالمىغان» دەپ يېزىپ، باھالىغۇچىغا تۇتقۇزۇپتۇ.

باھالىغۇچى «باشقا باھالىغۇچىلار سىلەرنى ساقلاۋاتىدۇ، ئەگەر ئېرىڭىز ئويغانمىسا، خىزمىتىمىزگە تەسىر يېتىدۇ» دەپتۇ. ئايال يەنە سول قولى بىلەن «ئۇنداقتا باھالاشقا قاتناشمايمىز، ھازىر مەن ئۈچۈن ئېرىمنىڭ قېنىپ ئۇخلىۋېلىشى ئەڭ مۇھىم» دەپ يېزىپ باھالىغۇچىغا بېرىپتۇ. باھالىغۇچىلار خەتنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشۇپتۇ.

ئارىدىن بىر سائەت ئۆتۈپ ئەر ئويغىنىپتۇ. ئايالنىڭ بايىدىن بېرى تېلىپ كەتكەن ئوڭ قولىمۇ ئاخىرى ھەرىكەتكە كەپتۇ. ئايال سومكىسىدىن قەغەز ئېلىپ ئېرىنىڭ يۈزىدىكى تەرنى سۈرتمەكچى بولغاندا قولىدىكى قەغەز يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئېرى ھەم ئەجەبلەنگەن ھەم كۆيۈنگەن ھالدا خوتۇنىدىن نېمە بولغانلىقىنى سوراپتۇ. ئايالى كۈلۈپ تۇرۇپ «ھېچنېمە بولمىدى» دەپتۇ. نىھايەت باھالىغۇچىلار ئەرنى ئىشخانىغا ئەكىرىپ، ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇنچىۋىلا ئۇخلاپ كەتكەنلىكىنى سوراپتۇ. ئەر سەل خىجىل بولغان ھالدا «ئاخشام يېرىم كېچە پاشىنىڭ غىڭشىغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم. قارىسام دېرىزىنىڭ پاشىلىقى ئېچىلىپ قاپتىكەن، ئۆيگە نەچچە تال پاشا كىرىۋاپتۇ. چىراغنى ياندۇرۇپ، پاشىلارنى ھەيدەپ چىقىرايمۇ ياكى پاشىلىقنى ئىتىۋېتەيمۇ دەپ ئويلىدىم. لېكىن چىراغنى ياندۇرسام ياكى پاشىنى قوغلاپ يۈرسەم ئايالىمنىڭ ئويغىنىپ كېتىشىدىن ۋە پاشىلارنىڭ ئايالىمنى چېقىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، كېچىچە ئايالىمنى پاشىدىن قورۇپ، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزدۇم» دەپتۇ. باھالاش كومىتېتى ئاخىرىدا مۇسابىقە تۈرىگە يەنە ئىككى خىل مۇكاپات تەسىس قىپتۇ، يەنى، بىرىنچى جۈپ ئەر - خوتۇنغا «قىيىنچىلىقنى تەڭ يەڭگەن ئەر - خوتۇن»، ئىككىنچىسىگە «ئىناق ئەر - خوتۇن»، ئۈچىنچىسىگە «مۇھەببەتلىك ئەر - خوتۇن» دەپ نام بېرىپتۇ.

بۇنىڭدىن ئايانكى، ئەر-خوتۇن مۇھەببىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئائىلە ھەر ۋاقىت بەخت ۋە ئىللىقلىققا تولغان بولىدۇ. ئەر - خوتۇندىكى ئۆزئارا كۆيۈنۈش ۋە ھۆرمەت ئائىلە مۇھەببىتىنى قۇۋۋەتلەپ تۇرىدىغان مەنىۋى ئوزۇق ھېسابلىنىدۇ. ئەر - ئاياللاردىكى مۇھەببەت ھەر ۋاقىت ئائىلىۋى شارائىت ۋە ياشاش مۇھىتى جەريانىدا ئەنە شۇنداق ئاددىي ئىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن ئارىمىزدا ئاشۇنداق ئاددىي ئىشلار ئارقىلىق مۇھەببىتىنى ئىپادىلىيەلمەي، چوڭ ئىشلاردا ئىپادىلەشكە پۇرسەت تاپالماي يۈرگەنلەر تالاي. جەمئىيتىمىزدىكى ئائىلە ۋە مۇھەببەت مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان كىرىزىسلارنىڭ مەنبەسى ۋە ئىپادىلىرىنى تۆۋەندىكىچە شەرھلەش مۇمكىن:

1. تالاغا قاراش. بۇ ئائىلە مۇھەببىتىگە چۈشكەن قورقۇنچلۇق مىتە. بۇنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغان ئەر - خوتۇن گەرچە ئائىلىدە بىر - بىرىگە كۆيۈنۈش ھالىتىدە ياشاپ، باشقىلارغا مۇھەببەتلىك ئەر - خوتۇنلاردەك تۇيغۇ بېرىشكە ئۇرۇنسىمۇ، ئەمما، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بۇنداق چىركىنلىك ماھىيىتىنى ھامان ئاشكارىلايدۇ. ئۇ ئاشكارىلانغاندا بۇنداق ئائىلىنىڭ تەقدىرى ۋەيرانچىلىق بىلەن خاتىمىلىنىدۇ.

2. مەسئۇلىيەتسىزلىك. بۇ ئائىلىنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان تەرەپتۇر. مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەۋج ئالغان ئائىلىدىكى ئەر - خوتۇننىڭ كۆڭلى بىر - بىرىدىن سۇ ئىچمەيدۇ. ئەر - خوتۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى خۇددى بىر جۈپ قاناتقا ئوخشايدۇ. بىر جۈپ قانات مەسئۇلىيىتىنى تەڭ ئادا قىلغاندا پەرۋاز قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەر - خوتۇنلاردىكى مەسئۇلىيەتنىڭ بىرەيلەندە سۇسلىشىشى ياكى يوقىلىشى ئائىلىنى پەرۋازدىن مەھرۇم قىلىدۇ. دېمەك، مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ ئائىلىنىڭ ئۇلىغا دەز كەتكۈزىدۇ.

3. كۆڭۈل بۆلمەسلىك. بۇنداق سەۋەنلىك كۆپىنچە ئەرلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. چۈنكى، ئەرلەر ئۆزىنى تالانىڭ ئادىمى ھېسابلاپ، كۆپ ھاللاردا ئائىلىدىكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. نەتىجىدە ئائىلىنىڭ يۈكى ئايالنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. بۇ ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا، ئايالنىڭ قەلبىدە زېرىكىش ياكى يالتىيىش خاھىشى پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شۇ ئائىلىدىكى مەسىلىلەر تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ، ياخشىلىق ۋە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش كەملەيدۇ.

4. چېكىدىن ئاشقان باياشات تۇرمۇش قوغلىشىش. دەرۋەقە، باياشاتلىققا ئىنتىلمەيدىغان ئائىلە ۋە ئادەم يوق. بىراق، بۇنداق ئىنتىلىشتىكى خاتا چۈشەنچىلەر ئائىلىنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ. ئەر ۋە خوتۇننىڭ ماددىي ئېھتىياجىنىڭ قېنىپ، تۇرمۇشتا باياشاتلىققا ئىنتىلىش يولى بىر تەرەپلىمە بولۇپ، باياشاتلىقنى نوقۇل راھەت - پاراغەت ۋە مال - دۇنياغا ئېرىشىش دەپ چۈشىنىلسە، تۇرمۇشتىكى ئاددىي - ساددىلىق قەبىھلەرچە چەتكە قېقىلىدۇ دە، ئائىلە تېزلا بۇزۇلىدۇ. بۇ مەنىدىن ئايانكى، ئاددىي - ساددىلىق ئاساسىدىكى باياشات تۇرمۇش ياشاشقا ئەڭ مۇۋاپىق تۇرمۇش ھېسابلىنىدۇ. تۇرمۇشتا تەلەپ چەكتىن ئېشىپ كەتمىسىلا، مۇۋاپىق ياشىغىلى بولىدۇ.

5. ئىقتىساد قارىشىدىكى پۇچەكلىك. بەزىلەرنىڭ قارىشىدا ئىقتىساد ئائىلىۋى مۇكەممەللىك ۋە ئائىلە مۇھەببىتىنى بەرپا قىلغۇچى ئاساستۇر. بۇ قاراشتىكىلەر نوقۇل ئىقتىسادنىڭ قۇللىرىغا ئايلىنىپ قالغانلاردۇر. بۇنداق ئىقتىسادىي قۇلچىلىق ئېڭى شۇ ئائىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى زۆرۈر شەرتكە باغلاپ قويغان بولىدۇ. بۇ زۆرۈر شەرت قارار تاپسا، ئائىلە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالايدۇ، بولمىسا ۋەيران بولىدۇ. ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئائىلىدە ئىقتىساد ئاساس بولسىمۇ، بىراق، ئۇ ئائىلىدىكى مەلۇم ئېھتىياج ۋە تەلەپنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئائىلىدە ئىقتىسادتىن باشقا يەنە نۇرغۇن تەرەپ بولىدۇ. ئائىلىدە نوقۇل ئىقتىسادقىلا يېپىشىپ، ئۇنى ئائىلە مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى قىلىۋالغانلار ئاقىۋەتتە بۇنىڭ ئازابىنى تارتىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

6. ساداقەتسىزلىك. ۋايىغا يەتكەن مۇھەببەت كىشىگە خۇشاللىق ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. بۇ خۇشاللىق ۋە ئۈمىد ئەر - خوتۇننىڭ ساداقىتى ئاساسىدا كەشىپ بولىدۇ. ئىنساننىڭ ساداقەت تۇيغۇسى قەلبىدە تەبىئىي بار بولىدۇ. ئۇ يۈكسەك ئىشەنچ ۋە ئىشىنىش ئاساسىدا مۇكەممەللىشىدۇ. چۈنكى، ئەر - خوتۇنلۇق مۇھەببەتتە ۋىجدان تولىمۇ مۇھىم. ھەقىقىي ۋىجدان ئىگىسى ئائىلە مۇھەببىتىدە ساداقىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىپادىلەپ، ئائىلە مۇھەببىتىىنى ۋىجدان سۈيىدە سۇغىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ھاياتتا ۋىجداندىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ ئائىلىسى مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق ئادىمىيلىكى مەۋجۇت بولمايدۇ. ئادىمىيلىك بولمىسا، ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى پۈچەكلىشىدۇ.

7. قانائەتسىزلىك. بۇ ئەر - خوتۇننىڭ بىر - بىرىدىن قانائەت ھاسىل قىلىش تۇيغۇسىغا قارىتىلغان. دەرۋەقە، بۇ دۇنيادا گۈزەل ئاياللار ۋە كېلىشكەن ئەرلەر ناھايىتىمۇ كۆپ. بىراق، ئەر - خوتۇننىڭ بىر - بىرىگە مەنسۇپلۇق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. تۇرمۇشتا پەقەت ئەر - خوتۇننىڭ بىر - بىرىگە مەنسۇپ بولۇشى يەككىلىك ۋە قانائەتنى مەنبە قىلىدۇ. چېكىدىن ئاشقان ئىنتىلىش ۋە قانائەتسىزلىك ئىنساننى ئاچكۆزلۈككە باشلايدۇ. شۇنداق ئىكەن، تۇرمۇشتا بىر ئەر بىرلا خوتۇنغا، بىر خوتۇن بىرلا ئەرگە مەنسۇپ بولغان بولىدۇ. ھەرگىزمۇ نەزەرىڭىزنىڭ باشقىلارغا چۈشۈشى ياكى باشقىلارنىڭ نەزەرىنىڭ سىزگە چۈشۈشى بىلەن سىز ۋە باشقىلار بىر - بىرىڭلارغا مەنسۇپ بوپقالمايسىلەر. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا، ئەر - خوتۇننىڭ بىر - بىرىگە قويغان ئوبيېكتىپ تەلىپى ۋە باھاسى پۈچەكلىشىپ، بىر - بىرىدىن رازى بولمايدىغان، تۇرمۇش ۋە ئائىلىنىڭ سىرتىدىكى سىرلىق دۇنياغا ئىنتىلىدىغان خاھىش ئەۋج ئالىدۇ. بۇ ئاقىۋەتتە ئۇچىغا چىققان قانائەتسىزلىكنىڭ جەريانلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، ئائىلىنىڭ ئۇلىنى لىڭشىتىپ قويىدۇ.

دېمەك، ھەر بىر ئائىلىدىكى ئەر - خوتۇن ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم شەخسلەردۇر. ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئائىلىۋى مۇھەببەت ئېڭىنىڭ يېتىلىشى ۋە مۇھەببەت جەريانىنىڭ قارار تېپىشى شۇ ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببەت قۇرۇلمىسىنى ۋە بەختلىك ھايات جەريانىنى بەلگىلەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئائىلىۋى بەخت مۇھەببەتتىن كېلىدۇ. بۇ مۇھەببەت مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە پىداكارلىقتىن تۆرۈلىدۇ. ئىجتىمائىيىتىمىزدىكى ئائىلە ۋە مۇھەببەت مەسىلىلىرىنى بېرترانت روسسېلنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ئارقىلىق يەكۈنلىسەم مۇۋاپىق بولار«بۈگۈنكى دۇنيادا مۇھەببەتنىڭ تولۇق تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان پىسخىك دائىرىگە مەنسۇپ بىر خىل توسالغۇ يەنىلا مەۋجۇت. بۇ دەل نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ خاس مۇكەممەللىكىنى ساقلاپ قالالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەبىدىندۇر. بۇ بىر خىل نادانلارچە، ھازىرقى زامانغا خاس تېررورلۇقتۇر. خاسلىقنىڭ مەقسىتى خاسلىقنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، خاسلىق - دۇنيا بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرىشىشى زۆرۈر بولغان نەرسە. شۇڭا، ئۇ ئۆزىدىكى تەنھالىق ئىللىتىنى تۈگەتمىسە بولمايدۇ. مۇھەببەت، بالا ۋە خىزمەت ئۆز بىلەن دۇنيانى ئۇچراشتۇرىدىغان مەنبە. بۇ ئۈچىنىڭ ئىچىدە، زامان نۇقتىسىدىن ئالغاندا، مۇھەببەت ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان سۆيگۈسىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىدا مۇھەببەت كەم بولسا بولمايدۇ». دېمەك، مۇھەببەت مەسىلىسى ئائىلىنىڭ يىلتىزىغا تۇتىشىدۇ. بۇ يىلتىز قۇرۇپ قالسا ئائىلە قاقشاللىشىدۇ. شۇڭا، بۇ ھەقتە ئويلىنىپ ياشاش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار