يېڭى قىزىق نۇقتا :
پەرزەنتىڭىزنىڭ كىتا
چۈشىنىشمۇ تەربىيەدى
ئائىلە ئىستىلى ئۈنسى
پەرزەنت تەربىيەسىدە
مەن تەتىلدە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ 30دىن ئارتۇق ئىنى – سىڭىللىرىمنىڭ دەرسىگە يېتەكچىلىك قىلدىم. بىر كۈنى دەرس تەكرارلاپ بولۇپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاتا – ئانىلىرىدىن ئاغرىنىشقا باشلىدى. بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئون نەچچە ياشلاردا بولۇپ، بۇ دەل ئۇلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى. ئۇلارنىڭ گەپ – سۆزلىرىدىن ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى چۈشەنمەيدىغانلىقى، ئۆزئارا ئالاقىنىڭ كەمچىلىكى، ھەدېسىلا ئاتا – ئانىسىنىڭ باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى ماختاپ، ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى، ئاتا – ئانىسىغا كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئېيتالمايدىغانلىقىنى ھەتتا بەزىدە ئۆزلىرىنى خۇددى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆز پەرزەنتى ئەمەستەك ھېس قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەشتى.
ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئارىسى شۇنچە يىراقلىشىپ كەتتىمۇ؟ بىر – بىرىنى چۈشىنىش شۇنچە قىينىلىشىپ كەتتىمۇ؟ مەن بۇنى ئاتا – ئانا ۋە پەرزەنت ئارىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىكتىن ئىبارەت، دەپ قارىدىم. چۈنكى ئاتا – ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئارا چۈشىنىش بولسا، ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنسە، پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىسىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسا، بەلكىم يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ئازايغان بولاتتى. سۆز قەلبنىڭ يەتكۈزگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاتا – ئانا ۋە پەرزەنت ئارىسىدا ئالاقىنىڭ، چۈشىنىشنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدۇ. دەرھەقىقەت ئاتا – ئانا ئۆز بالىسىنىڭ ياراملىق ئۆسۈپ يېتىلىشىنى، نەتىجە قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇنداقلا پەرزەنتنىڭ نەتىجىسى ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان مەنىۋى بايلىق. بىراق شۇنىمۇ ئويلىنىش كېرەككى، بالىڭىزنىڭ نەتىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقى قانداقتۇر ئۇنىڭ ئەقلىي كامالەتكە يەتكەنلىكىنىڭ، نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكى ئۇنىڭ ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ شۇ نەتىجىگە ئېرىشىش جەريانىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، ئۈن – تىنسىز ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى، سىزنى رازى قىلىش يولىدا، ئەجرىڭىزگە لايىق جاۋابقا، ماختاشقا، ئىلھاملاندۇرۇشقا، ئۆزلىرىگە كۆپرەك ھەمراھ بولۇشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بالىلار ھەمىشە ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىنىشى زۆرۈر. بىر ئائىلىدە ياشىغان ئىكەنمىز، ئوتتۇرىدا ھەل بولۇنمايدىغان ياكى نېگىزلىك زىددىيەت مەۋجۇت ئەمەس. پەرزەنت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاتا – ئانىمىزنىڭ بالىسى ئۈچۈن قانچىلىك قان – تەرىنى سىڭدۈرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشىمىز، ئويلىشىمىز كېرەك. كۆڭلىمىزدە ئويلىغانلىرىمىزنى ئاتا – ئانىمىزغا ئېيتىپ، ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئىچىمدىكىنى تاپ دەپ تۇرۇۋالماسلىقىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە موھتاجلىقىمىزنى، نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئۇلارغا بىلدۈرۈشىمىز، ھەرگىزمۇ ئۇلار بىلەن قارشىلىشىدىغان ياكى كۆڭلىمىزدىكىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنمايدىغان، خالىمايدىغان پوزىتسىيەدە بولماسلىقىمىز كېرەك. دۇنيادا يېشىلمەيدىغان تۈگۈن يوق، پەقەت شۇ تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن سەۋرچان، تاقەتلىك بولغاندىلا ھەممە ئاسانلىشىدۇ. ئاتا – ئانا بىلەن بالىلار مۇناسىۋىتىدە ھەر ئىككى تەرەپ چوقۇم ئۆزئارا چۈشىنىش كۆۋرۈكى ھاسىل قىلىشى، بىر – بىرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشى، ئويلىغانلىرىنى ئورتاقلىشالايدىغان مۇھىتنى ھازىرلىشى كېرەك.