يېڭى قىزىق نۇقتا :
پەرزەنت تەربىيەسىدە
ئائىلە تەربىيەسىدىك
بالىلارنىڭ يېزىقچىل
پەرزەنت تەربىيىسىدى
ئابلىمىت ئابلىز
كۆپىنچە ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلىشىغا، ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئېلىشىغا، بەلگىلىك ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ نەتىجە يارىتىشىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نېمىدىن خۇشال بولىدىغانلىقىغا، نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىغا، دوستىنىڭ بار – يوقلۇقىغا، قانداق بالىلار بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ.
بىر تۇغقىنىمنىڭ ئوغلى كىچىكىدە بەك ئوماق، چىرايلىق بولغاچقا ئاتا – ئانىسى ئۇنى ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلدى، ئۇ دائىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا بالىسى بىلەن ماختىناتتى. بالىنىڭ دادىسى تىجارەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئوغلى بىلەن بىللە بولۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايتتى. ئانىسىنىڭ بالا بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلىدا مەسىلە بار ئىدى. ئۇ بالىسى تاپشۇرۇقنى خاتا ئىشلەپ قويسا ئۇراتتى، ۋارقىرايتتى. ئۇرۇغ – تۇغقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بارغاندا باشقا بالىلار بىلەن ئوينىشىنى چەكلەيتتى. تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۇ بالا ھازىر ئاتا – ئانىسىغا گەپ ياندۇرىدىغان، ئۆگىنىشتە تىرىشمايدىغان، دائىم تورخانىلاردا يۈرۈيدىغان بولدى.
ئاتا – ئانىلار بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەت بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئاتا – ئانا بولغۇچى مېھىر – مۇھەببەتنىڭ شەرتسىز بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى، پەرزەنتنىڭ ئاتا – ئانىلاردىن چەكسىز مېھىر – مۇھەببەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىشى كېرەك. پەرزەنت تەربىيەسى ‹‹توققۇزىنى تەل›› قىلىپ بېرىش، ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشتۈرۈش بىلەنلا بولمايدۇ. ئەلۋەتتە پەرزەنتنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرماي بولمايدۇ، لېكىن پەرزەنتنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى ساپاسىنى قاندۇرۇشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. شۇڭا ئاتا – ئانا پەرزەنتىدىن قانداق ساپا يېتىلىشىنى تەلەپ قىلسا، ئۆزىدە شۇ جەھەتتە بەلگىلىك ساپا ھازىرلىشى كېرەك. ئەگەر شۇ ساپا ئۆزىدە بولمىسا، تىرىشىپ يېتىلدۈرۈشى زۆرۈر. شۇڭا بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرى ئاتا – ئانىلاردىن ھەر تەرەپلىمە بىلىم قۇرۇلمىسى، مۇئەييەن ئەخلاقىي، جىسمانىي ساپا بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
پىسخولوگلارنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنلا ئاتا – ئانىنىڭ ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتى ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىدە ساقلىنىپ ماڭىدىكەن. بۇ ئۇچۇرلار ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتلىق پائالىيىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. تەربىيە سەنئىتى بالىلارنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىش، قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىش سەنئىتىدۇر. ئاتا – ئانىلار ئۆز گېپىنى راست دەپ تۇرۇۋالسا ياكى ئۆز ئىرادىسىنى بالىلارغا زورلاپ تاڭسا، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىللە، ئۇلار بىلەن سىردىشىشنى، يۈرەك سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى، يوللۇق تەلەپلىرىنى ئامال بار ئورۇنداپ بېرىشكە تىرىشىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ماختاش ئارقىلىق ئۇلارغا ئىلھام بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، كەمچىلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى سۇندۇرىدىغان گەپلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.
ھازىر ياشلار، ئۆسمۈرلەر يېڭى بىلىم، يېڭى شەيئىلەرنى تېز قوبۇل قىلىدۇ، ئاسان ئۆگىنىۋالىدۇ. ئاتا – ئانىلارنىڭ بىلىمى بالىلارنىڭ نەزەرىدە ‹‹كونا›› نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا ئاتا – ئانىلار داۋاملىق ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، تور، گېزىت – ژۇرنال، كىتابتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ تۇرۇشى كېرەك.