ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : پەرزەنت تەربىيەسىدە ئائىلە تەربىيەسىدىك بالىلارنىڭ يېزىقچىل پەرزەنت تەربىيىسىدى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

ئائىلە تەربىيەسىدىكى بوشلۇقىنىڭ بىر مەنبەسى

ۋاقىت : 2015-09-10 00:38 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم



ئائىلە تەربىيەسىدىكى بوشلۇقىنىڭ بىر مەنبەسى
 

ئائىلە تەربىيەسىدىكى بوشلۇقىنىڭ بىر مەنبەسى


بۇ يىل سەككىز ياشقا كىرگەن جىيەنىمنى ھەممەيلەن بەك ئەتىۋارلايتتى، ئۇ ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك  ئەتىۋار چوڭ بولدى، بىرنېمىلەرنى بىلگۈدەك  بولغاندىن تارتىپ، نېمىنى قىلىمەن، نېمىنى يەيمەن، نېمىنى كىيىمەن، نېمىنى ئالىمەن دېسە رەت قىلىنمىدى. ئىككى يىلدىن ئاشتى، ئۇنىڭ كومپيۇتېر ئويۇنغا موكىدەك كىرىشىپ كەتكىنى دىققىتىمنى تارتتى، ئۇ قايسى ئۆيدە كومپيۇتېر بولسا شۇ يەردە تۇرىمەن دەيتتى، كومپيۇتېرلا بولسا تاماق يېيىشنى ئۇنتۇپ كېتەتتى، باغچىلارغا، مەكتەپكە بېرىش، سىرتقا چىقىشتىن كومپيۇتېر ئويۇنىنى ئويناشنى ئەۋزەل كۆرەتتى، بۇ ئەھۋالدا ئۆيدە يالغۇز قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن بەخت ھېسابلىناتتى. 

ئ‍ۆيگە كەلسىلا كومپيۇتېرغا مەلىكە بولۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەركۈنى دەرستىن كېيىن بىر مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە بارىدىغانلىقىنى، مۇئەللىمنىڭ ئۇنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئاساسىدا ئاز تولا تەكرار قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدىم، بەلكىم بۇنىڭغا ئوخشىغان مىساللار كۆپ بولۇشى مۇمكىن. 

تاپشۇرۇق ئىشلىتىشكە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئايدا 300-400 يۈەن سەرپ قىلىش، ئاتا ئانا بولغۇچى بالىسىغا تاپشۇرۇقنى تۈگىتىپ، دەرسىنى تەكرار قىلىپ بولۇپ، كومپيۇتېر ئويۇنى ئوينىساڭ بولىدۇ، دەپ گېپىنى ئۆتكۈزەلمەسلىكى، ئائىلە تەربىيىسىدىكى بىر مەغلۇبىيەتمۇ قانداق؟ 

ھەرقانداق ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ بىلىملىك، ئەقىللىق ئادەم بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە نۇرغۇن ئارزۇلىرىنى بالىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلايدۇ، بىراق ئاشۇ تاتلىق بالىغا قارىتا كۆيۈنۈش  ۋە تەربىيە جايدا بولمىسا، ئۇنداق كۆيۈنۈشنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولۇپلا قالماستىن، بۇنداق خاتا كۆيۈنۈشنىڭ پۇشايمانغا خۇرۇچ بولۇپ قېلىشى ئېھتىمال. 

ئائىلە تەربىيەسىدە يۇمشاقلىق بىلەن قاتتىق قوللۇقنى،يولغا قويۇش بىلەن چەكلەشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرمىسە، بۇنداق ئائىلە تەربىيىسى مۇۋەپپىقىيەتكە قارىغاندا مەغلۇبىيەتكە يېقىن بولۇپ قېلىشى تەبىئىي، بالىسى نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىش، نېمە قىلىمەن دېسە مەيلى قويىۋېتىش، لاياقەتلىك ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدە بولماسلىقى كېرەك. ئۆزۈمچىل، ئۆگىنىشكە، ئوقۇشقا قىزىقمايدىغان  بالىلارنى تېخى كىچىك دېگەن باھانە بىلەن رايىغا بېقىش، يېنىكلىك ھەم مەسئۇلىيەتسىزلىك بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار