يېڭى قىزىق نۇقتا :
ئائىلە تەربىيەسىدىك
بالىلارنىڭ يېزىقچىل
پەرزەنت تەربىيىسىدى
ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇكە
ئېزىزگۈل ئەنسارۇللا
بالامنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يېزىشىنى ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلدىم. لېكىن ھەر قانچە قىلساممۇ بالامدا بۇنداق ئادەت يېتىلمىدى.
يازلىق تەتىلنىڭ تۇنجى كۈنى بالام ماڭا ياردەملىشىپ كۆك پۇرچاق ئاقلىشىپ بەردى. ئۇ تۇيۇقسىزلا شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىنى ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقاردى، بىردەمدىن كېيىن ئۇ خۇشال ھالدا:‹‹ئاپا، قارىغىنە، مېنىڭ يازمامغا نۇرغۇن كىشى يۈرەك بېرىپتۇ، شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ماڭا دىققەت قىلىدىغىنىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، قارىغاندا خېلى يامان ئەمەس يازغان ئوخشايمەن ›› دېدى. بالامنىڭ بۇ گېپى دىققىتىمنى تارتتى . مەنمۇ ئۇنىڭغا يۈرەك بېرىپ قويغاندىن سىرت ‹‹ئوغلۇم راستىنلا چوڭ بوپسەن›› دېگەن باھانى يېزىپ قويدۇم. ئوغلۇمنىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە ئىلھاملىنىپ كېتىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلۇمنىڭ بۇ ئىشتىن رايى يانغاندەك بىلىندى. مەن دوستلىرىمغا ياكى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ قويۇشنى ئېيتتىم. ئۇلارمۇ ئوغلۇمغا ‹‹يېزىقچىلىق قابىلىيىتىڭىز يۇقىرى ئىكەن›› دېگەندەك ياخشى باھالارنى بېرىپتۇ. مۇشۇنداق ئىلھاملاندۇرۇشلار ئارقىلىق ئوغلۇم بارغانسېرى يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئوغلۇم تۇرمۇشنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، ھەربىر ئىشتىن، ئۇچراشقان ھەربىر ئادەم ۋە ھەربىر مەنزىرىلەردىن ئالغان تەسىراتلىرىنى خاتىرىلەيدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ قىسقىغىنا ۋاقىتتا ئۇ يېزىقچىلىققا قىزىقىپ، ھەر كۈنى كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان بولدى.
ئوغلۇم مەيلى قىسقا يازسۇن ياكى ئۇزۇن يازسۇن، مېنىڭ نەزەرىمدە ئۇ ھەرقانداق ئېسىل ئەسەردىنمۇ ئېسىل بىلىندى. مەن ئۇنىڭ يېزىقچىلىقنىڭ ئۆز – ئۆزىنى قېزىش، ئىپادىلەش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنلىكىدىن خۇرسەن بولدۇم. ئوغلۇم كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ئۇنچىلىك سىرلىق ئىش دەپ ئويلىمايدىغان بولدى.ئەڭ مۇھىمى ئۇ تۇرمۇشنى كۆزىتىشنى، ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ ئۆز – ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالغانىدى.