ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۇچۇر دەۋرىدە ئاتا – ئائىلە مۇھىتى بالىل كەيپىياتىڭىزىدىن با بالىلىرىمىزغا توغرا

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > يۇرەك سۆز > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنىڭ ھېسسىي بۆلۈنمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان توققۇز ھېكايە

ۋاقىت : 2015-05-03 14:43 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالىلارنىڭ ھېسسىي بۆلۈنمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان توققۇز ھېكايە
شىنجاڭ نوبېل مائارىپ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
بالىلارنىڭ ھېسسىي بۆلۈنمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان توققۇز ھېكايە

ھېسسىي بۆلۈنمە بولسا ئەقلى ئامىلنى ئەمەس، بەلكى بىز دائىم ئېغىزىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان پىسخىكا ساپاسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم كىشىلەر بىلەن ئارىلاشمايدىغان، غەلىتە مىجەز، باشقىلار بىلەن ھەمكارلاشمايدىغان، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ئاجىز، ئوڭۇشسىزلىقنى كۆتۈرەلمەيدىغان، قىزىق قان، مەمەدان، كەيپىياتى تۇراقسىز خاراكتېرگە ئىگە بولسا بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل ھېسسىي بۆلۈنمىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىنىڭ ئىپادىسى. بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئەقلى بۆلۈنمىسى قانچە يۇقىرى بولغان تەقدىردىمۇ غەلىبە قازىنىشى ناھايىتى تەس بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېسسىي بۆلۈنمە بىر ئادەمنىڭ غەلىبە قازىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل. گەرچە ھېسسىي بۆلۈنمە مەلۇم دەرىجىدە ئىرسىيەتنىڭ تەسىرىدىن بولسىمۇ، بىراق كېيىنكى تەرەققىياتى تېخىمۇ مۇھىم بولىدۇ.
ئۇنداقتا بالىلارنىڭ ھېسسىي بۆلۈنمىسىنى زادى قانداق يېتىلدۈرىمىز؟

بىرىنچى: بالىلارنى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتىن تەربىيەلەش

مۇنداق بىر ھېكايە بار. بىر توپ بالىلار تاغ باغرىدىكى دالا تاماق پائالىيىتىدە يولدىن ئېزىپ قاپتۇ، نەمخۇش ھاۋادا، ئاچ قۇرساق ھالەتتە قورقۇنۇچلۇق بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆكسۈپ، ئۆكسۈپ يىغلاپتۇ. بىر بالا يىغلىغىنىچە: «ئەمدى بىزنى ھېچكىم تاپالمايدىغان بولدى، بىز بۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇق» دەپتۇ.
بىراق، ئارىدىن 11 ياشلىق ئىۋىرەي (Eve Ray) ئورنىدىن تۇرۇپلا، «مېنىڭ ئۆلگۈم يوق! دادام ماڭا كىچىك ئېقىننى بويلاپ ماڭساقلا دەرياغا بارالايمىز، ئەگەر مۇشۇنداق مېڭىۋەرسەك بىزگە كىچىك كەنت-بازارلار ئۇچرايدۇ دېگەن، سىلەر ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭلار» دەپ يول باشلاپ مېڭىپتۇ، ئاخىرىدا ئۇلار ئىۋىرەينىڭ يول باشلىشى بىلەن بۇ ئورمانلىقتىن ساق-سالامەت چىقىپتۇ. بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ بەلكىم ئىۋىرەينى تۇغۇلۇشىدىنلا قابىلىيەتلىك ئىكەن دەپ ئويلىغانسىز؟ ئەمەلىيەتتە قابىلىيەت تۇغۇلۇشىدىنلا بولمايدۇ، بەلكى كېيىنكى تەربىيەنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ.
ھازىر ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئەللىرى، شەرقىي ئاسىيادىن ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش تەربىيەسىنى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا قويىدۇ. بالا ئىش ئۇققىدەك بولغاندىن تارتىپ ئۇلارغا قانداق ياشاش ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلىش، يىقىلسا ئۆزى ئورنىدىن تۇرۇش، ئۆزى تاماق يېيىش، ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆزى يىغىشتۇرۇش ھەمدە قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىدۇ.

ئىككىنچى: بەرداشلىق بېرىش ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش

ئىلگىرى بىر پىسخولوگ مۇنداق تەجرىبە ئىشلىگەن، يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بالىلارغا بىر تالدىن كەمپۈت تارقىتىپ: «ھازىر يەۋەتسەڭلار، پەقەت بىر تال بېرىمەن، ئەگەر بىر سائەتتىن كېيىن يېسەڭلار، يەنە بىر تال بىلەن مۇكاپاتلايمەن» دېگەن. ئاخىرىدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بەرداشلىق بېرىپ چىداپ تۇرغان شۇ بالىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى بەرداشلىق بېرەلمىگەن بالىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان.
نۇرغۇن بالىلار ئىش قىلسا بېشى بار، ئايىغى يوق قىلىدۇ، ئۇلاردا ئىرادە بىلەن سەۋر كەم، چوڭ بولغاندىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمۇ ناھايىتى تۆۋەن. ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىپ بالىلارغا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟
مەسىلەن، بوۋاقنىڭ شۇنداق ئەمگۈسى كەلدى، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا دەرھاللا سۈت بەرمەي، ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇپ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ، بىر تەرەپتىن دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ بەزلەپ تۇرۇپ، ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئېمىتىش، باشتا بىر نەچچە سېكۇنت باشلاپ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى نەچچە مىنۇت داۋاملاشتۇرۇش، بەرداشلىق بېرىش ۋاقتىمۇ بارا-بارا ئۇزىرايدۇ؛ بالىڭىز پارچە پۇرات پۇللىرىنى بىردەمدىلا خەجلەپ بولغان بولسا، ئۇنىڭغا: « ئەگەر بىر ھەپتە چىداپ پۇل خەجلىمەي تۇرساڭ، كېلەر ھەپتە پۇل قوشۇپ بېرىمەن، بۇنداق بولغاندا سەن ئۆزۈڭ ياقتۇرىدىغان چوڭ نەرسىلەردىن سېتىۋالالايسەن» دېيىش.
بالىلار قىيىنچىلىققا يۇلۇققان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا دەرھال ياردەم بېرىشنىڭ ئورنىغا، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن مەدەت بېرىشى كېرەك، ئوڭۇشسىزلىق ئېلىپ كەلگەن ئازابقا بەرداشلىق بېرىپ، مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش لازىم.

ئۈچىنچى: ئەمەلىي تۇرمۇش ۋە ئەمەلىي كۈرەش جەريانىدا چېنىقتۇرۇش

بەزەن ئاتا-ئانىلار بىردەم ئۇنىڭدىن، بىردەم بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ بالىسىنى ناھايىتى ئاز سىرتقا چىقرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا يات ئادەملەرنى كۆرسە يىغلايدۇ ياكى مۈكۈنۈۋالىدۇ، چوڭ بولغاندا بولسا ناھايىتى قورقۇنچاق، نازۇك بولۇپ چوڭ بولىدۇ.
بەزى كىچىك بالىلار شەخسىيەتچى، ھەمكارلىشىش روھى كەم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دوستلىرىمۇ ئىنتايىن ئاز، چوڭ بولغاندا بولسا ئادەملەر بىلەن بولغان مۇئامىلىسىمۇ ئىنتايىن چەكلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بالا ئىشلارنى چۈشەنگۈدەك بولغاندىن تارتىپلا ئۇنىڭغا يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىشنى ئۆگىتىش، قورقۇنچاق بالىلارنى باشقىلار بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىشقا، ياكى مۇئەللىمنىڭ سوئالىغا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ جاۋاب بېرەلەيدىغان بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بالىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمىسەك، ئۇنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئۆزلۈكىدىن بىخلانمايدۇ.

تۆتىنچى:  قىزىقىش ۋە ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈش

بالىلار سىرتقى دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسىگە نىسبەتەن قىزىقىش ئىچىدە قارايدۇ، ئۇنى تۇتقىسى كەلسە، بۇنى تېتىپ باققۇسى كېلىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئويۇنچۇقىنى چېقىپ سەكسەن پارە قىلىۋېتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلىمگە بولغان ئىشتىياقنىڭ ئىپادىلىنىشى، ھەمدە بىلىمگە ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشتىكى مۇھىم يولدۇر.
ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ سىناپ بېقىشىغا يول قويمىسا، ئۇنىڭ ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئاكتىپلىقىنى بوغۇپ قويىدۇ. كېيىن ئۇنى بىرەر ئىشنى قىزىقىپ قىلىپ باق دېسىڭىزمۇ سىناپ بېقىشقا ھۇرۇنلۇق قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئەسلى بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ قىزىققان نەرسىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى ياكى بىرلىكتە يۈگۈرۈپ-تاقلاپ ئوينىشىپ بېرىشى كېرەك.

بەشىنچى: بالىنىڭ مېڭىسىنى كۆپ ئىشلىتىشىگە ياردەم قىلىش

بىر ئوغۇل بالا پۇتى سۇنۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك سىيرىلغۇچنىڭ بىرىنچى پەشتىقىغا چىقالمىغان، ئۇ ئاپىسىدىن كۆتۈرۈپ چىقىرىپ قويۇشىنى ئۆتۈنگەن، ئاپىسى ئۇنىڭغا: «كاللاڭنى ئىشلەتسەڭ ئامال تېپىلىدۇ» دېگەن.
بالا ئويلا-ئويلا ئاخىرى: «مېنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقۇمنى ئۇ يەرگە ئاپىرىپ بېرىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن چىقىۋالاي» دەپتۇ. ئاپىسى «ياخشى، بارغىن بالام» دەپتۇ.
بالا شۇندق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىپتۇ. تۇرمۇشتىكى بەزەن بىر ئىشلارغا شۇنداق دىققەت قىلساقلا نۇرغۇن ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارغا دائىم تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش زۆرۈر.

ئالتىنچى: ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

گىمناستىكا جەھەتتىن ئىستىقبالى بار دەپ قارالغان 12 ياشلىق بىر قىز باش تىرېنېر بىلەن كۆرۈشكىلى كەپتۇ، باش تىرېنېر ئۇنى گىمناستىكا ئويناتماستىن، تۆت تال ئۇچار خەنجەر بېرىپ قارىغا ئېتىشىنى سوراپتۇ. ئۇ قىز توخۇ يۈرەكلىك بىلەن: «ئەگەر ئېتىپ تەگكۈزەلمەي قالسامچۇ؟» دەپتۇ.
تىرېنېر ئۇنىڭغا: «سىز مەغلۇپ بولۇشنى ئەمەس، قانداق غەلىبە قازىنىشنى ئويلىشىڭىز كېرەك» دەپتۇ. قىز قايتا-قايتا مەشىق قىلىپ، ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، بالىلارغا ھەرقانداق ئىش قىلىشتىن بۇرۇن مەغلۇپ بولۇشنى ئەمەس، غەلىبە قىلىشنى ئويلاش كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭغا غەلىبە قازىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ئادەملەر ئاخىرىدا غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك.

يەتتىنچى: بالىنىڭ ئىززەت ئابرۇيىنى قوغداش

كۈندىلىك تۇرمۇشتا بالىلارنىڭ بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويۇشىدىن ياكى بىرەر نەرسىنى بۇزۇۋېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن توختىماي ئەيىبلەپ كەتسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ۋە ئىززەت ئابرۇيىنى سۇندۇرغان بولىسىز. بالىڭىزنىڭ كەپسىزلىكىدىن ئاغرىنماڭ، بەلكى ئۇنىڭ پىسخىكىسىنىڭ ياخشى يېتىلىشى ئۈچۈن قانداق قىلسام پايدىلىق بولار دېگەننى ئويلاڭ. چۈنكى بوۋاقلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى مۇۋاپىق ئېھتىياج، تەلەپ ۋە ئارزۇسىنىڭ قاندۇرۇلۇشىدىن كېيىنكى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ياخشى پىسخىك ھالەت كەيپىيات ۋە ئىجتىمائىيلىشىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆزىنىڭ ئاددىي ۋە قوپال تەربىيەلەش ئادىتىنى كونترول قىلىشى كېرەك. ئەگەر بالىلارغا بىرەر نەرسىنى ئوينىتىشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنىڭ دىققىتىنى باشقا نەرسىلەرگە بۇرىۋېتىڭ.

سەككىزىنچى: قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش

بىر بالىنىڭ چوڭ بولۇشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بەزەندە مۇۋەپپەقىيەت ئۇنى خۇشال قىلسا، بەزەندە مەغلۇبىيەت ئۇنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، ھەتتا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ۋە مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندا ئادەم تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇشقا ۋە قوللاشقا موھتاج بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا ھەرگىزمۇ ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ئىش قىلماسلىق كېرەك.
بالىڭىزنىڭ ئارزۇ-خىياللىرى سىزگە ناھايىتى غەلىتە بىلىنسىمۇ، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىگە باي ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولسىڭىز بولىدۇ، تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى ئىجادچانلىقنىڭ ئۇستازى.

توققۇزىنچى:  باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىناق ۋە ھەمكارلىق روھىغا ئىگە قىلىپ تەربىيەلەش

جەمئىيەت بىر ئىجتىمائىي توپ. يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس دېگەندەك بىر ئادەم يالغۇز چوڭ ئىشلارنى روياپقا چىقىرىپ بولالمايدۇ، ئۇ چوقۇم ئىجتىمائىي توپنىڭ كۈچىگە تايىنىشى كېرەك، بۇ دەل باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى بىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئاجىزلىقلىرىنى تولۇقلاش پىرىنسىپىدۇر.

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدا چوقۇم ھەمكارلىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇشى، ئۇنىڭ ھەمكارلىشىپ مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى لازىم. بۇنىڭدا ئاۋۋال باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىش، ھەمدە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشتىكى ئادەملەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئوبدان ئۆگىنىشى كېرەك.

شىنجاڭ نوبېل مائارىپ پەن — تېخنىكا چەكلىك  شىركىتى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار