ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز

ۋاقىت : 2015-03-21 12:06 | مەنبەسى : باغداش | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز
 
دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز ۋە ئۇنىڭ قىزى

ئەركىنئاي ئابلىز 1976-يىلى بۈگۈر ناھىيىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1997-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇر ئۇنۋانىنى ئالدى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆزلۈكىدىن رۇس تىلى ئۆگەندى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۈگۈر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئىرادە باغلاپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەندى. شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلارنى تەربىيىلەش مەركىزىدە «قوللانما ماتېماتىكا» كەسپىدە 2 يىل دەرس ئالدى.

ئامېرىكىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار «توفىل» (TOEFL) دەپ ئاتىلىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىسى بىلەن «GRE» دەپ ئاتىلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ كەسپىي دەرسلىرىنى مەزمۇن قىلغان يەنە بىر ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولمىسا بولمايدۇ. سىڭلىمىز ئەركىنئاي قاتتىق تىرىشىپ، ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىزچە ئۆگىنىش نەتىجىسىدە TOEFL ۋە GRE ئىمتىھانلىرىدا ياخشى نەتىجە بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، 2001-يىلى نيۇ يورك شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا ئاپىسىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن راك كېسەللىرىنى داۋالاش تېخنىكىلىرىغا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە باشلىدى. شۇ جەرياندا راك كېسەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتقا قاتنىشىش ئىرادىسىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇشىدىن ۋاز كېچىپ، فىزىكا كەسپى بويىچە بىر ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولۇپلا، كەسىپ ئۆزگەرتتى.

سىڭلىمىز ئەركىنئاي جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئومېدىتسىنا (Biomedicine) ئىنژېنېرلىقى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. ئۇ جەرياندا راك كېسىلىنى دەسلەپكى مەزگىلدە كۆزىتەلەيدىغان تەننەرخى ئەرزان، رادىئاتسىيىدىن خالىي ئوپتىكىلىق ئەسۋاب لايىھىسى ئۈستىدە قاتتىق ئىزدەندى. دەسلەپكى 3 يىللىق ئىزدىنىش جەريانىدا ئۇنىڭ لايىھىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. ئەركىنئاي بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. بىر تەرەپتىن 3 ياشلىق قىزىغا يالغۇز ئانا بولۇپ، ئىقتىسادىي بېسىم تۈپەيلىدىن رېستورانلاردا ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن راك كېسەللىرىنى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەتقىقات تېمىسى ئۈستىدە قايتا ئىزدەندى. ھامان بىر كۈنى نەتىجە يارىتىشقا قەتئىي ئىرادە باغلىدى. ھەمدە ئىنگلىزچە «Photodynamic Therapy» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل بىلەن مېڭە راكىنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن داۋالاش توغرىسىدا بىر يېڭى تەتقىقاتنى باشلىدى. ئادەتتە بۇ ئۇسۇل پەقەت تېرە راكى (skin cancer) نى داۋالاشقا ئىشلىتىلەتتى. چۈنكى ئۇ مەلۇم چاستوتىدىكى نۇر بىلەن دورىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش تېخنىكىسى بولۇپ، نۇر بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىغا تېشىپ كىرەلمەيدۇ. ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەجرىبە ئەسلىھەلىرى چەكلىك بولغاچقا، ئەركىنئاي ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (US FDA) نىڭ تەبىئىي-پەن ۋە ئىنژېنېرلىق تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، تەتقىقاتنى شۇ يەردىكى تەجرىبىخانىدا ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىنى ياراتتى. ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دۇنيادىكى ھەممە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان ئورۇن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەجرىبىخانىلىرى ئەڭ يېڭى ئەسۋابلار، دورىلار، ۋە تېخنىكىلار بىلەن قوراللانغان. ئەركىنئاي شۇ يەردە ئىنگلىزچە «Nano-particle assisted Photodynamic therapy» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق مېڭە راكىنى 90% داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى. ئەركىنئاي ئۆز تەتقىقات نەتىجىسىنى بايان قىلىپ يازغان ئىلمىي ماقالىسى كەسىپداشلىرى ئارىسىدا ناھايىتى زور ئەتىۋارغا ۋە تەسىرگە ئېرىشتى. ئەركىنئاي ئەنە شۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

«Nano-particle assisted Photodynamic therapy» دېگەن ئۇسۇلنى ئىشلەتكەندە، چوڭ-كىچىكلىكى نانومېتىر بىلەن ئۆلچىنىدىغان «نانو-زەررىچىلەر» راك بار ئورۇنغا ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن چىققان نۇر بىلەن فوتو-دىنامىك (photodynamic) دورىلىرىنى ئاكتىپلاندۇرۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە يوقاتقىلى بولىدۇ. ئەركىنئاينىڭ يۇقىرىدىكى ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇنىڭغا شۇ ئىدارىدە قېلىپ دوكتور-ئاشتى بولۇپ ئىشلەشنى تەكلىپ قىلدى. دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز ئۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، شۇندىن باشلاپ ئاشۇ ئىدارىگە خىزمەتكە چۈشتى. ھەمدە مەرىلەند ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان ئىنگلىزچە «Neural Electrode Raliability» دەپ ئاتىلىدىغان تېما ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ باردى. بۇ تەتقىقاتقا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقى مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئەركىنئاي ئۇرۇشتا يارىلىنىپ پالەچ بولۇپ قالغانلارغا ئىشلىتىلىدىغان «Neural Electrode» نىڭ مېڭىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش سەۋەبى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. ھەمدە ئەڭ يېڭى تىپلىق ئوپتىكىلىق دىئاگنوز قويۇش ئەسۋابلىرى (Two Photon Microscopy, Optical Coherence Tomography) بىلەن ئېلېكتىرود (Electrode) نىڭ ئەتراپىدىكى مېڭە ھۈجەيرىلىرى ۋە مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغان لايىھە تۈزۈپ چىقىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار