ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر

ۋاقىت : 2015-03-21 12:03 | مەنبەسى : باغداش | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر

دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر

ئابلىز ئابدۇقادىر (ئىنگلىزچە «Abulizi Abudukadier» دەپ يېزىلىدۇ) 1981-يىلى غۇلجا شەھىرىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1998-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىندى، ھەمدە ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى. ئابلىز ئۇكىمىز ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سېمىزلىك ۋە دىئابىت كېسىلى (قەنت سىيىش كېسىلى) نىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بەك كۆپ ئىكەنلىكى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئاپىسىنىڭمۇ دىئابىت كېسىلى بار بولغانلىقتىن، ئۇ دىئابىت كېسىلىنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاشقا ئالاھىدە قىزىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاتتىق تىرىشىپ، 2008-يىلى ياپونىيەدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى (Kyoto University) نىڭ ئىچكى كېسەللەر ۋە دىئابىت تەتقىقات-داۋالاش بۆلۈمىگە دوكتورلۇق ئىمتىھانىدىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ قوبۇل قىلىندى، ھەمدە شۇ يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەتقىقات قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. تەتقىقات جەريانىدا مۇھىم يېڭى بايقاشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، شۇلارنى مەزمۇن قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئامېرىكا دىئابىت جەمئىيىتىنىڭ «دىئابىت» (Diabetes) دەپ ئاتىلىدىغان ئايلىق ئىلمىي ماقالە ژۇرنىلىدا، ھەمدە ياۋروپا دىئابىت جەمئىيىتىنىڭ ئىنگلىزچە «Diabetologia» دەپ ئاتىلىدىغان ئايلىق ئىلمىي ماقالە ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى. بۇ ژۇرناللار دىئابىت كېسىلى تەتقىقاتىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئىنىمىز ئابلىز دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا يەنە ياپونىيە، كورېيە، جۇڭگو، گېرمانىيە، پورتۇگالىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە ئېچىلغان دىئابىت تەتقىقاتى ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئۆزى قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئىلمىي دوكلات بەردى. شۇنداقلا بىر قېتىم ياپونىيە دىئابىت جەمئىيىتىنىڭ «خەلقئارا ياش تەتقىقاتچىلار نەمۇنىلىرى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئىنىمىز ئابلىز ئابدۇقادىر ئەنە شۇنداق پەۋقۇلئاددە ياخشى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن 2013-يىلى كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.

دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر ئىلمىي تەتقىقاتقا يۈكسەك دەرىجىدە قىزىقىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ناھايىتى ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇ كەسپىي جەھەتتە ئۆزىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دىئابىت ساھەسىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىشنى قارار قىلىدۇ. ئۇ قىزىققان تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا «نېمە ئۈچۈن سېمىز ئادەملەر ۋە جىگىرىنى ماي قاپلىۋالغان ئادەملەردە ئىنسۇلىننىڭ رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئاشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلاردا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرسى دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان يالى ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University) ئىدى. شۇڭلاشقا دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۆزى بىلەن ئوخشاش ساھەدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان بىر پىروفېسسور بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ بۆلۈمىدە دوكتور-ئاشتى بولۇش ئىلتىماسىنى ئاشۇ پىروفېسسورغا سۇندى. ئۇنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇ 2013-يىلى 10-ئايدا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىغا «دوكتور-ئاشتى» بولۇپ كىردى. يالى ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن قىسقىغىنا بىر يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر يېڭى ئىلمىي تەتقىقاتتىن ئىككىنى تاماملاپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى 2015-يىلى ئامېرىكا دىئابىت جەمئىيىتى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان خەلقئارالىق دىئابىت ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىدا دوكلات قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلارغا مۇنداق يۈرەك سۆزلىرى بار: «بىلىم ئېلىش بىر ناھايىتىمۇ جاپالىق جەريان. ئەمما ئۇ ھەقىقەتنى تونۇشتىكى ئەڭ ياخشى يول. شۇڭا قۇرئان كەرىمىدە تۇنجى بولۇپ ‹ئوقۇ› دېگەن ئايەت نازىل بولغان. شۇنداقلا قۇرئاندا ‹بىلىملىك بىلەن بىلىمسىزنىڭ پەرقى قاراڭغۇلۇق بىلەن كۈندۈزگە ئوخشايدۇ›، دېيىلگەن. مەن ۋەتەن ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئىنى-سىڭىللارنىڭ ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي، ھەر ۋاقىت قاتتىق تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنمۇ ئاشۇ ئىنى-سىڭىللار بىلەن ئۈزلۈكسىز ھالدا بىللە تىرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن. مېنىڭچە ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئېزىتقۇ ياكى شەيتان ئۈمىدسىزلىك. ئۇ بىزدەك بىر شانلىق تارىخقا ئىگە ۋە بىر ئۇلۇغ دىنغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر مىللىتىگە ھەرگىزمۇ ماس كەلمەيدۇ. مەن ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ قولۇمدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ بەرسەم، دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلار ئارىسىدا دىئابىت كېسىلىنى داۋالاش ياكى ئوزۇقلىنىش جەھەتتە مەسلىھەت سوراشنى ئىستەيدىغانلار بار بولسا، ئۇلار مەن بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ. مەن ئۆزۈم ئىزدىنىش ۋە ئىشخانامدىكى باشقا دىئابىت كېسىلى دوختۇرلىرىدىن سوراش ئارقىلىق يۇقىرىقىدەك قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىشنى خالايمەن. ئاشۇنداق قېرىنداشلار ماڭا abduumar26@gmail.com ياكى abudukadier.abulizi@yale.edu ئارقىلىق ئېلخەت يازسا بولىدۇ.»
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار