يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىسى كېكەچ ئاتا-ئا
بالىڭىزغا «يىڭناسقۇ
بالىلارنى نابۇت قىلى
يېمەكلىك ئارقىلىق با
بېيجىڭدىكى ئالاقىدار تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئېلىمىزدىكى تاماكا چېكىدىغان ياش-ئۆسمۈرلەر 14 مىليونغا يېتىدىكەن. ئېلىمىز ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى %11.5 ئىكەن.
تونۇشتۇرۇشىچە: ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتىدە ياشلىشىش ۋە كۆپىيىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، بۇ ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەب تاماكا ئېلانى، ئۇنى تەشۋىق قىلىپ سېتىش ۋە قوللاشنىڭ كەڭ مەۋجۇد بولغانلىقىدىن ئىكەن.
جۇڭگو تاماكا كونتىرول قىلىش جەمئىيىتى مۇنداق تەكلىپلەرنى بەردى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جاكارلىماقچى بولغان «خەير-ساخاۋەت قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار ماددىسىدا تاماكا كارخانىلىرىنىڭ جەمئىيەت پاراۋانلىقى ئىئانە بېرىش پائالىيىتىدەك ئاتالمىش جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئىشلىرى ئېنىق چەكلەنسە؛ ھەرقانداق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار جەمئىيەت ئۆمەكلىرى تاماكا كارخانىلىرى ئىئانىسىنى ۋە ماددىي قوللىشىنى قوبۇل قىلمىسا؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى نازارەت قىلىش ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن-نىزامغا خىلاپ بارلىق تاماكا ئېلانلىرى، تەشۋىق قىلىپ سېتىش ۋە ماددىي قوللاش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش كۈچىنى كۈچەيتسە.