ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىسى كېكەچ ئاتا-ئا بالىڭىزغا «يىڭناسقۇ بالىلارنى نابۇت قىلى يېمەكلىك ئارقىلىق با

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > ساۋات > تولۇق مەزمۇنى

بىر ئوقۇغۇچى پىشانىسى بىلەن 142 تۇخۇمنى چېقىپ، يېڭى جېننېس دۇنيا رېكورتى ياراتقان

ۋاقىت : 2013-04-18 22:54 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى 1 مىنۇت ئىچىدە پىشانىسى بىلەن 142 تۇخۇمنى چېقىپ، يېڭى جېننېس دۇنيا رېكورتى ياراتقان

ئامېرىكىنىڭ جورجىيا تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدىكى بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى پىشانىسى بىلەن بىر تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى «چېقىپ» تاشلىغان. ئۇ 1 مىنۇت ئىچىدە پىشانىسى بىلەن 142 تۇخۇمنى چېقىپ، يېڭى جېننېس دۇنيا رېكورتى ياراتقان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان سكوت ئىسىملىك بۇ يېڭى ئوقۇغۇچى مەزكۇر رېكورتنى ئۆتكەن ئايدا ياراتقان، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى رېكورت پىشانە بىلەن 1 مىنۇتتا 130 تۇخۇمنى چېقىش ئىكەن. سكوت ئۆزىنىڭ رېكورت يارىتىش جەريانى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئاخىرىغا بارغاندا پىشانەم ھېچنىمىنى سەزمەس بولۇپ قالدى، تۇخۇم چېقىش جەريانىدا تېنىمدىكى ئادرېنالىن مۇھىم رول ئوينىدى، قانچىلىك تۇخۇم چاقالايدىغانلىقىمنى ئارتۇق ئويلاپ كەتمىدىم» دېگەن.
قارىغاندا بۇ رېكورتنى بۇزۇش ئۈچۈن، پىشانىسى چوقۇم راۋۇرۇس قاتتىق بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئەمما تۇخۇمنى يەنە بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن چېقىش تۈرلىرىمۇ بار ئىكەن، مەسىلەن، ئالىقان ياكى بېغىش بىلەن چېقىش دېگەندەك. ئەلۋەتتە بۇلارنى بەك غەلىتە ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما 2009-يىلى ئىتالىيەلىك بىر ئەر پۇت بارمىقى بىلەن 1 مىنۇتتا 49 تۇخۇمنى چېقىۋەتكەنىكەن.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار