يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىسى كېكەچ ئاتا-ئا
بالىڭىزغا «يىڭناسقۇ
بالىلارنى نابۇت قىلى
يېمەكلىك ئارقىلىق با
ياشانغانلار بالىلار ناخشىلىرىنى كۆپ ئاڭلىسا، دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان بالىلار ناخشىلىرىنى كۆپ ئاڭلاپ بەرگەندە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالامىتىنى يەڭگىللەتكىلى ۋە ناچار كەيپىياتنى ياخشىلاپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ناخشا دىققەت-ئېتىبارنى يىغىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلاپ، تەپەككۇرنى جانلاندۇرىدۇ ھەمدە كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ. تونۇشلۇق بولغان بالىلار ناخشىلىرى چوڭ مېڭىغا بالىلار قوشاقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك روھىي كەيپىياتنى ھېس قىلدۇرىدۇ ۋە شۇ چاغدىكى ئەسلىمىسىنى ئويغىتىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلايدۇ. مۇزىكا چوڭ مېڭىنىڭ تۈرلۈك ئاكتىپ ماددىلارنى قويۇپ بېرىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كەيپىياتنى تەڭشەپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ۋە ئەسەبىيلىشىش ئالامىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.