ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى بالىلارنى قورقۇتۇش ئ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > پىسخىكا > تولۇق مەزمۇنى

پەرزەنتىڭىزنىڭ پىخسىكىسى ساغلاممۇ ؟

ۋاقىت : 2014-06-22 17:56 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
پەرزەنتىڭىزنىڭ پىخسىكىسى ساغلاممۇ ؟

يەكشەنبە كۈنى ئىدى. قىزىم تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپ سىرتقا چىقىپ ئوينىغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى . بۇ چاغدا كەچ سائەت يەتتىدىن ئاشقانىدى . مەن كەچ بولۇپ قاپتۇ،ئەتە ئويناڭ ،دىيىشىمگە ، قىزىم مىنىڭ ئوينۇغۇم بار تۇرسا ، داۋاملىق شۇنداق دەپ مىنى ئوينىغىلى قويمايدىكەنسىلەر ، دېگىنىچە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ قېلىقىغا ھەيران بولۇپ قاراپلا قالدىم . چۈنكى،نەچچە ۋاقىتتىن قىزىمنىڭ بۇنچىلىك خاپا بولغىنىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم.ئەسلىدە ئۇنىڭ كەيپىياتى بەكمۇ تۇراقلىق ئىدى . ئوينىغاندا خوشال ئوينايتتى ،گىپى بولسا يېنىمغا كىلىپ مۇڭدىشاتتى ، مەكتەپتە ياكى مەھەللىدە دوستلىرى بىلەن رەنجىشىپ قالدىمۇ ئۆزىنى ھېچقاچان بۇنچىلىك پاراكەندە قىلمايتتى …. دىمەك،سىنىپ مەسئۇلى دىگەندەك،قىزىمنىڭمۇ پىسخىكىدا ئاز-تۇلا مەسىلە كۆرۈلۇشكە باشلىدى.

ئىلگىرى بەزى ئىشلارغا تازا ئىتىبار بېرىپ كەتمىگەن بولسام كېرەك ، ئەمدىلىكتە بوش ۋاقىت تاپساملا بالىلاردىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىدىغان بولدۇم . ھەم مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن جاۋاپ ئىزدىدىم .

بىر ماتىرىيالدا پىسخىكىلىق ساغلاملىق ئاكتىپ،ئۈنۈملۈك پىسخىك پائالىيەتلار، تۇراقلىق ، نورمال پىسخىك ھالەتلەر ئارقىلىق كۆز ئالدىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمىيەت ۋە تەبىئىي مۇھىتقا ماسلىشىش ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولۇشنى كۆرسىتىدۇ ، دەپ تەبىر بىرىلگەن بولۇپ، ھازىر بالىلاردا ناچار پىسخىكىلىق شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئىش ھەركىتىنى ھەددىدىن زىيادە بوغىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مىسال ئارقىلىق ئىزاھلاپ ئۆتۈلگەن .

شۇ كۈندىكى قىزىمنىڭ كەيپىياتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىچىگە يۇشۇرۇپ كەلگەن ئائىلە تەربىيەسىدىكى ئۇنى قىلساڭ بولمايدۇ ، بۇنى قىلساڭ بولمايدۇ ، دىگەندەك ‹‹بوغۇش››لارنىڭ يىغىندىسى دىيىشكە بولاتتى .

ئۇنداقتا ئاتا-ئانا بولغۇچى بالا نىمە دىسە ماقۇل بولىشى كىرەكمۇ ؟ قانداق قىلغاندا ئۇلاردا ساغلام روھىي ھالەت ، ساغلام پىسخىكا شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ ؟

‹‹تالانتلىق بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ سىرى›› دىگەن كىتابنى كۆرىۋېتىپ تۆۋەندىكى قۇرلارغا كۆزۈم چۈشتى :

بالىلىق مەزگىل بەدەننىڭ كۈچىيىش مەزگىلى ، پىسخىك يىتىلىش مەزگىلى ، روھنىڭ ئاسان سېلىنىش مەزگىلى ۋە كىشىلىك پەزىلىتىنىڭ شەكىللىنىش مەزگىلى.ھازىر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتى ئۈچۈن كۈچىنىڭ يىتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنى بىلەن ئۆزىنىمۇ،بالىلارنىمۇ رازى قىلالماي ، ھەل قىلىش قىيىن بىر مەسىلىگە يۇلۇققانلىقىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايدۇ . شۇڭا بالىلارنىڭ پىسخىك تۇرمۇشىنى چۈشىنىشىمىز،چوڭلارنىڭ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئېڭىنى ئويغىتىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.

ھەممىمىزگە ئايان ، بالا دىگەن بىر پارچە ئاق قەغەز . ئۇنىڭغا نىمىنى سىزىش ، بۇ ئاق قەغەزدە قانداق ئىزلارنى قالدۇرۇش ئاتا-ئانىغا باغلىق . بالا تۇغۇلۇپ بىز بىلەن ئورتاقلاشقۇدەك بولغۇچە بالا بىلەن چوڭلار ئوتتۇرسىدا پات-پات ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.ئەمما، بۇ ئىشلار قارىماققا بىز ئاتا-ئانىلار بولغىچىلارغا نورمال ئىشتەك بىلىنىدۇ.چۈنكى بىز ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلدۇق ، بىز ئۇلار ئۈچۈن زور قۇربانلىق بەردۇق ، شۇڭا بالا دىگەن چۇقۇم ئاتا-ئانىنىڭ دىگىنىنى قىلىشى  كىرەك ، دەپ قارايدىكەنمىز . بىز دائىم بالىلارغا كۆيۇنۇشنىلا نەزەرگە ئېلىپ ،ئۇلارنىڭ چارچىغاندا كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئۆزى خالىغان ھەركەتنى قىلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىكەنمىز . ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆڭلى بىلەن ھېسابلاشماي ، ئۇلارنىڭ قىززىققان ئىشىنى ھە دىسىلا چەكلەيدىكەنمىز . يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنداق بېسىملار يىغىلغانسىرى ئۇلاردا ساغلام بولمىغان پىسخىك تۇسالغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا،ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ھەقىقىي ساغلام قىلىپ تەربىلەيدىكەنمىز دەيدىكەنمىز ، بالىلارنى كىچىك چېغىدىن باشلاپ ئۇلارنى كۆزىتىشكە ،ئۇلارنىڭ پىسخىك تۇرمۇشىنى چۈشىنىشكە كۆپرەك ۋاقىت ئاجىرتىشىمىز، بالىلارغا ھە دىگەندىلا ئۆز مەيدانىمىزنى،ئىدىيەرىمىزنى مەجبۇرىي تاڭماسلىقىمىز لازىم ئىكەن .

سىز ياش ئاتا-ئانىمۇ ؟ ئۇنداقتا ، سىزمۇ ئويلىنىپ كۆرۈڭ ، پەرزەنتىڭىزنڭ پىسخىكىسى ساغلاممۇ ؟

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار