ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى بالىلارنى قورقۇتۇش ئ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > پىسخىكا > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئىلھام بېرەيلى

ۋاقىت : 2014-04-20 14:34 | مەنبەسى : تەڭرىتاغ | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئىلھام بېرەيلى

لوقمان
بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئىلھام بېرەيلى

   بالىلارنىڭ دۇنياسى رەڭگارەڭ بولىدۇ، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇدات بالىلارنىڭ پاك قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا سانسىزلىغان قىزىقىشلارنى قوزغايدۇ: دەرەخ نېمە ئۈچۈن يوپۇرماق تاشلايدۇ؛ بېلىق نېمىشقا سۇدا ياشايدۇ؛ نېمە ئۈچۈن ھايۋانلار چىقارغان ئاۋاز ئوخشاش بولمايدۇ، دېگەندەك. بىز ھەمىشە بالىلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى ئۇزاققىچە كۆزىتىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، ئۇ قارىماققا ئادەتتىكى شەيئى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا تېگى – تەكتىنى بىلىش قىزغىنلىقى بولىدۇ. ئويلاشقا، سوئال سوراشقا قىزىقىش ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ دۇنيا توغرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىزدىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

    بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوغداشتا، يەنە بالىلارنى ئۆزى قول سېلىپ مەشغۇلات قىلىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچى مەقسەتلىك ھالدا بالىلارنى كۆزىتىشكە يېتەكلىشى، بالىلارغا قول سېلىپ ئىشلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى ۋە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىشى، بۇ ئارقىلىق بالىلارنى ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئۇسۇلدا ئىزدىنىشكە ۋە بايقاشقا يېتەكلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچى يەنە ئائىلە باشلىقلىرىنى تۈرلۈك بايلىقتىن پايدىلىنىپ، بالىلار ئۈچۈن ئۆسۈملۈككە ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاپ، بالىلارنىڭ قىزىقىش ۋە ئىزدىنىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىنىڭ تىرىشچانلىقى بالىلارنىڭ نەتىجە تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ. ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ ھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەت ئۈچۈن ئۇلارنى ئەيىبلىمەستىن، بەلكى بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوغداپ، بالىلارنى ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈشى لازىم.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار