ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى بالىلارنى قورقۇتۇش ئ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > پىسخىكا > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىگە تەسىر قىلىدىغان تۇرمۇش ئامىللىرى

ۋاقىت : 2013-12-27 19:33 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىگە تەسىر قىلىدىغان تۇرمۇش ئامىللىرى

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش تارماقلىرى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئەقلى –قابىلىتىنىڭ تەرەققى قىلىشغا ئىرسىيەت ، مۇھىت ،ئوزۇقلۇق، كېسەللىك ئامىللىرىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم تۇرمۇش ئامىلىلىرىنىڭمۇ تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ھەرىكىتى يېتەرلىك بولماسلىق. ھەرىكەت قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، چوڭ مېڭىدىكى قاننىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى كۈچەيتىپ، مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىنىڭ يېتىلىشى ۋە تەپەككۈر قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بالىلىق دەۋرى ئەقلى قابىلىيەت تېز يىتىلىدىغان مەزگىل بولۇپ، چوڭ مېڭە قان ئارقىلىق تەمىنلىنىدىغان ئوزۇقلۇققا مۇھتاج بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئەگەر دائىم دېگۈدەك مۇۋاپىق مىقداردا كۆپرەك چېنىقىپ تۇرمىسا، چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ياخشى بولمايدۇ-دە، مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تەرەققىياتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق. ياخشى ھەم يېتەرلىك ئۇيقۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەقلىي قابىلىيتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. دائىم يېرىم كېچىدە ئۇخلايدىغان ياكى سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ياخىشى ئۇخلىيالمايدىغان بالىلارنىڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىنىڭ قوزغىلىش ۋە تورمۇزلىنىش تەڭپۇڭلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ۋە نورمال فۇنكىسىيىسنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى پايدىىسىز. ن

اشتا قىلماسلىق. ناشتىلىق تاماقنىڭ سۈپەت ۋە مىقدارى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بالىلارنىڭ ناشتىلىق تامىقىنىڭ ئىسسقلىق مىقدارى بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان پۈتۈن كۈنلۈك ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىسە، ئۇ ھالدا بالىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئەڭ ياخشى تەپەككۇرىنىڭ كەڭ ۋە ئۇزاق بولۇشى ھەم ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ. ناشتىلىق تاماقنى ئاز يەيدىغان ياكى ناشتا قىلمايدىغان بالىلارنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتى ئالدىنقىلارغا قارىغاندا ناچاربولىدۇ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىمۇ چەكلىمىگەئۇچرايدۇ.

تاتلىق يىمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ يېيىش. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يېسە بالىلارنىڭ ئاشقازان ھەم ئۈچىينىڭ فۇنكىسىيىس بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، بەدەننىڭ ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مېنرال ماددىلارنى قوبۇل قىلىشى ئازىيىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يېتىدۇ. ئېنىقلىنىشىچە، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئاستا ھەم ئەقلىي قابىلىيىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن. دائىم قەۋزىيەت بولۇش. كۈندىلىك يېمەكلىك تەركىبىدە كۆكتات ھەم مېۋە-چېۋە كەمچىل بولسا، چوڭ تەرەت ئازىيىپ، قەۋزىيەت بولىدۇ، قەۋزىيەت بولغاندا چوڭ تەرەت ۋە زەھەرلىك ماددىلار ئۈچەيدە ئۇزاق تۇرۇپ قالغاچقا، زەھەرلىك ماددىلار قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا كۆپلەپ كىرىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسىېرى بالىلارنىڭ ئەستە ساقلاش قابىليىتى تۆۋەنلەش، دىققىتى مەركەزلەشمەسلىك، تەپەككۇرى ئاستا بولۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

”بالىلار تەربىيىسگە دائىر سوئال -جاۋابلار“ دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار