يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو
ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى
بالىلارنى قورقۇتۇش ئ
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي
بىر كۈنى توردا بىر بالىنىڭ كارتون فىلىم ‹‹شادىمان قوزىچاق ۋە كۈلرەڭ بۆرە››دىكى ۋەقەلىكنى دوراپ، ھەمراھلىرىنى باغلاپ، دەرەختە ‹‹پۈتۈن قوي كاۋىپى›› قىلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ئىش ئاتا – ئانىلارنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىدى بولغاي. ئۇنىڭدىن باشقا، ‹‹ئېيىقچاق بىلەن تاقىرباش››كارتون فىلىمىدىكى ئورمانلارنى كېسىش، ئوۋ ئوۋلاش، قورالنى كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار سەۋەبىدىن، نۇرغۇنلىغان ئائىلە باشلىقلىرى توردا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ كارتون فىلىمنى قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان.
كارتون فىلىم تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشى غەمسىز ئۆتكەن بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەيدۇ.كارتون فىلىمدىكى گەپ قىلالايدىغان ئۆسۈملۈكلەر، قايغۇ ۋە شادلىقى ئېنىق ھايۋانلار بالىلارنىڭ دۇنيانى تونۇشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى. بىراق بالىلارنىڭ ھەق – ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارى ئاجىز، دورامچىلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇلار كارتون فىلىمدىكى بىر تەرەپنى ھەققانىيەتنىڭ ۋەكىلى قىلىۋېلىپ، ئۇلارنى قارىغۇلارچە دورايدۇ،ئۇلاردىن ئۆگىنىدۇ.
ياخشى كارتون فىلىم بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەبىئىي ھالدا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىراق بەزى ئەھمىيەتسىز كارتون فىلىملەر بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلار كارتون فىلىمدىكى زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان ھەرىكەتلەرنى دوراشتىن باشقا، سەت گەپلەرنىمۇ ئاسانلا ئۆگىنىۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى كارتون فىلىملەردە كۆرۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنىپ، بولمىغۇر، زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان سۆزلەر، ساغلام بولمىغان مەزمۇنلار قوشۇلدى. ئەگەر كۆرۈش نىسبىتى كارتون فىلىم ئىقتىسادى ئۈنۈمىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى قىلىنسا، ئۇنداقتا كارتون فىلىمنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە سەل قارىغان بولىمىز. بۇ فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ تۆۋەنلىكى، مەسئۇل تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
كارتون فىلىملەرنىڭ ئاساسلىق كۆرۈرمەنلىرى بالىلار. بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىتقا موھتاج. ئەلۋەتتە، بالىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى ھازىرلاش ئۈچۈن، پەقەت تەشەببۇس قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنسەك بولمايدۇ. يەنە كارتون فىلىم ئىشلىگۈچى ئورۇنلارنى قاتتىق چەكلەش، زىممىمىزدىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئېنىق تونۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىنى تىرىشىپ تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ساغلام بولغان كارتون فىلىملەرنى ئىشلىشىمىز؛ تارقىتىش ۋاسىتىلىرىمۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز كارتون فىلىملەرنى تارقىتىشقا قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك.