يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلارنىڭ ئۆزىنى كو
ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى
بالىلارنى قورقۇتۇش ئ
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ي
ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : ‹‹كىتاب ئوقۇش بالىلارنىڭ ئەقلىي كۈچىنى زورايتىپلا قالماستىن ، ئۇلارنىڭ سودا قىلىش ئىقتىدارىنىمۇ كۈچەيتىدۇ . بالىلارغا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە ئېيتىپ بېرىش ، ئۇلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش ماھىيەتتە بالىلارنىڭ ئىجتىمائىيەتكە ئاسانلا ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان ياخشى چارە›› .
تەتقىقات دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى : ‹‹ كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتا–ئانىسى ئوقۇپ بەرگەن كىتابقا قۇلاق سېلىپ ئادەتلەنگەن بالىلاردىكى تىل ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتى بەك تېز بولىدۇ ، ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات داۋامىدىمۇ تىل بىلەن ئىپادىلەش ئەۋزەللىكى باشقىلارنىڭكىدىن ياخشى بولىدۇ . بالىلارنىڭ كىتابقا ئامراق بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى ، ئۇلار ھەر قانداق ياخشى كىتابتىن ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشلەر بىلەن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ›› .
بالىلارغا زادى قانداق ئۇسۇلدا ھېكايە ئېيتىپ بەرسە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ بولغاندا ، مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېيىشتى : ‹‹ ئاتا–ئانىلار بالىلىرى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىتاب ئوقۇپ بەرمەكچى بولسا ، چوقۇم كىتابنى تەسىرلىك ۋە جانلىق ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . قايتا–قايتا ئوقۇپ ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى ، ھەر خىل پېرسوناژلارنى دىيالوگىنى شۇلارغا خاس تاۋۇشتا ئىپادىلەشكە تىرىشىشى لازىم›› .