ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئاتىلار ئائىلىنىڭ، ج بالىلارنى يالغۇز قوي بالىلار بىلەن بىرگە بالىلار يالغان سۆزلى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > مۇنەۋۋەر دادا > تولۇق مەزمۇنى

ئاتىنىڭ پەزىلىتى ئوغولغا مىراس

ۋاقىت : 2014-06-28 14:42 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئاتىنىڭ پەزىلىتى ئوغولغا مىراس
ئاتىنىڭ پەزىلىتى ئوغولغا مىراس

- پەرزەنت- ئائىلىنىڭ يىلتىزى، ئاتا- ئانىنىڭ ئۈمىدى، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى. شۇنداق ئىكەن، پەرزەنتلەرنى كىچىگىدىن باشلاپ ساغلام، ئەقىدىلىك، بىلىملىك، ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە ئادەملەردىن قىلىپ تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش ئاتا- ئانىلارنىڭ ۋەتەن، مىللەت ۋە جەمئىيەت ئالدىدىكى مۇقەددەس بۇرچى.
  بالىلارنىڭ خارەكتىرى ۋە ئەخلاقىي- پەزىلىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاتا- ئانىنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە رولى ناھايىتى مۇھىم بولغاچقائاتا- ئانىلار ئۆزىنىڭ ئېسىل مىجەز- خارەكتېرى، گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتى جۈملىدىن تىلى، ھەرىكىتى، قەلبى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگە ھەر جەھەتتىن ئۈلگە بولۇشى، ئۇلارنىڭ يۇمران قەلبىگە يۈكسەك ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن تىرىششى زۆرۈردۈر.
ئاتا- ئانا پەرزەنتىنىڭ ئەينىكى، تىرىك ئۈلگىسى.
  پەرزەنتلەر ئائىلە تەربىيسىنى ئاتا- ئانىسىنىڭ بىۋاستە تەسىرىدە قوبۇل قىلىدۇ. ئاتا- ئانىنىڭ مىجەز خارەكتىرى، ئەخلاق- پەزىلىتى مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيسى بالىنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقتىن، ئاتا- ئانىنىڭ مىجەز -خۇلقى، ئىش - ھەرىكىتىڭ تەسىرى ئۇنىڭ ۋۈجۇدىدا مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكىس ئېتىدۇ.بالىلاردا ئەقلىي قابىلىيەت ۋە خارەكتىرنىڭ شەكىللنىشگە ئەگىشىپ ئۇلاردا شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاس، قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
  «بالا كۆرگەننى دورايدۇ، قېرى كۆرگەننى سورايدۇ» دېگەندەك، بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ سۆز- ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ رېئال تۇرقىنى دورايدۇ.
   ئاتا- ئاننىڭ ئۈلگىلىك رولى ھەققىدە روس پىداگوكى نوۋچىكوف: «بالىلارنىڭ يۇمران قەلبىگە ھېچنەرسە ئۆلگىدەك كۈچلۈك تەسىر قىلالمايدۇ، ھەممە ئۆلگىلەر ئىچىدە ئاتا- ئانا ئۈلگىسىدىنمۇ ئالاھىدە چوڭقۇرراق ۋە مۇستەھكەمرەك ئورۇن ئالىدىغان ئۈلگە يوق» دەپ ئېيتقان. ئائىلە تەربىيسى شارائىتىدا بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن قوبۇل قىلغان ھەر قانداق سۆز- ھەرىكەت بالىلارنىڭ ئېڭىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاق ۋە پەزىلەت جەھەتتە ئۆسۈپ- يېتىلىشىدە ئوخشىمايدىغان نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
     «ئوغۇل ئاتىنى دورايدۇ، قىز ئانىنى» دىگەندەك، بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن مەلۈم ناچار ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۋالسا، بۇنى ئۆزَگەرتىش ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ. بەزى ئاتا- ئانىلار پەرزەنت تەربىيسىدە بولمىغۇر سۆز- ھەرىكەتلەرنى پەرزەنتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئانچە ئېتبارغا ئېلىپ كەتمەيدۇ، نەتىجىدە بىلىپ- بىلمەي پەرزەنتىنىڭ ناچار، يامان ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۋېلىشىغا ئۆزى سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.
    «بالاڭ يامان بولسا ئۆزۈڭدىن كۆر» دېگەندەك، بالام تېخى كىچىك، ئاڭلىمايدۇ، بىلمەيدۇ، دەپ قاراپ بالىلارنىڭ ئالدىدا دېيىشكە بولمايدىغان گەپ- سۆزلەرنى دېيىش، بولمىغۇر چاقچاقلارنى قىلىش، ئىچ كىيىملەر بىلەن يۈرۈش، كۆرۈشكە بولمايدىغان فىلىملەرنى كۆرۈش، ۋارقىراش- جارقىراش، جېدەل- ماجرا قىلىش، رۇمكا سوقۇشتۇرۇش، تاماكا چېكىش، پۇل تىكىپ قارتا ئويناش، قاتار چايلارغا، قاۋاقخانىلارغا تولا قاتىراش....قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىلاردا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەر بولۇپ، بۇنداق ناچار ئىللەتلەرنىڭ بالىلارنىڭ بەخىت ئىستىقبالىغا ۋە جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان يامان تەسرى، ئاتا- ئانىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئازاپ- ئوقۇبەتلىرىنىڭ چېكىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.
   «ئاۋۋال ئۆزۈڭنى تۈزە، ئاندىن بالىنى» دىگەندەك، پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئارزۇ- ھەۋەسلىرىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان، ئويۇن- تاماشىلىرىنى قۇربان قىلالايدىغان روھىنى يېتىلدۈرگەن ئاتا- ئانىلار ھەقىقىي مەنىدىكى،مەسئولىيەتچان ئاتا- ئانىلاردۇر.
 بۇ توغرىدا مۇنداق بىر ئىبرەتلىك ھېكايە بار:
 بىر ئادەم ھەر كۈنى ئىشقا بېرىشتىن ئىلگىرى قاۋاقخانىغا بېرىپ ھاراق ئىچىشگە ئادەتلىنىپ قاپتۇ. قېلىن قار ياققان بىر كۈنى ئۇ يەنە ئەتىگەندە خوتۇن- بالىلىرى بىلەن خوشلىشىپ ئۆزى يالغۇز قاۋاقخانا تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ، ئۇزاققا بارمايلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن بىرىنىڭ ئەگىشىپ كېلۋاتقانلىقىنى سېزىپتۇ، ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قارىسا بالىسى ئۇنىڭ قاردا قالدۇرغان ئاياق ئىزىغا دەسسەپ تۇرۇپ خوشال ھالدا:
  «دادا، قارا، مەن سېنىڭ ئىزىڭغا دەسسەپ كېلىۋاتىمەن» دەپتۇ.
  بۇ گەپنى ئاڭلىغان دادا قاتتىق چۆچۈپتۇ ۋە كۆڭلىدە:
  «مەن نېمە ئىش قىلسام بالام شۇنى دورايدىكەن، ھەتتا قاۋاقخانىغا بارساممۇ..» دەپ ئويلاپتۇ دە شۇ كۈندىن باشلاپ قاۋاقخانىغا قايتا ئاياغ باسماپتۇ.
  بۇ ھېكايىدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئاتا- ئانىنىڭ سۆزى، ھەرىكىتى، قەلبى، پەرزەنتكە بىۋاستە ئۈلگە ۋە تەربىيەدۇر. ئاتا- ئانا ئائىلىدە ئەدەپ- ئەخلاقلىق، قائىدە- يوسۇنلۇق، ئىنق- ئىجىل بولسا، بۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا ياشىغان بالىلارمۇ ئاتا- ئانىسىغا ئوخشاش پەزىلەتلىك چوڭ بولىدۇ.
 خەلقىمىزدە: «ئاتىنىڭ پەزىلىتى ئوغولغا مىراس» دېگەن ھېكمەت بار. شۇڭا، ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرى قانداق ئادەم بولسا، پەرزەنتىلىرىنىڭمۇ شۇنداق ئادەم بولدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقى، پەرزەنتى ئالدىدا قىلغان ئەڭ كىچىك گەپ- سۆزى، ئىش- ھەرىكەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، پەرزەنتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئورۇنسىز ئارزۇ- ھەۋىسى، ئەھمىيەتسىز باردى- كەلدىلىرى، شەخسىي مەنپەئەتىنى قۇربان قىلالايدىغان پىداكار روھنى يېتىلدۈرىشى، پەرزەنتىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئېسىل مىجەز- خۇلقى، گۈزەل ئەخلاق- پەزىلىتى، ساپ قەلبى بىلەن ئۈلگە بولۇشى لازىم.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار