ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئاتىلار ئائىلىنىڭ، ج بالىلارنى يالغۇز قوي بالىلار بىلەن بىرگە بالىلار يالغان سۆزلى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > مۇنەۋۋەر دادا > تولۇق مەزمۇنى

ئاتا مىراس نەسىھەتلەر

ۋاقىت : 2013-08-15 14:36 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : Dulanim | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئاتا مىراس نەسىھەتلەر

ئوغلۇم!
سەن گىرىپتار بولغان كېسەللىك ئۈستىدە ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن، ساڭا تۆۋەندىكى رېتسېپنىبېرىشنى مۇۋاپىق تاپتىم، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ھېچقانداق دورا - ئوكۇلغا موھتاج ئەمەس. كېسىلىڭنىڭ ساقىيىش - ساقايماسلىقى سېنىڭ روھىي ھالىتىڭ، كۆڭۈل - كۆكسۈڭنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق.
باشقىلار بىلەن ئالاقىلەشكەندە مۇنۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىل:
باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئىگىلە؛
باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا چېھرىڭدىن تەبەسسۇم پارلاپ تۇرسۇن، باشقىلارنىڭ سۆزىنى زەن سېلىپ ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋال؛
باشقىلارنىڭ شەخسىي ئىشىنى سۈرۈشتۈرمە، تاسادىپىي بىلىپ قالغان تەقدىردە، ئۇ ئىشنىئۇنتۇپ كەت ياكى مەڭگۈ مەخپىيەتلىك پېتى ئىچىڭدە ساقلا؛
باشقىلارنىڭ ماختىشى خۇددى ئەتىرگۈلگە ئوخشىشىدۇ، ئۇنى پۇراپ قويساڭلا كۇپايە، مۇبادا پۇرىقىدىن مەستخۇش بولۇپ كەتسەڭ، مەغلۇبىيەتكە قەدەم باسىسەن؛
باشقىلار يېتەرسىزلىكلىرىڭنى كۆرسىتىپ بەرسە، سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىل، شۇنداقتاھۆرمەتكە ئېرىشەلەيسەن؛
دوستۇڭ ئازابلانغاندا، ئۈمىدسىزلەنگەندە، ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن، ئەكسىچە دوستۇڭ خۇشاللانغاندا ئۇنىڭ بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلىغىن؛
ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىڭ ۋە كەمچىلىكلىرىڭنى بايقاشقا ماھىر بول؛
ئەتە يېڭى بىر كۈن باشلىنىدۇ، ئەتە سەن تۈنۈگۈنكى ياكى بۈگۈنكى سەن ئەمەس؛
ھەر ۋاقىت باشقىلارغا ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ياردەم قولۇڭنى سۇنغىن، شۇ تاپتا باشقىلار دەل سېنىڭ ياردىمىڭگە موھتاج بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن؛
يېتەرسىزلىكلىرىڭنى ئويلاپ قايغۇرۇپ كەتمە،«ئالتۇن ساپ بولماس، نۇقسانسىز ئادەم (بولماس)» دېگەن قائىدىنى ئېسىڭدە تۇت؛
ئۆزۈڭنىڭ ئاددىي ئادەملىكىڭدىن كۆڭلۈڭ يېرىم بولمىسۇن، ئەڭ خىرە يۇلتۇزمۇ قاراڭغۇدا يەنىلا كۆزنى چاقنىتىدۇ؛ھامان مۇلايىم، سەۋرچان بول.
يۇقىرىقى ئىشلارنى ئورۇندىيالىساڭ، ئىشىنىمەنكى، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزۈڭنىڭئەمەلىيەتتە ساپساقلا بىر ئادەملىكىڭنى، يەنە كېلىپ مۇنەۋۋەر ئادەملەردىن ئىكەنلىكىڭنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ سۆيۈملۈك ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى، تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىككەتولغانلىقىنى بايقايسەن

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار