ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئاتىلار ئائىلىنىڭ، ج بالىلارنى يالغۇز قوي بالىلار بىلەن بىرگە بالىلار يالغان سۆزلى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > مۇنەۋۋەر دادا > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنى يالغۇز قويامدۇق؟

ۋاقىت : 2015-05-16 17:08 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالىلارنى يالغۇز قويامدۇق؟
بالىلارنى يالغۇز قويامدۇق؟
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بالا يۈتۈش ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ كەتتۇق، بىلمىدىم مۇشۇ يىللاردا بالىلار جىقراق يۈتۈۋاتامدۇ، ياكى ئۈندىدار سەۋەبلىك خەۋەرلەر كەڭرەك تارقىلىۋاتامدۇ، ئىشقىلىپ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى ئاچساقلا كۈندە بىرەر بالىنىڭ يۈتكەن خەۋىرى چىقماي قالمايدۇ. ھەممىلا يەرنى كامېرا قاپلىغان مۇشۇ ۋاقىتلاردا بالا ئوغرىلىرىنىڭ يەنە شۇنچە قاپ يۈرەكلىك بىلەن بالىلارنى ئېلىپ ماڭالىغىنىغا قاراپ بالا ئوغرىلىرىنىڭ تېخنىكىلىرىنىڭ نەقەدەر يۇقۇرىلاپ كەتكىنىگە ھەيران قالساممۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ تالادا ئويناۋېتىپ، تاللا بازارلىرىدا نەرسە-كېرەك ئېلىۋېتىپ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇشۇ مەسىلىدە قانچىلىك مەسئۇلىيىتى بارلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ قالىمەن. 
بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن كىچىك ئىككى ئاچا-سىڭىلنىڭ ئۆيى ئالدىدا ئويناۋېتىپ يوقاپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئوقۇپ يۈرىكىم ئاغرىدى. گەرچە بالىلارنىڭ ئاخىرىدا تېپىلغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئىزىغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداقمۇ ئۈچ-تۆت ياشلىق بالىلارنى ئىشىك ئالدىغا يالغۇز قويۇپ قويالىغانلىقى ھەيرانلىقىمنى قوزغىماي قالمىدى. 
  بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىش مەسىلىسىلا ئەمەس، ئۆيدە يالغۇز قېلىپ ئىس ئېلىپ كەتكەن، توك سوقۇۋەتكەن، ئىشەنچىسز ئادەملەرگە تاپشۇرۇپ بالىلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان....دېگەندەك ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە بىز جەمئىيەتنى، قارا نىيەت ئەبلەخلەرنى تىللاش، ئەيىبلەش بىلەنلا بولدى قىلدۇق، ئەمما ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ مۇشۇنداق ۋەقەلەردە مەسئۇلىيىتى قانچىلىك دېگەننى ئويلاشمىدۇق. ئەلۋەتتە، بالا دەردىدا يۈرىكى زەرداپ بولۇۋاتقان ئاتا-ئانىغا سېنىڭ سەۋەنلىكىڭ بۇ، دېيىش ئىنسانلىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. لېكىن بۇندىن كېيىن يەنە مۇشۇنداق پاجىئەلەردىن بىرىنىڭ بولسىمۇ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە پاراڭلىشىپ كۆرۈش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.
  بالىلار قانچە يېشىدىن باشلاپ يالغۇز قالسا مۇۋاپىق؟ 
تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە كىچىك بالىنى يالغۇز قويۇش بالىلارغا زوراۋانلىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خەلقئارادا زادى قانچە ياشلىق بالىلارنىڭ ئۆيدە يالغۇز قالسا بولىدىغانلىقى ياكى سىرتلارغا يالغۇز چىقسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن قاراش بولمىسىمۇ، بىر قانچە دۆلەتتىكى بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيەتلىرىنىڭ تور بەتلىرىنى كۆرۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئۆلچەمنىڭ كۆپ جايلاردا تەشەببۇس قىلىنغانلىقىنى بايقىدىم:
0 ياشتىن يەتتە ياشقىچە:  ئەڭ قىسقا بىر مەزگىلمۇ يالغۇز قويۇشقا بولمايدۇ. بۇ يەنە تىجارەت ئورۇنلىرى، بالىلار باغچىسى قاتارلىق جايلاردا بالىلارغا دىققەت قىلماسلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
سەككىز ياشتىن ئون ياشقىچە: ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۆيدە بىر يېرىم سائەت يالغۇز قويۇشقا بولىدۇ. لېكىن چوقۇم كۈندۈزى، قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن بولۇشى لازىم. 
11-12 ياشقىچە: ئۆيدە ئۈچ سائەت قويۇشقا بولىدۇ. لېكىن بەك كەچ ياكى ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان ۋاقىت بولماسلىق لازىم.
13-15 ياشقىچە: خالىغانچە يالغۇز تۇرسا، ئۆزى خالىغان جايلارغا بارسا كېرەك يوق، لېكىن كېچىسى يالغۇز قويماسلىق لازىم. ئۆزىدىن كىچىك بالىلارغا قىسقا مۇددەت قاراپ تۇرۇشقا بولىدۇ. 
16-17 ياشقىچە: خالىغانچە يالغۇز تۇرسا، ئۆزى خالىغان جايلارغا بارسا كېرەك يوق، ئىككى كېچىدىن ئارتۇق يالغۇز قويماسلىق لازىم. ئۆزىدىن كىچىك بالىلارغا قىسقا مۇددەت قاراپ تۇرۇشقا بولىدۇ. 
  چەت ئەللەردە بالىلارنى يالغۇز قويىدىغان ئىش يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار، لېكىن ساقچى ۋە بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيەتلىرى بالىلارنىڭ يالغۇز قويۇلغانلىقىنى بايقاپلا قالسا ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ. ئادەتتە بالىلىرىنى يالغۇز قويۇش جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى، ساپاسىز كىشىلەرگە خاس قىلمىش دەپ قارىلىدۇ.
  كانادادا چېغىمىزدا، بىز ياخشى ئۆتىدىغان بىر ئۇيغۇر ئائىلە بالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىدىن تارتىۋېلىنغىلى تاس قالغانلىقى ھەققىدىكى بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتا چوڭى يەتتە ياش، كىچىكى ئۈچ ياشلىق ئىككى بالىسى بولۇپ، بالىسى ئالتە ياش ۋاقتىدا، بىر قېتىم بالىسىنى بىر شاپىلاق ئۇرۇپ قويۇپ،  خوشنىلارنىڭ بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قويۇشى بىلەن ساقچىدا ئارخىپلىرى ساقلىنىپ قېلىنغان ئىكەن. ئىككىنچى قېتىمقى ئىش ئېغىرراق بوپتۇ، ئايالى ئىككى بالىسىنى ئۆزلىرى ئولتۇرۇشلۇق بىنانىڭ كەينىدە ئوينىغىلى چۈشۈرۈپ، ئۆزى ئۆي ئىشى قىلغاچ بالكوندىن قاراپ تۇرغان ئىكەن. بالىلار چۈشۈپ بەش مىنۇت بولار-بولماي شۇ ئەتراپتا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ساقچى بۇلارنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە كېلىپ بالىلاردىن ئۆيىنىڭ نەدىلىكىنى سوراپتۇ. بالىلارنىڭ ئاپىسى بۇلارنى كۆرۈپ تۇرغان بولغاچ، ئۇچقاندەك پەسكە چۈشۈپتۇ ۋە ساقچى ئەمەلدارىغا ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بالىلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ئېيتىپتۇ. بىز تۇرۇشلۇق ئونتارىيو ئۆلكىسىنىڭ قانۇنى بويىچە سەككىز ياشتىن تۆۋەن بالىلار ئاتا-ئانىسى ياكى ھىمايىچىسىدىن 30 مېتىردىن ئارتۇق يىراقتا تۇرسا ئاتا-ئانىسى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ھېسابلىنىدىغان بولغاچ، ساقچى ئەمەلدارى ئاتا-ئانىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى قوبۇل قىلماپتۇ ۋە بۇلارنى بىر قېتىم بالىسىنى خارلىغان دەپ خاتىرىلىۋاپتۇ. ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەپتۇ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىدىن بىر قانچە ئادەم كېلىپ، بۇلارنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىم بالىلارنى خارلىغانلىقىنى، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا ئاتا-ئانىنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى ۋە بالىنىڭ قانۇنلۇق ھامىيلىقىنى بىكار قىلىپ، بالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنى تەرىپىدىن بېقىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بالىلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى. 
  ئېسىمدە قېلىشىچە جېك ئۆزىنىڭ بلوگىدىكى بىر يازمىسىدىمۇ بىر ئاغىنىسىنىڭ بالىسىغا بىردەم قاراپ بېرىش جەريانىدا ساقچى بالىغا ياخشى قارىمىغان دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى يېزىپتىكەن. 
  يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ گېنىنى تەكشۈرۈپ دۆلەت ئىچىدە تورلاشتۇرۇلغان ئارخىپ تۇرغۇزۇشنى، ئادەم بېدىكلىرىگە ئۆلۈپ جازاسى بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئاۋازلار كۈچەيدى. مەنچە ئادەم بېدىكلىرىگە قانچىلىك جازا بەرسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. لېكىن بالىغا بىرەر ئىش بولغاندا قارا نىيەت ئىپلاسلارنى جازالاشنىلا ئويلىماي، ئاشۇ پاجىئەنىڭ ئالدىنى زادى قانداق ئېلىش ھەققىدە ئويلىنىش تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك دەپ ئويلايمەن. 
  تۆت تامنىڭ ئىچىدىلا چوڭ بولۇشنى ھېچقايسىمىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. بۇنىڭلىق بىلەن بالىلىرىمىزنى ئۆزىڭىز ئويناڭ دەپلا تالاغا چىقىرىپ قويساق، سىرتلارغا چىققاندا بىخەستەلىك قىلساق ھەرگىز بولمايدۇ. كىچىك بالىلىرىمىزنى يالغۇز قويۇش، سىرتلارغا يالغۇز چىقىرىش، ئۆزىمىز ئىشەنچ قىلالمايدىغان ئادەملەرگە قارىتىش بالىنى ئوتقا ئىتتىرىشتۇر. بالىلىرىمىزغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئۆگىتىش ئېلىپبەنى ئۆگىتىشتىنمۇ بۇرۇن بولسۇن.  ھەرقانداق ۋاقىتتا بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويالمىغان ئاتا-ئانا لاياقەتلىك ئاتا-ئانا ئەمەستۇر.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار