ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئاتىلار ئائىلىنىڭ، ج بالىلارنى يالغۇز قوي بالىلار بىلەن بىرگە بالىلار يالغان سۆزلى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > مۇنەۋۋەر دادا > تولۇق مەزمۇنى

سىز ئائىلىدە لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچ

ۋاقىت : 2010-03-11 21:36 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 سىز ئائىلىدە لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىمۇ؟

 

مېھرىئاي مۇسا
     

          پەرزەنت تار مەنىدىن ئالغاندا بىزنىڭ، كەڭ مەنىدىن ئالغاندا  ئەلنىڭ. شۇڭا بالا تەربىيىسىگە سەل قاراشقا، مەسئۇلىيەتنى ئۇنىڭغا - بۇنىڭغا ئىتتىرىشكە بولمايدۇ. نۇرغۇن ئاتا - ئانا بالىسىنىڭ چوڭ بولغانسېرى مىجەز - خاراكتېرى، قىزىقىش-ھەۋىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. بۇنىڭدىكى مەسىلە زادى نەدە؟ جەمئىيەتتىمۇ ياكى ئۆزىمىزدىمۇ؟ ھەممىمىز سوغۇققانلىق بىلەن ئائىلىدە بالىلارغا زادى نېمىنى ئۆگىتىۋاتىمىز، نېمىلەرنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك، دېگەنلەرنى ئويلاپ باقايلى.
      بالىلارغا ئالدى بىلەن تېجەشلىك بولۇشنى، ئاددىي- ساددا ياشاشنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك. كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام دائىم ھەدەمنىڭ كىچىك كېلىپ قالغان كىيىملىرىنى ماڭا ئوڭشاپ بېرەتتى ھەم ئۆز قولى بىلەن كىيىم تىكىپ بېرەتتى. ئاپامنىڭ بۇ ئىشى ماڭا تەسىر كۆرسەتتىمۇ، كېيىن مەنمۇ ئاددىي كوپتىلارنى ئۆزۈم ئوڭشاپ، تىكىپ كىيىۋالىدىغان بولدۇم. ھازىر ئويلىسام، ئاپام ئائىلە ئىشلىرىغا ماھىر، تېجەشلىك، ‹‹يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش››نى بىلىدىغان ئايال ئىدى. ئۇنىڭ تېجەشلىك بىلەن ئۆي باشقۇرۇشى نەتىجىسىدە، دادامنىڭ تىرىشىپ - تىرمىشىپ تاپقان- تەرگىنى بىلەن ئائىلىمىز گۈلدەك ئۆتەتتى. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا ئالتۇن زىبۇ زىننەت تاقاش، مودا كىيىنىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى، ئەمما مەن ئاپامدىن بىرەر قېتىممۇ ئۇنداق نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ باقمىدىم. كېيىن خىزمەتكە چىقىپ مائاشلىق بولغاندىن كېيىن ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىمنى ئۆزۈم سېتىۋالدىم.  ھازىر شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، بالىلاردا تېجەشلىك بولۇپ، ئاددىي - ساددا ياشايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈركەن. چۈنكى پۇلنى تېجەپ خەجلەيدىغان بالىلار قانائەتچان، ئاتا - ئانىغا كۆيۈنىدىغان، شۆھرەتپەرەسلىك قىلمايدىغان، باشقىلارنىڭ ھەشەمىتىگە، بايلىقىغا ھەۋەس قىلمايدىغان، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھالال ياشاشنى بىلىدىغان بولۇپ، تەمەخورلۇقتىن خالىي چوڭ بولىدىكەن.
      بالىلار ئائىلىدىكى‹‹ئوقۇتقۇچى››لاردىن ئەدەپ - ئەخلاقنى، قىزلار بولسا ئانىلاردىن ئۆي تۇتۇشنى، ئەدەپ - قائىدىنى، پەرزەنت تەربىيىلەشنى، ئوغۇللار ئاتىلاردىن ھالال ياشاشنى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى، چىدام ۋە قەيسەرلىكنى  ئۆگىنىدۇ.
      ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا تاماق ئېتىشنى ئۆگەنگەنىدىم. ئۆزۈمنى خېلى ئىشلارنى قىلالايمەن، تۇرمۇش ئىشلىرىدا باشقىلارنىڭ ئالدىدا تىرناق تاتىلاپ يۈرمەيمەن، دەپ ئويلايتتىم، ئەمما توي قىلغاندىن كېيىن، ئۆي تۇتۇشنىڭ نۇرغۇن بىلىملىرىنى تېخى تولۇق ئۆگىنىپ بولمىغانلىقىمنى، نۇرغۇن جەھەتلەردە خاملىقىمنى ھېس قىلدىم. بۇنداق خاملىق مۇستەقىل ياشايدىغان تۇرمۇشقا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مەن ھازىرمۇ تۇرمۇشتا بەزى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، تەمتىرەپ قالىمەن ھەم قانداق ياشاشنى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمەن، لېكىن قۇرداشلىرىمنىڭ ئەھۋالى مەن بىلەن ئوخشاش ياكى بەزىلىرى مەندىنمۇ بەتتەر تۇرسا، كىمدىن ئۆگىنىمەن؟ دېمەك، ئاتا - ئانىلار بالىغا كىچىك چېغىدىن باشلاپلا تۇرمۇشنىڭ نېمىلىكىنى، تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ھارماي-تالماي ئۆگىتىشى كېرەك.
      بالىلار تەبىئەت ھادىسىلىرى، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە دائىر بىلىملەرنىمۇ ئەڭ ئاۋۋال ئاتا -ئانىلاردىن ئۆگىنىدۇ. بۇ يەردە مەن ژۇرنالدىن كۆرگەن مۇنداق ساتىرىك ھېكايىنى سۆزلەپ ئۆتەي: بىر پادىچى بىلەن يولۇچى پاراڭلىشىپ قاپتۇ. يولۇچى: ‹‹مەن بىردەمدە قويلىرىڭنىڭ سانىنى توغرا دەپ بېرەلەيمەن›› دەپتۇ. پادىچى: ‹‹توغرا دەپ بېرەلىسەڭ ئىككى قوي تاللىۋالساڭ بولىدۇ›› دەپتۇ. يولۇچى ھايال قالماي قويلارنىڭ سانىنى توغرا دەپ بېرىپتۇ. پادىچى دېگىنى بويىچە يولۇچىغا ‹‹قويدىن ئىككىنى تاللىۋالغىن››دەپتۇ. يو-لۇچى ئىككى قوينى تاللاپ بولغان-دىن كېيىن، پادىچى: »مەن ئەمدى سېنىڭ نېمە ئادەملىكىڭنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن« دەپتۇ. يولۇچى ھەي-ران بولۇپ: »توغرا تاپالىساڭ، ئىككى قوينى قايتۇرۇپ بېرىمەن›› دەپتۇ، پادىچى: ‹‹سەن كۆپ ئوقۇغان كىشى ئىكەنسەن›› دەپتۇ. يولۇچى ھاڭ - تاڭ بولۇپ: ‹‹بۇنى قانداق بىلدىڭ؟›› دەپ سورىسا، پادىچى: ‹‹سەن تاللىغان قويلارغا قاراپ بىلدىم، ئۇ ئىككى قوينىڭ بىرى قوي ئەمەس، بەلكى قويلارغا قارايدىغان ئىت›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ يەردە بىر كۈچلۈك مەسخىرە بار،  ئەمما مەن بۇنى باشقا ياقتىن تەھلىل قىلىمەن. بۇ كىتابىي بىلىمگىلا ئەمەس، ئاتا - ئانىلارغىمۇ قارىتىلغان. مەكتەپلىرىمىز جەمئىيەت، تەبىئەت، ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ھەققىدە نۇرغۇن نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى ئۆگەتسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. بۇغداينى كۈدە دەيدىغان، كېۋەزنى گۈل دەيدىغان شەھەر بالىلىرى يەنىلا كۆپ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇنىڭ ھەممىسىنى بالىلارغا بىلدۈرۈپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ۋاقتى ئائىلىدە ئاتا - ئانىلىرى بىلەن ئۆتىدۇ. بالىلارغا تەبىئەت ھادىسىلىرىنى، شەيئىلەرنى چۈشەندۈرۈش ۋە تونۇشتۇرۇش، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلدۈرۈش ئائىلىدىكى‹‹ئوقۇتقۇچىلار››نىڭمۇ مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر. شۇڭا بالىلار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىشىمىز، ۋاقىت بولسىلا ئۇلارنى تەبىئەت دۇنياسىغا قويۇپ بېرىشىمىز، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇشىمىز، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، تۇرمۇشتىن ئۆگىنىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.
      بالىلار ئائىلىدە ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىدۇ. مەلۇم ژۇرنالدىن ‹‹دادا، مەن ئەمدى سىزدە ئوقۇيمەن››دېگەن ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەن بىزدىكى مەنىۋى قەھەتچىلىكنىڭ ئەسلىدە ئائىلىدىكى مەنىۋى قەھەتچىلىك ئىكەنلىكىنى، بالىلارنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلەلمەي چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى مەن ئوقۇغان بۇ ماقالىدە 26 ياشقا كىرگەن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بىر يىگىت دادىسىغا ‹‹دادا، ئەمدى مەن سىزدە ئوقۇپ، تۇرمۇش تەربىيىسى ئالىمەن›› دېگەن. بىزچە بولغاندا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بالىلار قولدىن چىقىپ بولغان ھېسابلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ بولغان يىگىت ئۆزىدىكى يەنى بىر خىل مەنىۋى كەمتۈكلۈكنى ھېس قىلغان ۋە بۇ كەمتۈكلۈكنى پەقەت ئائىلىدە دادىسىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق تولۇقلىماقچى بولغان. بۇنىڭدىن بىز ئويلاپ قالىمىزكى، بۇ يىگىتنىڭ دادىسى ئوغلى 26 ياشقا كىرگۈچە بالىدا نېمە كەمچىل بولۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭدا قانداق مىجەز خاراكتېر شەكىللىنىۋاتىدۇ، بالىنىڭ ئىدىيىسىدە نېمىلەر بىخلىنىۋاتىدۇ، دېگەنلەرگە دىققەت قىلمىغانمىدۇ؟ بۇغداينىڭ قانداق پىشىدىغانلىقىنى، بىر قاچا تاماقنىڭ شىرەگە قانداق كېلىدىغانلىقىنى، ئادەمنىڭ تۇرمۇش جەريانىدا قانداق پىشىپ - يېتىلىش كېرەكلىكىنى، مۇكەممەل ئەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بالىسىغا ئۆگەتمىگەنمىدۇ؟ چۈنكى بۇلارنى بالىلار مەكتەپتە ئۆگىنىپ بولالمايدۇ، شۇڭا بۇنداق كەسكىن سوئاللار توغرىلىق بالىلارنىڭ يەپ - ئىچىشىگىلا مەسئۇل بولۇۋاتقان بىر  قىسىم ئاتا - ئانىلار مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قايتا ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك، ئەلۋەتتە!
      بالىلار ئائىلىدىن ھەم مېھرىبانلىقنى، ھەم مەسئۇلىيەتنى ئۆگىنىدۇ. مېھرىبانلىق تىلغا ئېلىنسا، كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا ئانا كېلىدۇ. دۇنيادا ئانىدەك مېھرىبان كىشى بولمىسا كېرەك. ئەمما مېھرىبانلىقنى جايىغا ئىشلەتكەندە، ئۇ ھەقىقىي مېھرىبانلىق بولىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، بالىغا قىلىنغان زىيانكەشلىك بولىدۇ. شائىر، پروفېسسور ئىمىن ئەخمىدى‹‹ئانىلاردىكى مېھرىبانلىق ئالدى بىلەن مەسئۇلىيەتتە›› دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن:‹‹ئانىلاردىكى مېھرىبانلىقنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى ئانىلار پەرزەنتلىرىنى خۇددى پادىچى قوي - كالىلىرىنى ئوتلاققا قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ قوناقلىقىغا ياكى بۇغدايلىقىغا كىرىپ، نېمىلەرنى دەسسەپ - چەيلەپ، نېمىلەرنى يەۋاتقانلىقى بىلەن كارى بولمىغاندەك، پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىدۇ. زۆرۈر ئەسكەرتىشتىن، پەندى - نەسىھەتتىن، ئادىمىيلىك ئۆلچەملىرىدىن يىراقتا قالغان بۇ پەرزەنتلەر ئاخىرىغا بېرىپ ئوڭايلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ. ئانىلار ئۆز نۆۋىتىدە مۇنداق مېھرىبانلىقنىڭ دەردىنى تارتىدۇ. ئانىلاردا يەنە بىر خىل مېھرىبانلىقمۇ بولىدۇ. ئۇلار پەرزەنتلىرىنى تۇمشۇقلۇققا چوقۇتماسلىق، قاناتلىققا قېقىتماسلىق مەقسىتىدە، ئۆزىدىن بىر قەدەممۇ يىراقلاشتۇرماي، ئۇلارنى پىژغىرىم ئىسسىقتىن، قەھرىتان سوغۇقتىن، قار - يامغۇردىن، بوران - چاپقۇندىن، ئومۇمەن، كىچىك بالىلار يولۇقۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق مۇشەققەتتىن قاچۇرۇپ، ئۇلارنى بەئەينى پارنىكتىكى گۈللەرنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدۇ. نەتىجىدە بۇنداق بالىلار چوڭ بولسا مۇستەقىل پىكرى يوق، كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىققىمۇ چىدىمايدىغان، ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەردىن بولۇپ قالىدۇ. ئانىلاردا ئۈچىنچى خىل مېھرىبانلىقمۇ بولىدۇ. بۇنداق مېھرىبانلىق ئالدى بىلەن ئانىلاردىكى قەيسەرلىكتىن، تىرىشچانلىقتىن، ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقتىن، قۇلۇم - قوشنىلارغا بولغان تەلەپچانلىقتىن باشلىنىدۇ. قارىماققا، بۇنداق ئانىلار ئاچچىقى يامان، قاتتىق قولدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن پەرزەنتلەرگە بولغان كۆيۈنۈش، ھاياتلىقنىڭ يىراق مۇساپىلىرىگە بولغان ئىنتىلىش ئوتلىرى يېنىپ تۇرىدۇ. ئۇلار مەردانىلىك بىلەن ئۈزۈۋاتقان تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا پەرزەنتلىرىنىمۇ چۆمۈلدۈرىدۇ، ئۆزى مېڭىۋاتقان شىۋىرغانلىق يوللاردا پەرزەنتلىرىنىمۇ ماڭدۇرىدۇ، ئۆزى چىقىۋاتقان داۋانلارغا بالىلارنىمۇ ئېلىپ چىقىدۇ. بالىلىرىغا بەخت - سائادەتنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئەمەس، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ يارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئالىم بولۇشنى ئەمەس، ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىدۇ››.مەن ئويلايمەن، بۇنداق مېھرىبانلىقنى بالىلار چوڭ بولغاندا ھېس قىلىدۇ ۋە ئاتا - ئانىسىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.
      ئائىلىدە بالىلارغا بېرىدىغان دەرسىمىز ئىنتايىن كۆپ. بىز بالا تۇغۇش ماشىنىسى ئەمەس. بىز بالىلارنى بۇ دۇنياغا راھەت كۆرسىتىش، مەڭگۈ مۈرىمىزگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ئىنسانىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش، مۇكەممەل جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئاپىرىدە قىلىش ئۈچۈن تۇغىمىز. ھەر بىر ئائىلىدىن چىققان بالا ئەقىللىق، باتۇر، چېچەن، غۇرۇرلۇق، ئىنسانپەرۋەر، مېھرىبان، كۆيۈمچان، ئىناقلىقنى قەدىرلەيدىغان بولسىلا، ئۇلاردىن تەشكىل تاپقان جەمئىيەتمۇ ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ. مانا بۇ ئاتا - ئانىنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى
ئالدىنقىسى: تۈگەپ قاپتۇ | كېيىنكىسى: بالىڭىز سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار