يېڭى قىزىق نۇقتا :
ئاتىلار ئائىلىنىڭ، ج
بالىلارنى يالغۇز قوي
بالىلار بىلەن بىرگە
بالىلار يالغان سۆزلى
بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىنىڭ سەۋەبى كۆپ بولسىمۇ ئومۇملاشتۇرغاندا، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش؛ ئۆزىنى يلغان سۆزلەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ ئۇنداقتا، بالىلار يلغان سۆزلىسە ئاتا- ئانىلار قانداق قىلىشى كىرەك؟
1. مۇددىئانى چىقىش قىلىش كىرەك.
بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشىدىكى مۇددىئاسى ھەر خىل بولىدۇ. چوڭلار بالىلارنىڭ قايسى خىل مۇددىائنى چىقىش قىلىپ يالان سۆزلىگەنلىكىنى نەزەرگە ئالمايلا بالىلارنى ھاقارەتلىسە، ئۇلارنىڭ ۈۇرۇرىنى ئاسىرىغىلى بولمايدۇ، پىسخىك تەرەققىياتىغىمۇ تەسىر يىتىدۇ.
2. جازالاشقا توغرا كەلسە مۇۋاپىق چەك بولۇشى كىرەك.
چوڭلار يالغان سۆزلەشنىڭ زىيىنىنى بالىلارغا ئىنىق تونۇتۇپ، يالغان سۆزلەشنىڭ خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلغانلىق بولىدىغانلقىنى چۈشەندۈرۈشى كىرەك. ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىگىنى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىقلاپ قالغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى بىلۈرۈپ قويىشى كىرەك. چوڭلار شۇنىمۇ ئىسىدە تۇتۇش كىرەككى ، بالىلارنى قاتتىق جازالىغانلىق ئۇلارنى دائىم يالغان سۆزلەشكە ئۈندىگەنلىك بولىدۇ.
3. بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئىشىندىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كىرەك.
ئەگەر بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكى چوڭلارغا بەك ئىغىر زىيان كەلتۈرمىسە، بالىلانى ئىلھاملاندۇرۇش ئاساسىدا ئۆزىنىڭ بالىلارغا ئىشىندىغانلىقنى بىلىۈرۈپ قويۇش كىرەك. بۇنداق قىلغاندا چوڭلار بىلەن بالىلار ئارسىدىكى چۈشىنىش چوڭقۇرلىشىدۇ. بالىلار تەدىرىجىي ھالدا ئۆزىنىڭ بۇخىل قىلمىشىنى تۈزىتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
4. بىخ ھالىتىدە تۈزىتىشكە ياردەم بىرىشى كىرەك.
بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشى قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئەڭ قورقۇنچلۇقى ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارغا بىسىم پەيدا قىلىپ بالىلاردا يالغان سۆزلەش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ قويشى بولۇپ، بالىلاغا كۆپرەك ئارىلىشىپ ھىسىسيات ، خاراكىتىر جەھەتتە ئۆز ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلغاندا، ئاندىن بۇ خىل ھالەتنى تەدىرىجىي تۈگەتكىلى بولىدۇ.
ئاپتۇرى-- جاسارەت جاپپار