ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئاتىلار ئائىلىنىڭ، ج بالىلارنى يالغۇز قوي بالىلار بىلەن بىرگە بالىلار يالغان سۆزلى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > مۇنەۋۋەر دادا > تولۇق مەزمۇنى

بىر مۇنەۋۋەر دادا ئون ياخشى مەكتەپتىن ئەلا

ۋاقىت : 2013-12-03 23:27 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بىر مۇنەۋۋەر دادا ئون ياخشى مەكتەپتىن ئەلا

لالە خېلىل

   يېقىندا بىر دوستۇم ئېرىنىڭ ئەزەلدىن بالىسىنىڭ ئاتا – ئانىلار يىغىنىغا قاتنىشىپ باقمىغانلىقىنى، خىزمەت ۋە سورۇنلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن دائىم ئانا – بالا ئىككىسىنى يالغۇز قويىدىغانلىقى توغرىسىدا زارلاپ بەرگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى. ئانا بالا تەربىيەسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مېھرى ئارقىلىق بالىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى مېھىر – مۇھەببەتكە تويۇندۇرىدۇ. ئۇنداقتا، دادىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدە رولى يوقمۇ؟ بىر دادا قىزىغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئېسىل خىسلىتى، ئالىيجانابلىقى بىلەن قىزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تاللىشىغا ئۆرنەك بولىدۇ. ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن بولسا، ئەرلىك غۇرۇر، ئەرلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۈلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

   مۇنداق بىر ھېكايە ھېلىمۇ يادىمدا: بەش ياشلىق بالا ئىشتىن كەچ كەلگەن دادىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، جىددىي تەلەپپۇزدا: دادا، بىر سائەت ئىشلىسەڭ نەچچە پۇل تاپىسەن؟ دەپ سوراپتۇ. 20 دوللار دەپتۇ دادىسى. ئۇنداقتا ماڭا 10 دوللار بېرىپ تۇرامسەن؟ ساڭا خەجلەيدىغان پۇل بېرىۋاتىمىزغۇ بالام، بۇنداق يامان ئۆگەنسەڭ بولمايدۇ! ئىشتىن ھېرىپ كەلگەن دادا بالىنىڭ تەلىپىنى تومتاقلا رەت قىلىۋېتىپتۇ. لېكىن بالا بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، دادىسىنىڭ كەينىگە كىرىۋاپتۇ. بالىسىنىڭ جېدىلىدىن بالدۇرراق قۇتۇلماقچى بولغان دادا بالىسىغا 10 دوللارنى تۇتقۇزۇپ ، ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. دادا ئەتىسى ئەتىگەن ئىشقا ماڭاي دەپ تۇرغاندا، بالىسى: دادا، بۇ 20 دوللار، يەكشەنبە كۈنى مەن سېنىڭ بىر سائەت ۋاقتىڭنى سېتىۋالىمەن، مەن بىلەن ئوينايسەن دەپتۇ. بالىنىڭ بۇ ئىشىدىن ھەم ھەيران قالغان ھەم خىجالەت بولغان دادا بالىسىنى باغرىغا مەھكەم بېسىپتۇ.

   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشى دادا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە زىچ باغلىنىشلىق ئىكەن. بىر كۈندە دادىسى بىلەن ئىككى سائەتتىن ئارتۇقراق بىللە بولغان بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى بىر ھەپتىدە دادىسى بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقتى ئالتە سائەتكە يەتمەيدىغان بالىلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن. دادا مېھرىنىڭ قىزلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئوغۇل بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن. ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاقلاردىمۇ ھېسسىياتتىكى بۇنداق ئۆزگىرىشنى بايقىغىلى بولىدىكەن. مەسىلەن: دادا مېھرىگە قانمىغان بوۋاقنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز، ئىشتىھاسى ناچار، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولىدىكەن. كىچىك ۋاقتىدا دادا مېھرىگە قانمىغان بالىلارنىڭ مەكتەپتىن چېكىنىش نىسبىتى باشقا بالىلارغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

   ئەتراپىمىزدا ئەرلەر پۇل تېپىپ ئائىلىنى قامداشقا، ئانىلار بالا تەربىيەلەشكە مەسئۇل دەپ، پەرزەنت تەربىيەسىنى ئانىلارغىلا ئىتتىرىپ قويۇپ، ئۆزىنى چەتكە ئېلىۋالىدىغانلار يوق ئەمەس. پەرزەنتنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇش ئاتا – ئانىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. دادىلار ئۆزىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئورنىنى توغرا تونۇپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، بىر مۇنەۋۋەر دادا ئون ياخشى مەكتەپتىن ئەلا.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار