تېخىمۇ كۆپ قاناللار بۇ يەردە يانفۇن|كومپىيۇتىر|ساقلىۋىلىڭ|بەشتاش
ئېنگىلىزچە MTV
ئۇيغۇرچە MTV
خەنزۇچە MTV
تەۋسىيلىك MTV
سۈرەتسىز MP3
مەسەللەر
چۆچەك
جۇغراپىيە
جەمئىيەت
تەنتەربىيە
تەبىئەت
ئېلىم-پەن
ئىقتىساد
شەخىس
تېخنىكا
تارىخ
سەنئەت
تۇرمۇش
مەدەنىيەت
تەۋەرۈك ئويۇن
مۆچەل
ئۆزتىل كارتون
شىنجاڭ كارتون
خەنزۇچە كارتون
ئېنگىلىزچە كارتون
ئۇيغۇر تىلى
ئىنگىلىزتىلى
خەنزۇتىلى
رەڭ تولدۇرۇش
ئەقلى سىناق
ئۇرۇش-سوقۇش
ياساندۇرۇش
بىرىكتۇرۇش
ئىللىق ئائىلە
0-6ياشقىچە
7-12ياشقىچە
بالىلار كۈيلىرى
بالىلار كارتونلىرى
ئۈگۈت
مەسەل
يېڭى ناۋا
مېنىڭ ناخشام
تەييارلىق
قوزام
دىتال
ماتېرىيال
ئوقۇتۇش
سۈرەت
يۇمتال
بەشتاش بىلوگ
مەخسۇس سەھىپە
يېڭى قىزىق نۇقتا : بالام سورىغان سۇئالل ئانا قەلبى مېھىر-مۇھ ئانا قەلبى مېھىر-مۇھ مەسئۇلىيەتنىڭ قۇدرى
يېقىندا ۋال كوچىسى گېزىتىدە «نېمە ئۈچۈن جۇڭگولۇق ئانا ئەڭ مۇنەۋۋەر بولالايدۇ» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ،ئامېرىكا ۋە كانادا ئاھالىلىرى ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى،بۇنىڭدىن كىشىلەر ئىلھام ئېلىپ جۇڭگولۇق ئانىلار بىلەن غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەكتە.
ماقالىنىڭ مۇئەللىپى سەي مېيئېر ئىسىملىك ئايال بولۇپ، ھازىر يالى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، ئۇ ماقالىسىدا ئۆزىنىڭ قىزلىرىنى تەربىيەلەش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇلارنىڭ سىرتلارغا دوستلىرى بىلەن ئوينىغىلى چىقىشىنى چەكلىدىم، تېلېۋىزور، كومپيۇتېر ئوينىشىغا يول قويمىدىم، كۈندە ئىجتىھات بىلەن پىئانىنو ۋە ئىسكىرىپكا مەشىق قىلدۇردۇم، تىياتىر ۋە تەنتەربىيە دەرسىدىن باشقا دەرسلەردە بىرىنچى بولۇش تەلىپىنى قويدۇم، مېنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشۇم بىلەن ئىككى قىزىم ئۆگىنىشتە ئاخىرى ئۈزۈپ چىقتى، چوڭ قىزىم ئاخىرىداكارنىك زالىدا پىئانىنو چېلىشقا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاندى، كىچىك قىزىمنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى. بۇ پىروفېسسور سەي مېيئېرنىڭ جۇڭگوچە تەربىيەلەش ئۇسۇلىنىڭ پايدىسىدىن بولغان ئىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ غۇرۇرىغا ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلھام بېرىش ۋە ماختاشقىلا تاينىدىغانلىقى، ئۇلاردا بالىلارنىڭ كەمچىللىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش تەربىيەسىنىڭ كەملىكىنى تەنقىد قىلغان.
ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بولغان ئىنكاس ئىككى خىل بولدى، ئۇنى قوللىغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولدى، تور ئەھلىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، %60.7 كىشى ئۇنىڭ شەرقچە تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قۇۋۋەتلىگەن، ئەلۋەتتە قارشى تۇرغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس، جۇڭگولۇقلار ئەۋلادىدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن ئانىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پىروفېسسور سەي مېيئېرنىڭ تەربىيەلەش ئۇسۇلى ھەددىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ، بۇ رەھىمسىزلىك، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئۇنچە قاتتىق باشقۇرمايدۇ، ئۇلار بالىلىرىغا كەڭ قورساق بولۇپلا قالماي ھەتتا ئەركە چوڭ قىلىدۇ.
بۇ مۇنازىرىدە ھەر بىر كىشىنىڭ سۆزىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ياكى جۇڭگولۇقلار ئەۋلادىدىن بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ياخشى، بۇنى غەرب دۆلەتلىرى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەيلىك ئوقۇغۇچىنىڭ «خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنى باھالاش پىلانىدا» نەتىجىسى ئەلا بولۇپ، ئامېرىكا ۋە كانادالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى تېخىمۇ جانلىق ئىسپات بولالايدۇ. بۇنىڭدا جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىنى ھۆرمەت قىلىش ئەنئەنىسى بار، جۇڭگودا ئۇستاز تەلەپچان بولسا، شاگىرت قابىلىيەتلىك بولىدۇ دەيدىغان ئەقلىيە سۆزىمۇ بار. جۇڭگولۇق ئانىلار نۇرغۇن ۋاقتىنى، يۈرەك قېنىنى ۋە زېھنى قۇۋۋىتىنى بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە سەرپ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ چوقۇم پىروفېسسور سەي مېيئېرغا ئوخشاش بالىنى بالىلىقىدىكى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس.
ئىمتىھان مائارىپى، زورلاپ ئوقۇتۇش مائارىپى قاتارلىقلار ھەقىقەتەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى يېتىشتۈرۈش ۋە جارى قىلدۇرۇشقا پايدىسىز، ئامېرىكىدىكى رەسسام دىڭ شاۋگۇئاڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئاساسىي ئىقتىدارغا كەلسەك، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلاردىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كەمچىلىكى، ئۇلار ھەددىدىن زىيادە بىر قېلىپقا چۈشۈۋالغان، ئۇلاردا تەسەۋۋۇر ۋە ئىجادچانلىق كەمچىل. ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار ئاساسىي ئىقتىدارنى ياخشى ھازىرلىماي تۇرۇپلا، مۇستەقىل ئىش قىلىشنى ئويلايدۇ، مانا بۇ جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ۋە پسىخىكا جەھەتتىكى پەرقى، ئەمما ئارتۇقچىلىقلىرى ئارقىلىق كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاش، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەربىيىلەش، بالىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىجادچانلىقىنى قېزىش ھەرقايسى دۆلەت مائارىپىنىڭ ئورتاق يۆنىلىشى.