ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالام سورىغان سۇئالل ئانا قەلبى مېھىر-مۇھ ئانا قەلبى مېھىر-مۇھ مەسئۇلىيەتنىڭ قۇدرى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > كۆيۇمچان ئانا > تولۇق مەزمۇنى

ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەر

ۋاقىت : 2012-04-18 11:38 | مەنبەسى : خەلق تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەر

 

 * ئايالنىڭ ئۇششاق نۇقسانلىرىنى كەچۈرەلمىگەن ئەر ئۇلارنىڭ بۈيۈك پەزىلەتلىرىدىن بەھرىمەن بۇلالمايدۇ. ـــــ جىبران.
  * تالانتلىق ئاياللار ئەرلەرنى جەلپ قىلىدۇ، ئاقكۆڭۈل ئاياللار ئەرلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، چىرايلىق ئاياللار ئەرلەرنى ئازدۇرىدۇ، چارە-تەدبىرلىك ئاياللار ئەرلەرنى چارچىتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ــــــ رومىن روللان.
 
  * دۇنيادىكى ھەممە گۈزەللىكلەر ئايالغا بولغان مۇھەببەت سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن. ـــــ م . گوركىي.
 
  * قىز بالىنىڭ ھەممە بايلىقى ئۇنىڭ نومۇسى، ئۇ بايلىق ھەرقانداق مىراستىن قىممەتلىك. ـــــ ۋ . شىكىسپىر.
 
  * ئانىنىڭ قەلبى قىزلار ئۈچۈن بىر دەرسخانىدۇر. ـــــــ بېكون.
 
  * سېنى سۆيىدىغان ئايال چوڭ خاتالىقلىرىڭنى كەچۈرىدۇكى، كېچىككىنە ۋاپاسىزلىقىڭنى كەچۈرمەيدۇ. ـــــــ لارۇشىخوكى.
 
  * ئايالنى ئازاپقا قالدۇرغان ئەر بەخىتلىك بۇلالمايدۇ. ــــــ ھىيوگۇ.
 
  * ئايالنى سۆيۈشنى بىلمىگەن كىشى دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل سىرلىرىدىن بىخەۋەر ئۆتىدۇ. ــــــ سىتىندال.
 
  * تەبىئەت ئايالغا مۇراجىئەت قىلىدۇ: ھۆددىسىدىن چىقالىساڭ گۈزەل بول؛ خالىساڭ ئاقىل بول؛ ئەمما، دىتىڭ بولسۇن. ـــــــ پ. يامارىشى.
 
  * ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئايالنىڭ گۈزەل بولۇشى ئەمەس، ئەقىللىق بولۇشى مۇھىم. ــــــــ ئا. پ. چېخوپ. * ياخشى ئايال بىر مەكتەپكە ئوخشايدۇ، ياخشى ئەر شۇ ئايال ئارقىلىق دۇنياغا قەدەم تاشلايدۇ. ــــــــ لىياڭ شىياۋشىڭ.
 
  * ياخشى خوتۇننىڭ كۆڭلى ئوچۇق، ھەرىكىتى توغرا بولىدۇ، ئۇنى نازارەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. يامان خوتۇننى نازارەت قىلىشمۇ كارغا كەلمەيدۇ، ئۇنى توسۇۋالغىلىمۇ بولمايدۇ. ــــــ گورىسى.
 
  * ئانا سىز يۆلىنىۋالىدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى يۆلىنىۋېلىشقا مۇھتاج بولماسلىقنى ئۆگىتىدىغان ئادەم. ـــــــ فىشىر.
 
  * مەن ھاياتلىق دۇنياسىدا بىر دېڭىزنى كۆردۈم، مانا ئۇ ـــــ ئانا. ـــــــ گىيوتى.
 

  ‹‹ئاياللار ھەققىدە ھېكمەتلەر›› ناملىق كىتابتىن ئابلەت ئابلىز سەردارى تەييارلىغان.
  تەييارلىغۇچى: ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەكتىپىدە

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار