ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تىخنىكا ۋە كەشپىيات > تولۇق مەزمۇنى

نېمە ئۈچۈن نەچچە مىليون دوللارغا بىر تال قەلەم ياسايدۇ ؟

ۋاقىت : 2013-04-27 18:36 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

نېمە ئۈچۈن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى خەت يازغاندا قېرىنداش ئىشلەتمەي نەچچە مىليون دوللارغا بىر تال قەلەم ياسايدۇ ؟

ھىندىستاننىڭ داڭلىق چولپىنى ئامىرخاننىڭ باش رول ئالغان ھەم ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئىشلىگەن «ئۈچ ئەخمەق» فىلىمىنى كۆرمىگەنلەر ناھايىتى ئازغۇ دەيمەن. شۇ كىنودا مەكتەپ مۇدىرى يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەۋېتىپ، قاتتىق ھاياجان ئىلكىدە ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقى قەلىمىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ ۋە ئالەم بوشلۇقىدا سىياھ قەلەم ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ قەلەمدە ھەرقانداق بۇلۇڭ ۋە تارتىش كۈچى يوق ھالەتتىمۇ نورمال خەت يازغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇ چاغدا كەپسىز رانچو تەپ-تارتماي مۇدىردىن نېمە ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىدا قېرىنداش ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى سورايدۇ ۋە مۇدىرنى دەمال ئوسال ئەھۋالدا قويىدۇ. ئۇنداقتا بۇ كىنونى كۆرگەن سىزدىمۇ مۇشۇنداق سوئال پەيدا بولغانمۇ ؟

ئەمەلىيەتتە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىمۇ ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا دەل مۇشۇ مەسىلىگە يولۇققان. يەنى قانداق قىلغاندا ئېغىرلىق كۈچى يوق مۇھىتتا خەت يازغىلى بولىدۇ؟ كېيىن ئامېرىكا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ئاجىرىتىپ مەزكۇر مەسىلىنى تەتقىق قىلغان ۋە «ئالەم بوشلۇقى قەلىمى»نى كەشىپ قىلغان. رۇسىيە بولسا ھېچ ئىككىلەنمەيلا قېرىنداش قەلەم ئىشلىتىپ بۇ مەسىلىدىن قۇتۇلغان.

لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەخمەقلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. NASA ئاپوللو پىلانىدا بۇ ئېغىرلىق كۈچىگە قارشى قەلەمنى ياساپ چىققان. بۇ قەلەمنى ياساپ چىقىشقا نۇرغۇن مەبلەغ كەتكەن. ئىككى يىلدىن كېيىن ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى مەزكۇر قەلەمنى رەسمىي ئىشلىتىشكە باشلىغان.

ئۇنداقتا ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن قېرىنداش ئىشلەتمەيدۇ؟ ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «ئۈچ ئەخمەق» فىلىمىدە، مۇدىرنىڭ قېرىنداش قەلەم ھەققىدە بەرگەن چۈشەندۈرۈشى ناھايىتى ئورۇنلۇق بولۇپ، خۇددى ئۇ ئېيتقاندەك قېرىنداشنىڭ قالدۇقى يەنىلا ئالەم ئايروپىلانى ئىچىدە لەيلەپ يۈرىدۇ. بۇ ئۇچقۇچىلارنىڭ كۆزىگە ۋە بۇرۇن، ئېغىز تۆشۈكلىرىگە كىرىپ، ھەرخىل ئويلىمىغان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇش بىلەن بىرگە، قېرىنداشنىڭ كېسىۋېتىلگەن ياغاچ قالدۇقلىرىنىڭ ھەتتا پارتلاش كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالىمۇ يۇقىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن كېيىنچە سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ بۇ خىل ئالەم بوشلۇقى قەلىمىنى ئىشلەتكەن.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ