ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تىخنىكا ۋە كەشپىيات > تولۇق مەزمۇنى

NASA «يېڭى يەر شارى»نى بايقىدى

ۋاقىت : 2013-04-25 04:08 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
NASA قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىن «يېڭى يەر شارى»نى بايقىدى

NASA «يېڭى يەر شارى»نى بايقىدى

يەر شارى ئەمدى تەنھا ئەمەس! ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنى ھاياجانلاندۇرغىنى، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى «NASA» يېقىندا Kepler «كېپلېر» تېلېسكوپنىڭ ياردىمى ئاستىدا، يەر شارىدىن 1200 نۇر يىلى يىراقلىقتىكى لىرا يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىكى «كېپلېر 62» نومۇرلۇق تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن يەر شارىغا ئىنتايىن ئوخشايدىغان ئىككى پىلانىتنى بايقىغانلىقىنى بۇ ئىككى پىلانىتنىڭ يەر شارىغا ئوخشاشلا «ياشاشقا ماس كېلىش بەلبېغى»غا جايلاشقاندىن سىرت يەنە يەر شارىغا ئوخشاشلا تاغ جىنسلىرى ۋە سۇلاردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ پىلانىتلارنىڭ چوڭ كىچىكلىكىمۇ يەر شارى بىلەن ئاجايىپ ئوخشاش بولۇپ، ئالىملار نۆۋەتتە بۇ ئىككى پىلانىتتا ھەتتا سۇنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىغا چوڭقۇر ئىشەنمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەر شارىغا ئوخشايدىغان ئىككى پىلانىت يەر شارىدىن 1200 نۇر يىلى يىراقلىقتىكى لىرا يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىكى «كېپلېر 62» نومۇرلۇق تۇرغۇن يۇلتۇزلار تۈركۈمىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئىككى پىلانىتنى ئامېرىكا ئىندىئاننا ئىشتاتلىق بۈۋى مەريەم ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسترونوم فىزىك ئالىملىرىنىڭ NASA نىڭ «كېپلېر» تېلېسكوپىنى ئىشلىتىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغان ئىكەن. «كېپلېر» تېلېسكوپى 2009-يىلى 3-ئايدا قۇيۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ تېلېسكوپنىڭ ۋەزىپىسى ئاسترونوملارغا ياردەم قىلىپ، يەر شارىغا ئوخشاپ كېتىدىغان تاشقى پىلانىتلارنى كۆزىتىش ھەم تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىكەن. «كېپلېر» تېلېسكوپى ئادەتتە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ دەۋرىيلىك ئۆزگىرىش ھادىسىسىگە ئاساسەن، قۇياش سىستېمىسىدىكى يەر شارىغا ئوخشايدىغان پىلانىتلارنى كۆزىتىپ تېپىپ چىقالايدىكەن.

ئامېرىكا بۈۋى مەريەم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا پەنلىرى پروفېسسورى جاستىن كىلەيپنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئاسترونوملىرى «كېپلېر 62» نومۇرلۇق تۇرغۇن يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىن بەش يېڭى پىلانىتنى بايقىغان بولۇپ، بۇ يېڭى بايقالغان بەش پىلانىتنىڭ ھەممىسى خۇددى قۇياشقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىكەن، لېكىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى «كېپلېر 62e» ۋە «كېپلېر 62f» نومۇرلۇق ئىككى پىلانىت خۇددى يەر شارىنىڭ قۇياش سىستېمىسىدىكى «ياشاشقا ماس كېلىش بەلبېغى» غا ئورۇنلاشقىنىغا ئوخشاش ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە بۈگۈنگە قەدەر ئاسترونوملار بايقىغان يەر شارىغا ئەڭ ئوخشايدىغان تاشقى پىلانىت بولۇپ، ھەتتا بۇ ئىككى پىلانىتنى يەر شارىنىڭ قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى «قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللىرى» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدىكەن.

پروفېسسور جاستېن كىلەيىپنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بىر يىل ئىلگىرى «كېپلېر 62» نومۇرلۇق تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن بىر تال قارا نۇقتىنى بايقىغان بولۇپ، كېيىنچە ئامېرىكا NASA ئەيمۇس تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاسترونومى- ۋىليام بۇرۇج باشچىلىقىدىكى ئاسترونومىيە ئالىملىرى نەچچە ئايلىق كۆزىتىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا «كېپلېر 62» نومۇرلۇق تۇرغۇن يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى 62b、 62c、 62d、 62e ۋە 62f تىن ئىبارەت بۇ يېڭى بەش پىلانىتنى بايقاپ چىققان ئىكەن. گەرچە ئۆتكەن 4 يىلدا، ئاسترونوملار كېپلېر تېلېسكوپى ئارقىلىق 3000 غا يېقىن تاشقى پىلانىتنى بايقىغان بولسىمۇ، لېكىن «كېپلېر 62» نومۇرلۇق تۇرغۇن يۇلتۇز سىستېمىسىدىكى بۇ يېڭى بايقالغان بەش پىلانىت ئەڭ مۇھىم پىلانىتلاردىن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى «كېپلېر 62e» ۋە «كېپلېر -62f» دىن ئىبارەت ئىككى پىلانىت يەر شارىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولغان يېڭى پىلانىتلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ئىككى پىلانىتتا سۇيۇق ھالەتتىكى سۇنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن بولۇپ، شۇڭلاشقا بۇ پىلانىتلاردا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا ماس كېلىدىغان شەرت شارائىتنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن.

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، «كېپلېر -62e» ۋە «كېپلېر 62f» دىن ئىبارەت بۇ ئىككى پىلانىتنىڭ ھەممىسىلا تاغ جىنسلىرى ھەم مۇزلۇقتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئالىملارنىڭ بۇ ئىككى پىلانىتتا سۇيۇق ھالەتتىكى سۇنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھەتتا بۇ يەردە ھاياتلىقنىڭمۇ مەۋجۇت بولۇشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«NASA «يېڭى يەر شارى»نى بايقىدى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ