ۋاقتى:2014-02-17 12:15 | مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتورى:admin | كۆرۈلىشى:قېتىم
12 – فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 15تىن 19مىنۇت ئۆتكەندە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 12كىلومېتىر بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئالتە ناھىيە، بىر شەھىرىدىكى 60مىڭدىن كۆپرەك ئامما ئاپەتكە ئۇچرىدى. ئەمما كىشىنى خاتىرجەم قىلىدىغىنى ھازىرغىچە تالاپەت كۆرۈلگەنلىك مەلۇماتى تاپشۇرۇۋېلىنمىدى.
7.3 بال يەر تەۋرىگەن شارائىتتا ھېچقانداق تالاپەت كۆرۈلمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ كىشىلەر شالاڭ ئولتۇراقلاشقان ئېگىز تاغلىققا، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلارغا مەركەزلەشكەنلىكىدەك ئوبيېكتىپ سەۋەبنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا نەزەر سالساق، بۇ يەردە ‹‹ئادەم›› ئامىلىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس.
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يىراققا نەزەر تاشلاپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ‹‹يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش›› ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ دەرىجە بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئۇل مۇئەسسەسە كاپالىتىنى كۈچەيتتى. ‹‹ئەسكەرلەرنى ئۇزاق مۇددەت بېقىشتىكى مەقسەت، ئۇنىڭ رولىنى بىر مەھەل جارى قىلدۇرۇشتا››، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاپەت ئالدىدا، بۇ تەدبىرلەر تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپەت زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈردى.
يۇقىرى: يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتى يۇقىرى پەللىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن كۆپ قېتىم ‹‹بىخەتەرلىك ۋە ساغلاملىق خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش››، دەپ تەكىتلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتمۇ شۇنداق قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قاتلىمىدا ئون قېتىمدىن كۆپرەك يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالىنى ئىلمىي تەتقىق قىلىپ، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇردى. يېقىندا، يەنى 2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم چاقىرغان دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
بۇنداق يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ئاستىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتى ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتقا ئېرىشتى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا بەش دەرىجىلىك يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش سىستېمىسى قۇرۇلدى ھەم ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش پىلانى(2011 – يىلىدىن 2015 – يىلىغىچە)›› تۈزۈپ چىقىلىپ، شەھەر، يېزىلاردىكى نۇقتىلىق ئىمارەتلەرنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە پۇختىلاش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلۇپ، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
تېز: جىددىي بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى ئورنىتىلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى
2013 – يىلى 28 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدىن كۈچلۈك سىگنال ئاڭلاندى، ئاپتونوم رايون بۇ يەردە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.2 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىنى تەقلىدىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە جىددىي ئەھۋالغا 2 – دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئېغىر دەرىجىدىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويىچە ئۈستەل يۈزىدە مانېۋىر ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزىگە ئەزا ئورۇنلار ئېغىر دەرىجىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە تەرتىپى بىلەن تونۇشتى، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسى››نى تەكشۈرۈپ، تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئالاقىسى، بايلىقتىن ئورتاق پايدىلىنىش، ھەمكارلىشىپ بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسىدە يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ يەن كېرىيە ناھىيەسىدە 12 – فېۋرال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇلتۇر 28 – سېنتەبىردىكى ئۈستەل يۈزى مانېۋىرىنىڭ رولى ھازىر يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. بۇ مانېۋىر گەرچە تەقلىدىي بولسىمۇ، ئەمما تارماقلارنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك سىناپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي ئاپەت يۈزبەرگەندە، ئاپەتكە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قىسقارتتى››.
ئەمەلىيەت: يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشنىڭ ‹‹پولات ئىستىھكامى›› قۇرۇپ چىقىلدى
شىنجاڭ يەنىلا ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايون بولسىمۇ، لېكىن يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش سېلىنمىسى جەھەتتە ئەزەلدىن ناھايىتى سېخىي بولۇپ كەلدى. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش يۈزبېرىشتىن تەخمىنەن 40 كۈن ئىلگىرى ئاپتونوم رايون يەنە 21 مىليون 940 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئەشيالارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىپ، بۇلتۇر تۈرلۈك ئاپەتلەرنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلغانىدى.
بۇ سېلىنما ‹‹ئازراق›› بولسىمۇ، تېخىمۇ زور ھەم سىستېمىلىق سېلىنما جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئامبىرى ۋە ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا گەۋدىلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئېھتىياجلىق ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىسكىلاتىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى 2012 – يىل 8 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئېچىلدى، كۆلىمى 37 مىڭ كىۋادرات مېتىر، يىللىق كىرگۈزۈش – چىقىرىش مىقدارى 2 مىليون توننىلىق بۇ ئىسكىلات يەنە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى. ‹‹12 – بەش يىل››دا، بۇ ئىسكىلاتنىڭ زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى 400 مىڭ توننىدىن 600 مىڭ توننىغىچە يەتكۈزۈلۈپ، كۆلىمى 160 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيتىلىپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ مۇھىم ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرمۇ بەس – بەستە جىددىي ئېھتىياجلىق ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇشنى قانات يايدۇرىدۇ. كېرىيە ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا شۇ كۈنى كەچتىلا چېدىر، يوتقان، يېمەكلىك قاتارلىق ئەشيالار تارقىتىلدى، بۇ ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئېھتىياجلىق ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىسكىلاتىنىڭ زاپىسىنىڭ يېتەرلىك بولغانلىقىنىڭ پايدىسى.
يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى يەنىلا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى. ئاپتونوم رايون 2010 – يىلى بۇ قۇرۇلۇشنى باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ئەمىن تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىنىمۇ يېڭى ئۆلچەم، يېڭى تەلەپ بويىچە بىرىكتۈردى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايون جەمئىي 81 مىليارد 500 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە 920 مىڭ يۈرۈشتىن كۆپرەك ئۆي سالدى، بۇنىڭ بىلەن 3 مىليون 600 مىڭدىن كۆپ دېھقان، چارۋىچى يەر تەۋرەشكە چىدامچانلىقى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايون ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، جىددىي ئېھتىياجلىق ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىسكىلاتى ۋە جىددىي پاناھگاھ قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنە 300 مىڭ يۈرۈش ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى باشلايدۇ.