خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى جىددىي ئېلىپ باردىنۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > مەخسۇس سەھىپە > يەر تەۋرىدى > خوتەندە يەر تەۋرىدى >

خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى جىددىي ئېلىپ باردى

ۋاقتى:2014-02-17 13:53 | مەنبە:未知 | ئاپتورى:admin | كۆرۈلىشى:قېتىم



قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى جىددىي ئېلىپ باردى

خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى جىددىي ئېلىپ باردى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە 12-فېۋرال سائەت 17دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە 7.3 بال يەر تەۋرەپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 12 كىلومېتىر بولغان، يەر تەۋرەشتە 2400 كەنت ئاھالىسى، 9000دىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان. 891 ئۆيگە ئوخشىمان دەرىجىدە دەز كەتكەن، 86 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 187 دانە مال ئۆلۈپ قالغان. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە تېزدىن ئاتلاندى.
 شىنجاڭ ھەربىي رايونى قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لۈيىنىڭ ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلانى سائەت 21 دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن ئايرودۇرۇمىغا قوندى. كېرىيە ناھىيەسىدىكى خەلق قوراللىق قىسىمىنىڭ 15 ئوفىتسېر – ئەسكىرى ۋە 120 خەلق ئەسكىرى 70 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى جىددىي بېسىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا باردى. ئىشلەپچىقىرىش يىڭىدىكى 100 ئوفىتسېر – ئەسكەر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا قاراپ ئاتلاندى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ بەش مىنۇت بولمايلا، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، خوتەن تارماق ئەترىتى 4 – ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ 20 ئوفىتسېر – ئەسكىرى سائەت 19 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە يەر تەۋرەش مەركىزىگە ئەڭ يېقىن يەر ئاچچان يېزىسىنىڭ پىشكە كەنتىگە يېتىپ باردى، ماقالە تارقىتىلغانغا قەدەر، پىشكە كەنتىنىڭ ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدا چېدىردىن 20 سى تىكىلدى.

 
    بارلىق ھوقوق بەشتاش بالىلار مائارىپ تورىغا مەنسۇپ
    版权所有五石『五石网BaxTax』 儿童教育网
    Copyright by © 2008-2013 BaxTax.Cn , Powered by 2008-2013 BaxTax.Cn