يەر تەۋرەشنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى ئۈچ خىل قىياس
ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ھىندونېزىيەدىكى دېڭىز تاشقىنى ، يۈشۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى، جىلىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى، ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارلىق بىر قاتار ئاپەتلەر يۈز بېرىپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ساراسىمگە سېلىۋەتتى. بەزىلەر ھازىر يەر شارى تەۋرەش ھالىتىگە ئۆتۈۋاتىدۇ، دېيىشتى. يەر شارى راستتىنلا يەر تەۋرەش مەزگىلىگە قەدەم قويۇۋاتامدۇ ؟ بىز يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى قاتارلىقلارنى قانچىلىك چۈشىنىمىز ؟ بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى بىلىپ قويۇش ئارتۇقچە بولماس.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئالىملار يەر تەۋرەش دولقۇنىنى تەتقىق قىلىشقا باشلاپ، يەر تەۋرەش ئىلمى، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلغانىدى. بۇ ھەقتىكى نىسبەتەن تەسىرى زور قىياسلار تۆۋەندىكى ئۈچ خىلدىن ئىبارەت.
بىرىنچى، 1911-يىلى رىد يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۈزلۈكسىز جۇغلانغان نىسپىي دېفورماتسىيە ئېنېرگىيەسى تاغ جىنىسلىرىنىڭ سىجىللىقىدىن ئېشىپ كەتكەندە ئۈزۈلمە قاتلام پەيدا بولىدىغانلىقىنى، ئۈزۈلمە قاتلام شەكىللەنگەندىن كېيىن، تاغ جىنىسلىرى ئېلاستىك قاڭقىپ، يەنە ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن جۇغلانغان ئېنېرگىيە تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يەر تەۋرەش كېلىپ چىقىرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاتالمىش ‹‹ئېلاستىك قاڭقىش تەلىماتى›› ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىككىنچى، 1955-يىلى ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشنى تەتقىق قىلىش ئورنى يەر ئاستىدىكى تاغ جىنىسلىرىنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشى تەكشى بولمىغاندا، قىسمەن ئېرىپ ھەجىمى كېڭىيىپ كېتىپ، يەرلىك تاشلارنى قىستاپ چىقىرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ يەر تەۋرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاتالمىش ‹‹ماگما ھۇجۇمى تەلىماتى›› ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
ئۈچىنچى، ئامېرىكىلىق ئالىم برىدگرمان يەر ئاستىدىكى ماددىلارنىڭ بەلگىلىك كىرىتىك تېمپېراتورا ۋە بېسىم ئاستىدا، بىر خىل كىرىستال ھالەتتىن باشقا بىر خىل كىرىستال ھالەتكە ئايلىنىپ، ھەجىمى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپلا يەر تەۋرەيدىغانلىقىدەك ‹‹فازىلىق ئۆزگىرىش تەلىماتى››نى ئوتتۇرىغا قويغان.