ۋاقتى:2014-02-17 12:13 | مەنبە:未知 | ئاپتورى:admin | كۆرۈلىشى:قېتىم
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 13 – فېۋرال سائەت 19 دا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئاپەت يۈزبەرگەن رايونغا بارغان ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن كېرىيە ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش نەق مەيدان قوماندانلىق ئىشتابى يىغىنى ئېچىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى يەكۈنلەپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
13 – فېۋرال سائەت 23 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، يەر تەۋرەشتە كېرىيە ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، خوتەن ناھىيەسى، خوتەن شەھىرىدىكى 60 مىڭغا يېقىن كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان، 20 مىڭغا يېقىن كىشى جىددىي يۆتكىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 1000 دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ 3000 ئېغىزدىن كۆپرەك ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئاپەت سەۋەبلىك 2000 تۇياقتىن كۆپرەك چارۋا ئۆلگەن، ھازىرچە كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات يوق ئىكەن.
يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە دەرھال جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى. ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلاردىكى ھەردەرىجىلىك رەھبەرلەر تېزدىن ئاپەت ئەڭ ئېغىر يۈز بەرگەن رايونغا باردى. ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى ۋىلايەت، ناھىيەدىن تەشكىللىگەن 12 تېببىي خادىم يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايونغا يېتىپ باردى. ئاپتونوم رايون، شۇنداقلا يەرلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى 800 گە يېقىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرى، 3000 يۈرۈشتىن كۆپرەك پاختىلىق كىيىم، يوتقان – كۆرپە، شۇنداقلا گېنېراتور قاتارلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسى، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تارقىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تاماق، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
شىنجاڭ يەر تەۋرەش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش نەق مەيدان خىزمەت ئەترىتى يەر تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن بولغان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ پىشكە كەنتىگە يېتىپ باردى، قالغان توققۇز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا كېرىيە ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك يېزا – بازار، كەنتلىرىگە بېرىپ، ئاپەت زىيىنىنى، شۇنداقلا ئاپەتنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ توققۇز كىشىلىك نەق مەيدان خىزمەت ئەترىتى 13 – فېۋرال كېرىيە ناھىيەسىگە يېتىپ بېرىپ ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.
ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى 13 – فېۋرال دەرھال يەر تەۋرەش گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى گۇرۇپپىسىنى كېرىيە ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش يۈزبەرگەن رايوندا گېئولوگىيەلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى تېخنىكا يېتەكچىلىكى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتتى.
13 – فېۋرال سائەت 14 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، كېرىيە يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى جەمئىي 1060 قېتىملىق قالدۇق يەر تەۋرەشنى خاتىرىلىگەن.